پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ھاراق ئېچىش ئارقىلىق داۋالىنىش توغرا بولمايدۇ

41760

تارقاتقان ۋاقىت : 02-05-2015

كۆرگۈچىلەر : 2951

سۇئال

بەزى دوختۇرلار كېسەلگە شىپا بولىدۇ دەپ بىمارغا مەلۇم مىقداردا ھاراق ئېچىشنى تەۋسىيە قىلسا، داۋالىنىش ئۈچۈن ھاراق ئىچسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

داۋالىنىش ئىسلام پرىنسىپىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلاردىن، لېكىن داۋالىنىش ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن، يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مەزكۇر دورىنىڭ ئۇنىمۇ بولىدۇ ۋە كېسەل شىپا تېپىپ ساقىيىدۇ. ئەمما ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن نەرسىلەر كېسەلگە شىپا بولمايدۇ. چەكلەنگەن نەرسىلەر بىلەن داۋالىنىش بولۇپمۇ ھاراق بىلەن داۋالىنىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ كېسەلدىن شىپا تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئىلاج قىلمىدى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام تەبرانى سەھىھ يوللار بىلەن بايان قىلغان. ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ھەببان سەھىھ دەپ قارىغان. ئىمام بەززار، ئەبۇ يەئلا ۋە تەبەرانى ئىشەنچىلىك راۋىلار ئارقىلىق ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلغان].

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا كېسەلنى ۋە داۋانى بىرگە چۈشۈردى، ھەر بىر كېسەللىك ئۈچۈن ئۇنىڭ شىپاسىنىمۇ ياراتتى، داۋالىنىڭلار، چەكلەنگەن نەرسىلەر بىلەن داۋالانماڭلار. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

تارىق ئىبنى سۇۋەيد ئەلجۇئپىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ھاراقتىن بىر نەرسە ياساش توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى بۇنىڭدىن چەكلىگەن ياكى بۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمىغان، ئۇ كىشى: مەن ھاراقنى دورا ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھاراق دېگەن دورا ئەمەس بەلكى ئۇ كېسەلنىڭ ئۆزىدۇر، دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

بۇ يەردە ئاگاھلاندۇرۇش زۆرۈر بولغان بىر ئىش بار: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرىسا، بۇ ئىش چوقۇم ئۇلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن بولىدۇ ياكى ئۇ ئىشنىڭ زىيىنىدىن پايدىسى كۆپ بولىدۇ. بىرەر ئىشتىن چەكلىسە، مەزكۇر ئىشتا بۇزۇقچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى ئۇ ئىشنىڭ پايدىلىق تەرىپىدىن زىيانلىق تەرىپىنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھېكمەتبىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

بىر كېسەلنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق: ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاراقتىن باشقا شىپالىق دورا يوق دېگەن سۆز توغرا ئەمەس، چۈنكى ھازىر تەبىئىي دورىلار ئىنتايىن كۆپ، يەنە شۇنى بىلىش كېرەككى، پەقەت دورىنىڭ ئۆزىلا بىمارغا شىپا بولالمايدۇ، بەلكى دورا ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىدۇ.

شەرئى سەۋەبلەرنى قىلغۇچىلار بەزى پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان سەۋەبلىرىگىلا تايىنىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا تايىنىش بىلەن بىرگە، بۇ دورىنى پايدا قىلىدۇ ياكى پايدا قىلمايدۇ دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ. بۇ شەرىئەتتە قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىش. ئەمما مۇشۇ دورىلا پايدا قىلىدۇ ياكى ساقايتمايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن، يەنى پۈتۈن شىپالىقنى دورىغىلا مەركەزلەشتۈرىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ." تۈگىدى. [دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى(22/87)].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى