Thu 5 Saf 1436 - 27 November 2014
41703
ياشاشتىن زېرىكىش ۋە ئۇمىدسىزلىنىش
مەن پانى دۇنيادىن بىزار بولدۇم، مەندە ياشاشتىن زېرىكىش، ھاياتلىقتىن بىزار بولۇشتەك ھېس تۇيغۇلار پەيدا بولدى. ماڭا نەسىھەت ۋە ياردەم قىلغۇچى بارمۇ؟. ئەلۋەتتە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ياردەمچى يوق؟.


جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر.
دۇنيادىن بىزار بولۇش ۋە ئۆچ كۆرۈشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ، بەزىلەر ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەجىر-ساۋابقا قىزىقىپ، ئاللاھقا ئۇچرىشىشنى ياقتۇرۇپ بۇ ۋاقىتلىق دۇنيانى ئۆچ كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزەن سەلەپ ئالىملىرى: ئۆلۈم مۆمىنلەرنىڭ سۆيۈنچىسىدۇر دېگەن. قەلبى ئاخىرەتكە باغلانغان كىشى دۇنيانى ئۆچ كۆرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاللاھنىڭ ۋە بەندىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە ھىجىر 99-ئايىتىدىكى: «سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە، يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن» دېگەن بۇ سۆزىگە ئاساسەن، كۈچىنىڭ يېتىشچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ.
يەنە بىر تۈركۈمدىكى كىشىلەر، ھاياتتا دۈچ كىلىدىغان بالا-مۇسىبەت، قىيىنچىلىقلارنىڭ كۆپلۈكىدىن دۇنيادىن بىزار بولىدۇ ۋە باشقىلارنى ئۆزىدىن بەختلىك، ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىن نېسىۋىسى يوق دېگەن خاتا چۈشەنچىگە كېلىپ قالىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بىلمىگەنلەردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە - پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر» سۈرە شۇرا 27-ئايەت. ھاياتلىق دۇنياسى ئەمەل، سىناق، قىيىنچىلىق ۋە چارچاشنىڭ ماكانىدۇر. ھاياتتىكى مۇشەققەت، چارچاشلارغا سەبرى قىلغاندا ئۇنىڭ مەھسۇلىنى ئالىدۇ. بولۇپمۇ سالىھ مۆمىن كىشىلەر، ھاياتتا ھەرخىل سىناقلارغا دۈچ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا سەبرى قىلسا، ئاللاھ بۇنىڭ بىلەن، ئۇ مۆمىننىڭ خاتالىقلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق» سۈرە بەلەد 4-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە:«ئىنسانلار ئىمان ئېيتتۇق دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرىك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ ئىماندا راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، ئىماندا يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ» سۈرە ئەنكەبۇت 2-3-ئايەتلەر. يەنە بىر ئايەتتە:«كافىرلار ئۆزلىرىگە جازا بەرمەستىن مۆھلەت بېرىشىمىزنى يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى، ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز، پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر، ئۇلار ئاخىرەتتە خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ياماننى يەنى مۇناپىقنى ياخشىدىن يەنى مۆمىنلەردىن ئايرىمىغىچە مۆمىنلەرنى، يەنى سىلەرنى ھازىرقى پىتىڭلارچە قويمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنى غەيىبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ ۋە لېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇناپىقلارنىڭ ھالىنى بىدۈرگەندەك غەيىبنى بىلدۈرىدۇ، ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقساڭلار، چوڭ ساۋاپقا ئېرىشىسىلەر» سۈرە ئالئىمران 197-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە:«بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان-زەھمەتلەرگە سەبرى قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن، ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز دەيدۇ، ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» سۈرە بەقەرە 154-155-156-ئايەتلەر.
قېرىندىشىم! سىز يۇقىرىدىكى قايسى كىشىلەرنىڭ تۈرىگە كىرىسىز؟.
قېرىندىشىم! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچىلىك سىنالغانلىقىنى ئەسلەپ كۆرۈڭ؟. ھەقىقەتەن ئۆز مىللىتى ئۇنى دۈشمەن دەپ قارىدى، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا قارشى تۇردى، بەزىلىرى تىللىدى، دەشنام قىلدى، مۇھاسىرگە ئېلىپ يۇرتىدىن چىقىرۋەتتى. دىن دۈشمەنلىرى ئۇنىڭغا قەست قىلىپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشتى. ئەڭ قېيىن شارائىتتا ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولدى. بەزى ۋاقىتلاردا بىرقانچە ئاينى سۇ ۋە خورما بىلەنلا ئۆتكۈزەتتى. يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك، ئالى مەرتىۋىلىك، ئىلگىرى-كىيىنكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، ھەۋز- كەۋسەر ۋەدە قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سەرخىلىدا يۈزبەردى.
بۇنىڭغا نىسبەتەن بىزدەك ئاسىي، گۇناھكار بەندىلەرگە يەتكىنى قانچىلىك ئىشتى؟.
قېرىندىشىم سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىم:
بىرىنچى: ئاللاھغا يېقىنلىشىدىغان ناماز، روزا، زاكات ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى قىلىش بىلەن، ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلىپ، غەم-قايغۇلىرىڭىزنى كەتكۈزىۋىتىشىنى، دىلىڭىزنى ئىچىۋىتىشىنى تەلەپ قىلىڭ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «تەۋبە قىلغانلار، ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ. بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ» سۈرە رەئد 28-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: «تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ-دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن خالاس بولىدۇ» سۈرە ئەئراپ 201- ئايەت.
ئىككىنچى: سىز ھاياتىڭىزدا ھەرقانچە جاپا تارتسىڭىزمۇ، مۆمىن ئۈچۈن ھاياتلىقتىكى ھەممە ئىشلىرىدا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق ئىرادە قىلىدۇ. ئاسمان زېمىننىڭ خەزىنىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك، ئاللاھ بىلەن ئارىڭىزنى ئىسلاھ قىلسىڭىز، ئاللاھ سىزگە ھەر ۋاقىت ياردەمدە بولىدۇ.
ئۈچۈنچى: سىز ئېرىشەلمىگەن ئىشقا ئۇھ تارتىپ، بىئارام بولىشىڭىز مۇمكىن، بىلىشىڭىز كېرەككى؛ كۆپۈنچە ئىنسانلار بىر نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەپسۇس شۇ ئىشتا ئۆزلىرىنىڭ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئېرىشەلمىگەن نەرسە ئۈچۈن بىئارام بولىدۇ، ئەگەر ئېرىشىپ قالسا دىنى ۋە دۇنياسىنىڭ زايا بولۇپ كېتىشىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ بېكىتكەن بەلگىلىمىلىرىگە رازى بولغىن، ئاللاھدىن ياردەم تىلە ۋە ئىرادىسىز بولما.
تۆتۈنچى: قەلبىڭگە مۇراجىئەت قىلىپ رەببىڭ بىلەن بولغان ئالاقەڭنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرگىن، چۈنكى ئىنسان مەلۇم خاتالىق سەۋەبىدىن كىلىدىغان رىزقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.
بەشىنچى:سىزنىڭ خۇسۇسىي ياكى ئائىلىۋى قىيىنچىلىغىڭىز بولىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىچىدىن مۇھىملىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىڭ، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاللاھدىن، ئۇنىڭدىن كېيىن ياخشى تەجرىبىلىك كىشىلەردىن ياردەم سوراڭ.
ئالتىنچى: ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قاتتىق سىناققا دۈچ كېلىدىغىنى پەيغەمبەرلەردۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ئوخشاشلار ۋە ئۇلارنىڭ يوللىرىنى تۇتقانلاردۇر. مۇسئەب ئىبنى سەئىد دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: يا رەسۇلۇللاھ! ئىنسانلارنىڭ قايسىسى بەكراق ئاللاھنىڭ سىنىقىغا دۈچ كېلىدۇ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پەيغەمبەرلەر، ئۇنىڭدىن كىيىن سالىھ كىشىلەر، ئۇنىڭدىن كىيىن ئىنسانلاردىن ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرى، ھەر كىشى ئۆز دىنى ئەقىدىسىگە لايىق رەۋىشتە سىنىلىدۇ. دىندا مۇستەھكەم بولسا سىناق كۈچلۈك بولىدۇ، دىندا نورمال بولسا سىناقمۇ نورمال بولىدۇ. مۇسۇلمان زېمىن يۈزىدىلا بولىدىكەن، دائىم سىنىلىپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆزىدە خاتالىق بولمىغان ھالەتتە يۈزلىنىدۇ» ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس. شەيخ شۇئەيب ئەرنۇت ياخشى ھەدىس دېدى. شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرىنىڭ 992-نومۇرلۇق ھەدىسىدە سەھىھ دەپ قارايدۇ.
يەتتىنچى: تائەت-ئىبادەت ۋە ئىستىغفارنى داۋاملاشتۇرۇش، بۇ سىز ئۈچۈن دۇنيانىڭ كاتتا ۋە كۆپ بولغان ھەممە نېسىۋىلىرىدىن ئەۋزەلدۇر. بەزى ھەدىسلەردە بايان قىلىنىشچە ئاللاھ تائالاغا دائىم ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان كىشىنىڭ قىيىنچىلىقى ئاسانلاشتۇرۇلۇپ، غەم-قايغۇدىن خاتىرجەم، ئۆزى ئويلىمىغان يەرلەردىن رىزق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ: «سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن». يەنە بىر ئايەتتە: «بىز كۇففارلاردىن تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمان قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇ زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانى نېمەتتىن)ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر» سۈرە تاھا 131-ئايەت. دېگەن سۆزىگە ئاساسەن ئاللاھنىڭ تائىتىدە ياخشى ئەمەللەردە داۋام قىلىڭ. ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە بىزنى ياخشى سۆز ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.
ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر.

www.islamqa.com