سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

شارائىتى بولسا تىزدىن ھەج قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا

سۇئال

ھەج قىلىشقا شارائىتى بار كىشىنىڭ ھەج ئىبادىتىنى بىر قانچە يىل كېچىكتۈرۈشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

كىمدىكى ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشنىڭ شەرت-شارائىتلىرى تېپىلىدىكەن ۋە ھەج قىلىشقا قادىر بولالايدىكەن، مەزكۇر كىشى پەرز ھەجنى تىزدىن ئادا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنداقلا، ھەجنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "مۇغنى" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "كىمگىكى ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش پەرز بولغان بولسا، ھەج قىلىشقا ئىمكانىيىتى يار بەرسە، كېچىكتۈرمەستىن ھەج قىلىشى لازىم بولىدۇ. پەرز ھەجنى كىچىكتۈرۈش دۇرۇس ئەمەس". مەزھەپ ئىماملىرىدىن ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ ۋە ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھمۇ شۇنداق دېگەن.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللَّـهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر. [سۈرە ئال-ئىمران 97-ئايەت].

قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن بۇ ھەقتىكى دەلىللەر ئىمكانىيىتى يار بەرگەن كىشىنىڭ تىزدىن ھەج قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدسىتە: ھەج قىلىشنى ئىرادە قىلغان كىشى ئۇنىڭغا ئالدىرىسۇن،دەپ بايان قىلىنغان. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان].

ئىمام ئەھمەد بىلەن ئىبنى ماجىنىڭ رىۋايىتىدە: ئۇ كىشى كېسەل بولۇپ قىلىشى، مال-دۇنيادىن ئايرىلىپ كېتىشى ۋە بەزى ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، دېيىلگەن. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللا ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا (ھەسەن ھەدىس) دەپ كەلتۈرگەن]. تۈگىدى.

ھەدىستىكى:ھەج قىلىشنى ئىرادە قىلغان كىشى ئۇنىڭغا ئالدىرىسۇن،دېگەن بۇيرۇق سۆزى بۇيرۇلغۇچىنىڭ شۇ ئىشنى قىلىش ئىمكانىيىتى بار بولغاندا تىزدىن قىلىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ئىمكانىيەت بولغاندا ھەجنى دەرھال ئادا قىلىش كېرەكمۇ ياكى كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلسىمۇ بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: "توغرىسى ھەجنى تىزدىن ئادا قىلىش كېرەك، چۈنكى ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىشقا قادىر بولغان كىشىنىڭ سەۋەبسىز ھەجنى كېچىكتۈرۈشى توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، مەلۇم ۋاقىت ياكى مەلۇم ئورۇندا قىلىش بېكىتىلمىگەن ئىبادەتلەردىن باشقا، شەرىئەتتە مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەن بارلىق ئەمەللەرنىمۇ شەرت تېپىلغان ھامان تىزدىن ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ." [ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرى 21/13].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى