شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ھاجەتخانىغا قۇرئان كەرىم بىلەن كېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ھاجەتخانىغا قۇرئاننى ئېلىپ كىرسە قانداق بولىدۇ؟، قۇرئان كەرىم ۋە لېنتىغا ئېلىنغان ئىسلامى پلاستىنكىلارنى بۇنىڭغا قىياس قىلساق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.  ھاجەتخانىغا ئوخشاش ئورۇنلارغا قۇرئان كەرىمنى ئېلىپ كىرىشنى ئالىملار كەسكىن ھارام دېگەن. چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ كالامىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ، لېكىن ھاجەتخانىنىڭ سىرتىدا قويسا ئوغرى ئېلىپ كېتىش ياكى ئۇنتۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولۇپ قالسا، ئۇنى ساقلاش زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ كىرسە گۇناھ بولمايدۇ.

    ئەمما قۇرئان ئېلىنغان پلاستىنكا لىنتىلىرىنىڭ ھۆكمى قۇرئاننىڭ ھۆكمىدە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا بىر نەرسە يېزىلمايدۇ، لېنتىدا مەلۇم ئۈسكىنىگە قويسا ئاۋاز چېقىدىغان بىر تەۋرىنىش بار، بۇنى ئېلىپ كىرسە بىر نەرسە بولمايدۇ. 

    پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ: "ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت" پىراگرامىسى 439/3.

    شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ھاجەتخىغا ئوخشاش ئورۇنلارغا مۇسھەپنى ئېلىپ كىرىش دۇرۇس بولمايدۇ، لېكىن زەرۈرەت بولۇپ قالسا جايىز بولىدۇ، ئۇنى سىرتتا قويۇپ قويسا ئوغرىلاپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە ئېلىپ كىرسە بولىدۇ". "بىن باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى 30/10".

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى