پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھەجنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ ۋاجىب بولىشىنىڭ شەرتلىرى

سۇئال

ھەجنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى قانداق؟ ھەج ئىبادىتى كىملەرگە پەرز بولىدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بەيتۇللاھقا كېلىپ ھەج تاۋاپ قىلىش ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچمەبۇد بەرھەق يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش. ئىككىنچىسى: نامازنى بەرپا قىلىش. ئۈچىنچىسى: زاكات بېرىش. تۆتىنچىسى: رامىزان روزىسىنى تۇتۇش. بەشىنچىسى: ھەج قىلىش. [بۇخارى رىۋايىتى].

ھەجنىڭ پەرزلىكى ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىككە كىلىشى بىلەن بىكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّهِ عَلَىالنَّاسِ حِجُّ البَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلاً وَمَن كَفَرَ فَإِنَّاللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ العَالَمِينَ تەرجىمىسى: قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا جاھان ئەھلىنىڭ ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەتتۇر. [سۈرە ئال-ئىمران 97-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: سۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى، ھەجنى ئادا قىلىڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى].

بارلىق مۇسۇلمانلار ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكى شۇنداقلا دىندا ئادا قىلىش زۆرۈر بولغان ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياشاپ، ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما سەل قاراپ، ھورۇنلۇق قىلىپ تەرك قىلىدىكەن مەنىۋى تەرەپتىن خەتەرلىك ھالەتتە بولۇپ، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ بەزى ئالىملارنىڭ، بۇنداق كىشىنىمۇ كاپىر بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. ئەمما كۈچلۈك قاراشتا شەرئى ئىبادەتلەر ئىچىدە نامازدىن باشقا ئەمەلنى ھورۇنلۇق قىلىپ تەرك قىلغان كىشى كاپىر ھېسابلانمايدۇ.

تابىئىنلاردىن: ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىبادەتلەر ئىچىدە نامازدىن باشقا ئەمەلنى تەرك قىلغان كىشىنى كاپىر دەپ قارىمايتتى".

ھەج ئىبادىتىگە سەل قاراپ، ھورۇنلۇق قىلىپ ئادا قىلماي ئۆلۈپ كەتسە كۈچلۈك قاراشتا كاپىر ھېسابلانمىسىمۇ ئەمما ئاقىۋىتى ياخشى ئەمەس.

مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ، پەرز ھەجنى ئادا قىلىشنىڭ شەرتلىرى تولۇقلانسا تىزدىن بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلىشقا ئالدىرىشى لازىم بولىدۇ.

ئوچۇق ھۆكۈم بولمىغان ئەھۋالدا ھەممە ئىبادەتنى تىزدىن ئادا قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. بەيتۇللاھقا بېرىپ ھەج قىلىش ئىمكانىيىتى تۇرۇپ، بۇ ئىبادەتنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي مۇسۇلماننىڭ كۆڭلى قانداقمۇ ئارام تاپىدۇ؟!. كېلەر يىلى ھەرەمگە بارالامدۇ ياكى باشقا ئۆزگىرىش بولامدۇ بۇنى بىلمەيدىغان تۇرسا قانداقمۇ ھەجنى كېچىكتۈرىدۇ؟!. بۇ يىل قادىر بولالىسا، كېلەر يىلى بەزى سەۋەبلەردىن قادىر بولالماسلىقى مۇمكىن. كېسەل بولۇپ قىلىشى، ئىقتىسادتىن ئايرىلىپ قىلىشى، بەلكى ھەجگە بېرىشگە شارائىتى ھازىرلىنىپ، كىچىكتۇرگەن ۋاقىتتا ئۆلۈپ كىتىشى، شۇنداقلا ۋارىسلىرى سەل قاراپ ئۇ كىشى ئۈچۈن ھەجنى ۋاقتىدا ئادا قىلماسلىقى مۇمكىن.

مۇسۇلماندا تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك شەرت تېپىلسا ئۇ كىشى ئۈچۈن ھەج قىلىش پەرز بولىدۇ:

1-مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك. كاپىرغا ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ. ئەگەر كاپىر ئىمان ئېيتماستىن ھەج قىلىدىكەن ئۇنىڭ قىلغان ھەججى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

2-بالاغەتكە يەتكەن بولىشى كېرەك. بالاغەتكە يەتمىگەنلەرگە ھەج قىلىش پەرز ئەمەس. بالاغەتكە يەتمىگەن ۋاقتىدا قىلغان ھەج نەپلە بولىدۇ، پەرز ھەجنى بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن قايتىدىن ئادا قىلىدۇ چۈنكى بالىغ بولۇشتىن ئىلگىرى قىلىنغان ھەج بىلەن گەردىنىدىن پەرز ھەج ساقىت بولمايدۇ.

3-ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولىشى كېرەك. ئەقىلسىز كىشىگە ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ ۋە ئەقلى يوق ھالەتتە قىلىنغان ھەجمۇئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەج قىلىنمايدۇ.

4-ھۆر بولۇش كېرەك. قۇللارغا ھەج قىلىش پەرز ئەمەس. قۇللۇق ھالىتىدە قىلىنغان ھەج نەپلە بولىدۇ. قۇللۇقتىن ئازات قىلىنغاندىن كېيىن پەرز ھەجنى قايتىدىن قىلىدۇ، چۈنكى قۇللۇقتىن ئازات بولۇشتىن ئىلگىرى قىلغان ھەججى پەرز ھەج ھېسابلانمايدۇ.

بەزى ئالىملار: قۇللار خوجايىننىڭ رۇخسىتى بىلەن ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلسا بۇنىڭ بىلەن پەرز ھەج ئادا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر.

5-ھەج قىلىش ئۈچۈن بېرىپ-كەلگۈچە يەتكۈدەك ئىقتىسادى بولۇش، تەن-سالامەتلىكى ياخشى بولۇش كېرەك. ئايال كىشى ئۈچۈن يەنە بىرگە بارىدىغان مەھرەم بولۇش كېرەك. مەھرىمى بولمىغان ئايالغا ھەج پەرز بولمايدۇ.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالىرى9- توم 11-21-بەتلەر