سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كاپىرلاردىكى نەرسىدىن پايدىلىنىش

43160

تارقاتقان ۋاقىت : 14-02-2006

كۆرگۈچىلەر : 8484

سۇئال

بىز قانداق قىلغىنىمىزدا ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن بىر ئىشقا يولۇقماستىن كاپىرلاردىكى نەرسىدىن پايدىلىنالايمىز ؟ ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى [مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر ] دىگەن ئۇقۇم بۇ ماۋزۇنى دائىرسىگە كىرگۈزەمدۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
پېشىۋا[ شەيىخ] مۇھەممەد ئۇسەيمىين ئوغلى [ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن ] مۇنداق دىگەن : ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز ، كاپىرلارنىڭ ئىشلىرى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ :
1- ئىبادەت ئىشلىرى
2- قائىدە-يۇسۇنلىرى
3- ھۈنەر-سەنئەتلىرى
ئىبادەت ئىشلىرىغا كەلسەك ، ئۇ ھەممىگە ئايانكى ،ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇلارنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىنى دوراشقا بولمايدۇ . كىمكى ئۇلارنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىنى دورايدىكەن ، ئۆزىنى چوڭ خەتەرگە سالغان بولىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كاپىرلىققا ۋە ئسلامدىن چىقىپ كېتىشكە باشلاپ بارىدۇ .
قائىدە-يۇسۇنلارغا كەلسەك ، مەسىلەن ، كىيىم-كىچەك قاتارلىقلار، بۇ جەھەتتە ئۇلارنى دوراش ھارام، چۈنكى پەيغەمبەر [ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ] مۇنداق دىگەن :بىر خەلقنى دورىغۇچى كىشى - شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
ھۈنەر-سەنئەتلەرگە كەلسەك ، ئەگەر ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر بولسا ، ئۇلار قىلغان نەرسىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىزنىڭ ھىچقانداق خاتا يېرى يوق . بۇ ئۇلارنى دوراش دائىرسىگە كىرمەيدۇ ، بەلكى ئۇ پايدىلىق ئىشلاردىن بەھرىمان بولۇشنىڭ بىرى ھەمدە ئۇنى قىلغۇچى ئۇلارنى دورىغۇچى دەپ قارالمايدىغان ئىش.
ئەمما سۇئال سورىغۇچىنىڭ [ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى [مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر ] دىگەن ئۇقۇم بۇ ماۋزۇنى دائىرسىگە كىرگۈزەمدۇ ؟]
دىگەن سۇئالىغا كەلسەك ، بىز دەيمىزكى، ئومۇمى مەنپەئەت ئۇقۇمىنى مۇستەقىل دەلىل قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ ، بەلكى بىز دەيمىز ، ئەگەر بىز مەلۇم بىر ئىشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنىڭ ماۋزۇسى دائىرسىگە كىرىدۇ دەپ جەزىملەشتۈرسەك ،ئاندىن ئۇنىڭغا بىر شەرئىي دەلىل بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ شەرىئەتنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ .
بىراق شەرىئەت بۇ ئىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئومۇمى مەنپەئەت دائىرسىگە كىرمەيدۇ ، گەرچە ئۇنى قىلغۇچى ئۇنى كىرىدۇ دىگەن تەقدىردىمۇ .
ئەگەر ئۇ بۇمۇ ئەمەس ، ئاۋۇمۇ ئەمەس بولسا ،ئۇنداقتا بىز ئاساسى پىرىنسىپقا مۇراجىئەت قىلىمىز . ئەگەر ئۇ ئىبادەت ئىشى بولسا ئۇنداقتا ئاساسى پىرىنسىپ - ئىبادەت ئىشى چەكلىنىدۇ ؛ ئەگەر ئۇلار ئىبادەت ئىشى بولمىسا ، ئۇنداقتا ئاساسى پىرىنسىپ - ئۇلار رۇخسەت . شۇنىڭ بىلەن ، شۇ ئىنىق بولدىكى ، ئومۇمى مەنپەئەت ئۇقۇمىنى مۇستەقىل دەلىل قىلىنمايدۇ .
ئۇسەيمىين ئوغلى [ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن] جورىمىلىرى[فەتىۋالىرى] توپلىمىدىن ئىلىندى [340] .
 

مەنبە: www.islamqa.com