Sat 29 Muh 1436 - 22 November 2014
41957
ھەجنىڭ پەرز بولىشىدىكى شەرتلەر
ھەجنىڭ پەرز بولىشىدىكى شەرتلەر نېمىلەردىن ئىبارەت؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    ئىسلام ئالىملىرى ھەجنىڭ پەرز بولىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنىڭ  بولۇشىنى بايان قىلىپ، بۇ شەرتلەر تولۇقلانغان كىشىنىڭ ھەج قىلىشى پەرز بولىدۇ، تولۇقلانمىغان كىشى ئۈچۈن ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ. ئۇ شەرتلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: مۇسۇلمان بولۇش. ئەقلىي-ھوشى جايىدا بولۇش. بالاغەتكە يەتكەن بولۇش. ھۆر-ئەركىن بولۇش. ھەجگە بېرىپ كەلگۈدەك ماددى ۋە سالامەتلىككە ئىگە بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

    1- مۇسۇلمان بولۇش دېگەنلىك: ھەممە ئىبادەتلەردە شەرت بولىدۇ، چۈنكى كاپىرنىڭ يەنى مۇسۇلمان بولمىغان كىشىنىڭ قىلغان ئىبادىتى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا مَنَعَهُمْ أَن تُقْبَلَ مِنْهُمْ نَفَقَاتُهُمْ إِلَّا أَنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّـهِ وَبِرَسُولِهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.» [سۈرە تەۋبە 54-ئايەت].

     مەئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى يەمەنگە ئەۋەتكەن ۋاقىتتا: «سەن ئەھلى كىتابتىن بولغان بىر قەۋمنىڭ يېنىغا  كېتىۋاتىسەن، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانى بىر دەپ ۋە مېنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرغىن، ئۇلار بۇ سۆزنى قوبۇل قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن، ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلسا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى، بايلاردىن ئىلىنىپ كەمبەغەللەرگە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىن، دېگەن.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

     كاپىر دەسلەپتە ئىسلامغا كىرىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭدىن كىيىن بىز ئۇنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، روزا تۇتۇشقا، ھەج قىلىشقا ۋە باشقا ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئەمەللەرنى قىلىشقا بۇيرۇيمىز.

    2- ئەقلىي-ھوشى جايىدا بولۇش:

    3- بالاغەتكە يەتكەن بولۇش: بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىدىن: ئۇخلاپ قالغۇچىدىن ئويغانغۇچە، كىچىك بالىدىن بالاغەتكە يەتكىچە، ساراڭدىن ئەقلى جايىغا كەلگۈچە قەدەر قەلەم كۆتۈرۈلگەن.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4403 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

    كىچىك بالىغا ھەج قىلىش پەرز ئەمەس. لېكىن ئاتا-ئانىسى ھەج قىلدۇرسا ئۇ بالىنىڭ قىلغان ھەججى توغرا بولىدۇ، ئۇ بالىغا ۋە ئاتا-ئانىسىغا ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىر ئايال كىچىك بالىسىنى سۇنۇپ تۇرۇپ، بۇ بالىمۇ ھەج قىلسا بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بولىدۇ، سىزگە ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ،» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

    4- ھۆر-ئەركىن بولۇش: قۇلغا ھەج قىلىش پەرز ئەمەس، چۈنكى ئۇ خوجايىنىنىڭ خىزمىتىدە ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ تەسەررۇپ قىلىشىدا بولىدۇ.

    5- ھەجگە بېرىپ كەلگۈدەك ئىقتىسادقا ۋە سالامەتلىككە ئىگە بولۇش: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا﴾ تەرجىمىسى: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى.» [سۈرە ئال-ئىمران 97-ئايەت].

    يۇقىرىدىكى ئايەت ماددى ۋە سالامەتلىكتىن ئىبارەت قادىر بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (يەنى جىسمانى تەرەپتىن ھەرەمگە بېرىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى سەپەرنىڭ مۇشەققەتلىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولىشى، ئىقتىسادى تەرەپتىن ھەرەمگە بېرىپ كەلگۈچە يەتكۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولۇشى كېرەك.

    سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتى(11/30) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەج قىلغۇچىنىڭ ھەجگە قادىر بولىشى ئۈچۈن: سالامەتلىكى ياخشى بولۇشى ۋە ھەرەمگە يىتىپ بارغۇدەك ئايرۇپىلان، ماشىنا ياكى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىپ بولغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىگە ئىگە بولىشى ۋە ھەجگە بېرىپ قايتىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىراجەتلىرى ئۈچۈن يەتكۈدەك مىقداردا ئىقتىسادقا ئىگە بولغان بولىشى، شۇنداقلا، قىز-خانىملارنىڭ ھەج ياكى ئۆمرىگە بېرىپ-كېلىشى ئۈچۈن يۇقىرىقى شەرتلەردىن باشقا يەنە يولدىشى ياكى مەھرەم بولۇشقا لايىق تۇغقانلىرى بولىشى كېرەك".

     ئەگەر ھەجگە نىيەت قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادى قەرزى بولسا ئۇنى ئادا قىلىپ، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھاجەتلىرىدىن ئوشۇنغاندىن كىيىن  ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن سەرپ قىلىشى شەرت قىلىنىدۇ.

    قەرز دېگەن سۆزدىن: دىيەت ۋە كاپارەت قاتارلىق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى، شۇنداقلا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەق-ھوقۇقلار مەقسەت قىلىنىدۇ.

     قەرزدار كىشىنىڭ ئىقتىسادى ھەج قىلىش ۋە قەرزنى ئادا قىلىشقا يەتمىسە، ئۇ كىشى ئالدى بىلەن قەرزنى ئادا قىلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشىگە ھەج پەرز بولمايدۇ.

     بەزى كىشىلەر قەرزدار كىشى ھەج قىلىشى ئۈچۈن قەرز بەرگۈچىدىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك، ئەگەر رۇخسەت قىلسا قەرزدارلىق ھالەتتىمۇ ھەج قىلسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ كۆز قاراشنىڭ ھېچ ئاساسى يوق. بەلكى بۇنىڭدىن چەكلەشتىكى مەقسەت: ئەگەر قەرز بەرگۈچى قەرزدارغا ھەج قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان تەقدىردىمۇ، قەرز ئالغۇچىنىڭ زىممىسىدە قەرز قىلىۋېرىدۇ. مەزكۇر رۇخسەت سەۋەبلىك ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىدىكى قەرزدىن ئۆتۈۋەتكەن بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قەرزدار كىشىگە: ئالدى بىلەن قەرزنى ئادا قىلىڭ، ئاندىن قالغان ئىقتىسادىڭىز ھەج قىلىشقا يەتسە ھەج قىلىڭ، ئەگەر يەتمىسە سىزگە ھەج قىلىش پەرز ئەمەس دېيىلىدۇ.

     قەرز سەۋەپلىك ھەج قىلالماي ۋاپات بولغان كىشى ئاللاھ تائالاغا تولۇق مۇسۇلمان بولغان ھالەتتە مۇلاقات بولىدۇ، چۈنكى ئۇ، كىشىگە ھەج قىلىش پەرز بولمىغان، شۇنىڭدەك كەمبەغەلگە زاكات بېرىش پەرز بولمىغاندەك، ھەج قىلىشمۇ پەرز بولمايدۇ.

    ئەگەر قەرزنى ئادا قىلماي ھەج قىلىپ، قەرزنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسە، بۇ كىشىنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ شېھىت بولغان كىشىنىڭمۇ ھەممە گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ، قەرزى كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان تۇرسا، شېھىدتىن باشقىلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟.

    شەرىئەتتە بېكىتىلگەن نەپىقىدىن: ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە ئىسراپ قىلماستىن، بۇزۇپ-چاچماستىن خىراجەت قىلىپ بېرىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئەگەر بىر كىشى ئوتتۇراھال تۇرمۇشتا بولۇپ، ئۆزىنى باي كۆرسىتىش ۋە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن قىممەت ماشىنا سېتىۋېلىپ، قالغان ئىقتىسادى ھەج قىلىشقا يەتمىسە، ئۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشى مەزكۇر ماشىنىنى سېتىۋېتىپ، ئۆزىگە لايىق ئەرزانراق ماشىنا سېتىۋېلىپ، قالغان ئىقتىسادى بىلەن پەرز ھەج قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئۆز ھالىغا باقماي قىممەت باھالىق ماشىنا سېتىۋېلىشى شەرىئەتتە يولغا قويغان خىراجەت قىلىش بولماستىن بەلكى شەرىئەت چەكلىگەن ئىسراپچىلىق جۈملىسىدىندۇر.

ئىقتىسادقا ئىگە بولۇش دېگەن سۆزدىن: ھەج قىلىپ قايتىپ كەلگۈچە ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە يەتكۈدەك ئىقتىسادنىڭ بولىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ كىشى ھەج قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە يەتكۈدەك ئىقتىسادى مەنبە بولىشى كېرەك. مەسىلەن: ئىجارە كېرىمى، ئايلىق ئىش ھەققى ياكى تىجارەت قاتارلىقلار. شۇنىڭ ئۈچۈن پايدىسىنى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان سەرمايە بىلەن ھەج قىلىشى زۆرۈر ئەمەس، چۈنكى تىجارەتتە سەرمايىنىڭ ئاز بولىشى ئۇنىڭدىن كىلىدىغان پايدىنى ئازايتىدۇ، ئازغىنە پايدا ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىراجىتىگە يەتمەيدۇ. 

     سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن (11/36): "بىر كىشىنىڭ ئىسلام بانكىسىدا تىجارەتكە قوشقان مەلۇم مىقداردا ئىقتىسادى بار. ئۇنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى بىلەن ئىقتىسادتىن كىلىدىغان پايدا ئۇنىڭ نورمال خىراجىتىگە يېتىدۇ.  ئەگەر ئىسلام بانكىسىغا قويغان پۇلىنى ئىلىپ ھەج قىلسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ ئايلىق كىرىمى تۆۋەنلەيدۇ ۋە ماددى تەرەپتىن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ كىشى قانداق قىلىدۇ؟، دەپ سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاب بەرگەن: ئەگەر سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، سىزدە شەرىئەتتە بېكىتىلگەن قادىر بولۇش دېگەن شەرت تېپىلمىغانلىق سەۋەبلىك سىزگە ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا﴾ تەرجىمىسى: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى.» [سۈرە ئال-ئىمران 97-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى).»" [سۈرە ھەج 78-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     ئەسلى ھاجىتىگە يەتكۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولۇش دېگەندىن: ئىنسان ھاياتىدا كۆپ ئېھتىياجلىق بولىدىغان، ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولۇش قىيىن بولىدىغان نەرسىلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ. 

بۇنىڭ مىسالى: بىلىم ئىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجلىق كىتابلىرى بولىدۇ، بىز ئۇلارغا كىتابلىرىڭىزنى سېتىپ پۇلىغا ھەج قىلىڭ دېمەيمىز، چۈنكى  كىتاب دېگەن ئۇلارغا زۆرۈر ئېھتىياجلىق نەرسە ھېسابلىنىدۇ.

     شۇنىڭدەك ئائىلىدە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ماشىنا قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىپ ھەج قىلىڭ دېمەيمىز، ئەمما ماشىنىدىن ئىككىسى بولسا، (بىر ماشىنا ئائىلىنىڭ ھاجىتىگە يەتسە) ئۇ ۋاقىتتا بىرنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا ھەج قىلىش كېرەك بولىدۇ.

     شۇنىڭدەك ھۈنەر-كەسىپ قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كېرەكلىك سايمانلىرىنى سېتىپ ھەج قىلىشى زۆرۈر ئەمەس.

     شۇنىڭدەك ئىجارە كىرىمى ئارقىلىق ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىنى قامداۋاتقان كىرا ماشىنىسى بولسا بۇنى سېتىپ ھەج قىلىشى زۆرۈر ئەمەس. 

     توي قىلىشقا كېرەك بولىدىغان ئىقتىسادمۇ ئەسلى ھاجەت قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان توي قىلىشقا تەييارلانغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ توينى كېچىكتۈرۈپ بۇ ئىقتىسادنى ھەجگە سەرپ قىلىشى كېرەك ئەمەس، ئەمما نىكاھلىنىشى زۆرۈر بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا ھەج قىلىشى لازىم بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئۈچۈن بۇ (27120)نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك: ئىقتىسادى تەرەپتىن قادىر بولۇش دېگەندىن: ئۇ كىشىنىڭ ئىقتىسادى قەرزنى ئادا قىلىش، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا خىراجەت قىلىش ۋە ئەسلى ھاجەتلىرىنى ئادا قىلغاندىن كىيىن ھەج قىلىشقا يەتكۈدەك ئىقتىسادى بولۇشنى مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئىقتىسادى ۋە سالامەتلىك تەرەپتىن ھەج قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان كىشىنىڭ كېچىكتۈرمەستىن تىزدىن ھەج قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

     ئىقتىسادى ۋە سالامەتلىك تەرەپتىن ھەج قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان ياكى سالامەتلىكى يار بېرىدىغان ئەمما ئىقتىسادى يەتمەيدىغان كىشىگە ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ.

    ھەج قىلىشقا يەتكۈدەك ئىقتىسادى بار ئەمما سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان كىشىلەر بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ: كېسەللىك سەۋەبىدىن بولسا كېسەلدىن ساقىيىپ بولغۇچە ساقلايدۇ، ئاللاھ تائالا شىپالىق ئاتا قىلىپ كېسەلدىن ساقايغاندىن كېيىن ھەج قىلىدۇ.

    راك ۋە باشقا ساقايمايدىغان كېسەللىك بولسا ياكى بەك ياشىنىپ قالغانلىقتىن ھەج قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ئورنىغا باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلىپ ھەج قىلدۇرسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ھەجنىڭ ئۇ كىشىگە پەرزلىكىنى ئەمەلدىن  قالدۇرالمايدۇ.

     بۇنىڭ دەلىلى: بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ھەج قىلىشنى پەرز قىلغان ۋاقىتتا، دادام بەك ياشىنىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلاغدا ئولتۇرالمايدىغان ھالدا ئىدى، (يەنى قاتناش ۋاستىلىرىدا يول يۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ) مەن دادام ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويسام توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەئە- توغرا بولىدۇ،» دېگەن. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 1513 - ھەدىس].

     ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: دادام ياشىنىپ قالدى، سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەج قىلىپ قويسام بولامدۇ؟ دېگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بولىدۇ» دەپ، ئۇ ئايالنىڭ سۆزىنى قوللىغان. 

     ئەمدى ئايال كىشىنىڭ ھەج قىلىشى ئۈچۈن پەرز ياكى نەپلە ھەج بولسۇن چوقۇم ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى ياكى باشقا نىكاھ چۈشمەيدىغان تۇغقانلىرىدىن مەھرەملىرى بولىشى كېرەك، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن.» [بۇخارى رىۋايىتى 1862-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1341-ھەدىس].

     ئايالنىڭ مەھرىمى: ئۇ  ئايالنىڭ  يولدىشى ۋە نەسەب تەرەپتىن ياكى ئىمىلدەشلىك تەرەپتىن ياكى قۇدا-باجىلىق سەۋەپتىن ئەبەدىي نىكاھلىنىشى دۇرۇس بولمايدىغان تۇغقانلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

ھەمشىرىسىنىڭ يولدىشى ياكى دادا تەرەپ-ئانا تەرەپ ھاممىلىرىنىڭ يولدىشى ئۇ ئايالغا مەھرەم بولالمايدۇ.

     بەزى ئاياللار مەھرەم مەسىلىسىگە سەل قاراپ ھەمشىرىسى  ياكى ھاممىسى ۋە ئۇلارنىڭ يولداشلىرى بىلەن بىرلىكتە سەپەر قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ھەمشىرىسىنىڭ ياكى ھاممىسىنىڭ يولدىشى ئۇ ئايالغا مەھرەم بولالمايدۇ،  ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سەپەر قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئۇ ئايالنىڭ قىلغان ھەججىنىڭ ساغلام ھەج بولماي قىلىشىدىن ئەنسىرىلىدۇ. چۈنكى   ساغلام بولغان ھەج: ھەج پائالىيىتى جەريانىدا گۇناھ-خاتالىق سادىر قىلىنمىغان ھەج بولۇپ، مەھرەمسىز ياكى مەھرەم بولالمايدىغان كىشىلەر بىلەن بىرگە سەپەر قىلىشى بولسا، ئۇ ئايال پۈتۈن سەپىرىدە ھەتتا قايتىپ كەلگۈچىلىك خاتالىق ئىچىدە بولغان بولىدۇ.

     مەھرەم بولغۇچىنىڭ ئەقلى-ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى مەھرەمدىن بولغان مەقسەت ئايال كىشىنى قوغداش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش بولۇپ، بۇ ئىش  كېچىك بالا ياكى ئەقلى-ھۇشى نورمال بولمىغان كىشى بىلەن ھاسىل بولمايدۇ.

ئايال كىشىنىڭ مەھرىمى بولمىسا ياكى مەھرەم بولسىمۇ بىللە سەپەر قىلىشنى خالىمىسا، ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئايالغا ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ.

     ئايال كىشىنىڭ ھەج قىلىشى ئۈچۈن ئەرنىڭ رۇخسەت قىلىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ئۇ ئايالدا ھەج قىلىشنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولىدىكەن يولدىشىدىن رۇخسەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ.

     سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرى (11/20) مۇنداق دەيدۇ: "ھەج قىلىشنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولغان كىشى ئۈچۈن ھەج قىلىش پەرز بولىدۇ، ئايال كىشىنىڭ يولدىشىدىن رۇخسەت سورىشى كېرەك ئەمەس، شۇنداقلا ئەرنىڭ ئايالىنى ھەج قىلىشتىن چەكلىشىمۇ توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئايالىغا مەدەت بېرىپ، بۇ پەرز ئىبادەتنى ئادا قىلىشقا يار-يۆلەكتە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ". تۈگىدى.

     بۇنىڭ ھەممىسى پەرز ھەجدە بولىدۇ. ئەمما نەپلە ھەج (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق ھەج بولسا) ئىبنى مۇنزىرنىڭ نەقىل قىلغىنىدەك: ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى نەپلە ھەجدىن چەكلىشى ئورۇنلۇق، چۈنكى ئايال ئۆزىگە پەرز بولمىغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىمەن دەپ ئۆز ئۈستىدىكى ئېرىنىڭ ۋاجىپ بولغان ھەققىنى زايە قىلىۋېتىدۇ. [ئەلمۇغني 5-توم 35-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى