Fri 6 Saf 1436 - 28 November 2014
42220
دادىسى قاچانغىچە بالىسىنىڭ خىراجىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؟
دادىسى بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ھەمشىرەمنىڭ ئوغلى مەن بىلەن بىرگە تۇرۇش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى، مەن دادىسىنىڭ ھەر ئايدا ئۇنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن 500 رىيالدىن ئەۋەتىپ بېرىمەن دېگەن شەرتىگە ئاساسەن ئوغلىنىڭ مەن بىلەن بىرگە تۇرىشىغا ماقۇل بولدۇم. مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن پۇل ئەۋەتمىدى ۋە ئوغلۇم بىزدىن ئايرىلىپ، ئايرىم ياشاۋاتىدۇ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قىلمايدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ يىنىڭلاردا بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ماشىنا ئىلىپ بېرىش ۋە تويىنى قىلىپ قويۇش قاتارلىق ئىشلارغا كېرەكلىك بولغان خىراجەتنى سىلەر قىلىڭلار دەپ پۇل ئەۋەتىشنى رەت قىلدى ھەتتا ئوغلىنى ئۆزى ئىشلەۋاتقان شېركەتنىڭ ھېسابى بىلەن بىكارغا داۋالىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئارخىپنىمۇ ئەۋەتىپ بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئوغلى ھازىر 16 ياشتا بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن دادىسىدىن ھەق تەلەپ قىلىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنساق شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     ئائىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرىگە ئۇلار كەمبەغەل بولسا، ئۇلارنىڭ خىراجەتلىرىنى قىلىپ بېرىشى زۆرۈر بولىدۇ.

     ئىمام خەرقىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرىگە-ئۇلار ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن- ئەگەر ئۇلار كەمبەغەل بولسا، ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئۇلارغا خىراجەت قىلىپ بەرگۈدەك ئىقتىساد بولسا، خىراجەت قىلىپ بېرىشكە مەجبۇرلىنىدۇ".

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاتا-ئانا، پەرزەنتلەرگە خىراجەت قىلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى قۇرئان-ھەدىس ۋە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن بېكىتىلگەن.  قۇرئان كىرىمدە ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِنْ أَرْضَعْنَ لَكُمْ فَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ (ئېمىتىش) ھەققىنى بېرىڭلار.» [سۈرە تەلاق 6-ئايەت]. بالىنى ئېمىتىشنىڭ خىراجىتى دادىسىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ.

     ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَعَلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك» [سۈرە بەقەرە 233-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا﴾ تەرجىمىسى:  «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى.» [سۈرە ئىسرا 23-ئايەت]. ئېھسان دېگەنلىك؛ ئۇ ئىككىسى ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇلارنىڭ خىراجىتىنى قىلىپ بېرىش دېمەكتۇر.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ سۇپىياننىڭ ئايالى ھىندىگە: «يولدىشىڭىزنىڭ مال-مۈلكىدىن سىز ۋە ئەۋلادىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا لايىق ئالسىڭىز بولىدۇ» دېگەن. 

     ئائىشە ئانىمىزدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ ئىستىمال قىلىدىغان ئەڭ پاكىزە نەرسىسى ئۆز كەسپىدىن تاپقان نەرسىسىدۇر، پەرزەنتىمۇ ئۇنىڭ كەسپىدىن  ھېسابلىنىدۇ». [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 3528-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەلبانىي "ئىرۋائۇل غەلىل" ناملىق ئەسەردە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

     ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كەسىپ قىلالمايدىغان، ئىقتىسادى يوق بولغان كەمبەغەل ئاتا-ئانىلارغا بارلىق خىراجەتلىرىنى قىلىپ بېرىش پەرزەنتنىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر. ئىسلام ئالىملىرىدىن بىز تەلىم ئالغان ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى، ئەر كىشىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ كەسىپ قىلالمايدىغان كېچىك پەرزەنتلىرىگە خىراجەت قىلىپ بېرىشىنىڭ  زۆرۈرلۈكىگە بىرلىككە كەلگەن". [ئەلمۇغنى 8-توم 168-169-بەت].

     سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، مەزكۇر ئاتىنىڭ پەرزەنتىگە خىراجەت قىلىپ بېرىشى بىر قانچە شەرتلەر بىلەن دادىسىنىڭ ئۇستىگە يۈكلىنىدۇ: ئۇ شەرتلەرنىڭ بىرى: پەرزەنتنىڭ مالغا ئېھتىياجلىق بولىشى، كىچىكلىكى، كېسەللىك ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كەسىپ قىلىشقا قادىر بولالماسلىقى ۋە دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا خىراجەت قىلىپ  بېرىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولىشىدىن ئىبارەتتۇر.

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: خىراجەتنىڭ ۋاجىپ بولىشى ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك شەرت كېرەك بولىدۇ.

 

 

      بىرىنچى: ئۇلارنىڭ كەمبەغەل بولىشى، باشقىلارنىڭ خەير-ئېھسانىدىن ئۆزلىرىنى بىھاجەت قىلغىدەك كەسىپ ياكى ئىقتىسادىنىڭ بولماسلىقىدۇر. ئەگەر ئۇلار ئىقتىسادلىق بولسا ياكى ئۆز تۇرمۇشىنى قامداپ كەتكىدەك كەسىپ قىلالىسا، ئۇلارغا خىراجەت قىلىپ بېرىش ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى خىراجەت ياردەم تەرىقىسىدە بولىدۇ، ئىقتىسادلىق كىشى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ.

     ئىككىنچى: كۈندىلىك خىراجىتىنى قىلىپ بېرىش ۋاجىپ بولغان كىشىلەر، ئۇلارغا خىراجەت قىلىپ بېرىدىغان كىشىنىڭ ئىقتىسادى ئۆز ئائىلىسىنىڭ خىراجىتىدىن ئېشىپ قالغۇدەك بولىشى كېرەك، ئومۇمى ئىقتىسادتىن بولسۇن ياكى قىلغان كەسپىدىن بولسۇن ئوخشاش، ئەمما ئارتۇق ئىقتىسادى بولمىسا ئۇ كىشىنىڭ ئۇلارنىڭ خىراجىتىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك بولمايدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار كەمبەغەل بولسا ياخشىلىقنى ئۆزىدىن باشلىسۇن، ئۆزىدىن ئېشىپ قالسا، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇلاردىن ئېشىپ قالسا باشقا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا خىراجەت قىلسۇن».

     يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاۋۋال ئۆزۈڭگە خىراجەت قىلغىن ئاندىن باشقا تۇغقانلىرىڭغا خىراجەت قىلغىن.» [سەھىھ ھەدىس].

     ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «يا رەسۇلۇللاھ!، مەندە بىر دىنار بار دېگەنتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بۇنى ئۆزۈڭ خىراجەت قىلغىن دېدى، ئۇ كىشى: يەنە بىر دىنار بار دېگەنتى، ئۇنى پەرزەنتىگە خىراجەت قىلغىن دېدى، يەنە بىر دىنار بار دېگەنتى، ئۇنى ئايالىڭغا خىراجەت قىلغىن دېدى، يەنە بىر دىنار بار دېگەنتى، ئۇنى خىزمەتچىلىرىڭگە خىراجەت قىلغىن دېدى، يەنە بىر دىنار بار دېگەنتى، ئۇنى كىمگە خىراجەت قىلىشنى ئۆزەڭ تاللا» دېدى. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى1691- ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي سەھىھ ھەدىس دېدى]. ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش زاكات بېرىش ۋاجىپ بولغاندەك ۋاجىپ ئەمەس.

     ئۈچىنچى: خىراجەت قىلىپ بەرگۈچى ئۆز ئارا مىراس ئىلىنىدىغان كىشىلەردىن بولىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿وَعَلَى الْوَارِثِ مِثْلُ ذَٰلِكَ﴾ «(ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى (يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.» [سۈرە بەقەرە 233-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].   

     بىر-بىرىدىن مىراس ئالغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت مىراس ئالغۇچىنىڭ باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن مىراس ئىلىنغۇچىغا يېقىنراق ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەت ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە نەپىقە قىلىشىنىڭ ۋاجىبلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. [ئەلمۇغنى 8-توم 168-169-بەت].

     ئاتا بولغۇچى پەرزەنتى ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدىغۇدەك بولغىچە، ئوغلىغا خىراجەت قىلىپ بېرىشى ۋاجىبتۇر. ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا: ئوغۇل توي قىلماقچى بولىدىكەن، ئوغۇلنىڭ ئىقتىسادى بولمىسام ئۇنىڭ توي خىراجىتى دادىسىنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولىدۇ.

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مەسلەكداشلىرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: "پەرزەنت ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، دادىسى ئوغلىغا خىراجەت قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇنى ئىپپىتىنى ساقلىشى كېرەك". شاپىئىي مەزھىبىدىكى بەزى ئالىملارمۇ يۇقىرىقىدەك كۆزقاراشتا. [ئەلمۇغنى 8-توم172-بەت].

     بۇ ھەقتە شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "پەرزەنتنىڭ دادا ئۈستىگە بولغان ھەققى ئۇ مۇستەقىل ياشىغۇدەك بولغاندا ئاخىرلىشىدۇ، يەنى پەرزەنت چوڭ بولۇپ، كەسىپ قىلىپ ئۆز كەسپى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىيالىغۇدەك شارائىت ھازىرلانغاندا، دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا خىراجەت قىلىپ بېرىش ھەققى تۈگەيدۇ. ئەمما پەرزەنت كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن كەسىپ قىلالمايدىكەن ياكى ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدىيالمايدىكەن، ئۇ ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدىيالىغۇدەك شارائىتقا ئىگە بولغۇچە قەدەر، دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا خىراجەت قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى، ئارىدىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنىڭ تەقەززاسىدۇر." [شەيخ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما 3-توم 240-بەت].

     سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئائىلە باشلىقلىرى قول ئاستىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشتە ئاللاھتىن قورقۇشى كېرەك. پەرزەنتلىرىنىڭ تەلىم ئىلىش، داۋالىنىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھاياتتىكى ئېھتىياجلىرى بولسا، ئۇنى تولۇقلاپ بېرىشكە قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا بېرىدىغان خىراجەتنى قىسىۋالسا ياكى ئېھتىياجىنى قاندۇرمىسا توغرا بولمايدۇ.

     سىلەرگە قىلىدىغان تەۋسىيە ۋە نەسىھىتىمىز: سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشتىن ئىلگىرى، ئاتا بىلەن ئوغۇلنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاشتۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بەزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، ئۇلار بالىنىڭ دادىسىغا نەسىھەت قىلىپ باقسۇن، چۈنكى بىسىم قىلىنماستىن چىن قەلبىدىن قىلىپ بەرگەن خىراجەت دادىسىنىڭ قەلبىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۆز پەرزەنتىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

     شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوغۇلغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: ئامال قىلىپ دادىسىنىڭ ئۆزىگە خىراجەت قىلىپ بېرىشىدىن بىھاجەت بولۇدىغان بىر يول تېپىشى لازىم. بولۇپمۇ ئوغۇل بالاغەتكە يەتكەندە ئۆز خىراجىتىنى ئۆزى قىلىشقا تېرىشىپ بېقىشى كېرەك. ئەگەر ئوقۇش بىلەن ئىشلەشنى بىرگە ئىلىپ كېتەلىسە ياخشى بولىدۇ، بۇ تىرىشقان كىشىلەر ئۈچۈن ئاساندۇر. كۆپچىلىك ياشلار شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشىغانلارنى  باشقىلارنىڭ خىراجىتىدىن بىھاجەت قىلىدۇ.

     يۇقىرىقىدەك قىلىش قىيىن بولسا، دادىسى خىراجەت قىلىپ بەرمەيمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالسا، ئۇنداق ئەھۋالدا بۇ ئىشنى شەرئى سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىش كېرەك. مانا بۇ ئارقىلىق سوتچى دادىسىنى شەرئى پرىنسىپ بويىچە بالىسىغا خىراجەت قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ ئىش قانۇن-سوت ئورۇنلىرىغا بارماستىن ھەل قىلىنسا ناھايىتى بەك ياخشى بولىدۇ. (يۇقىرىدىكى سوت مەھكىمىسىدىن مەقسەت، شەرىئەت قانۇنىنى ئۆلچەم قىلىپ، ھۆكۈم قىلىدىغان ئەدلىيە ئورگانلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ). ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاب تورى