سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە(ھېيت كۈنى بىلەن) روزا تۇتۇش ياخشى كۆرۈلەمدۇ؟

سۇئال

سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلاردا ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ماقالىلارنى ئوقۇدۇم. بۇ توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا، بىز 9 كۈن روزا تۇتامدۇق ياكى 10 كۈنمۇ؟ چۈنكى زۇلھەججىنىڭ 10- كۈنى ھېيت بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

زۇلھەججە ئېيىدا 9 كۈن روزا تۇتۇش ياخشى.بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۈنلەر ئىچىدە ئاللاھ تائالاغا زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈنىدىغان ئەمەل يوق، دېگەندە، ساھابە كىراملار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ، ئەمما بىر كىشى ئۆزىنىڭ جىنى ۋە مىلى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىپ قايتمىغان بولسا (يەنى ئۇرۇشتا شېھىت بولۇپ كەتكەن بولسا) بۇ ھەممىدىن ياخشى، دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 969-ھەدىس].

ھۈنەيدە ئىبنى خالىد ئايالىدىن، ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىدىكى ئاۋۋالقى 9 كۈن، ئاشۇرا كۈنى، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن يەنى ئاينىڭ ئاۋۋالقى دۈشەنبە كۈنى ۋە كىيىنكى ئىككى پەيشەنبە كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتى، دېيىلگەن. [ئىمام ئەھمەد 21829-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد2437-ھەدىس. ئىمام زەيلەئى نەسبۇررايە ناملىق ئەسىرى 2-توم 180-بەتتە بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

ھېيت كۈنى روزا تۇتۇش كەسكىن چەكلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا تۇتۇشنى چەكلىگەن. [بۇخارى 1992-ھەدىس. مۇسلىم-رىۋايىتى 827].

ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.

بۇ ئون كۈن ئىچىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەر باشقا كۈنلەردە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىن ئەۋزەل. ئەمما روزا تۇتۇش پەقەت 9- كۈنىگىچە بولۇپ، 10-كۈنى ھېيت كۈنىدۇر، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرگە ئاساسەن، زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى 10 كۈنىدە روزا تۇتۇش دېمەكتىن 9 كۈن مەقسەت قىلىنىدۇ، 10 كۈن دەپ بايان قىلىش بولسا كۆپ قوللىنىش يولىغا ئاساسەن دېيىلگەن. [نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 1176-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى