Sat 14 DhQ 1436 - 29 August 2015
43162
زاكاتنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمە ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى
زاكاتنىڭ ئىسلامنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىمۇ ياكى ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈلمىسىمۇ؟، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئىسلامنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسى نېمە؟، ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈلمىسىچۇ؟، ئۇ زاكاتتىن ئىبارەتمۇ؟ قانداق ھالەتتە كىشىلەر مۇسۇلمان ياكى كاپىر دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ياردەمگە ھەقلىق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئىسلام ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىنى تونۇشتۇرىدىغان ئايرىم دەلىل بايان قىلىنمىدى. بەلكى ئىسلام شەرىئىتى قۇرئان-ھەدىسكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، مۇسۇلمان ھاياتىغا ئالاقىدار بولغان بارلىق نەرسىلەرنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىقسادى تۈزۈلمىگە ئالاقىدار بولغان ئەھۋاللارنىمۇ بايان قىلدى.

     ئىسلام ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىنى مۇنداق تونۇتۇش مۈمكىن: ئىقتىسادنىڭ ئومۇمى ئاساسىنىڭ جۇغلانمىسى، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئىلىنغان بولۇپ، ئىقتىسادى سېستىم مەزكۇر ئاساسقا قۇرىلىدۇ.

ياكى ئىسلام ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىنى مۇنداق تونۇشتۇرساقمۇ بولىدۇ: ئۇ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈلگەن سېستىم بولۇپ، مەزكۇر تۈزۈلمە ئىسلامنىڭ ئاساسى ۋە ئىقتىسادى سىياسىتىگە مۇۋاپىق تۈزىلىدۇ.

     ئىسلام قانۇنى ئىلىپ كەلگەن ئومۇمى قائىدىلەردىن: ئىنساننىڭ خۇسۇسى ئىگىدارچىلىق ھەق-ھوقۇقى، باشقىلارنىڭ مال-مۇلكىگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، زېمىندىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىشنىڭ دۇرۇسلىقى، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

    بۇ ئاساسى قائىدىگە قۇرۇلىدىغان ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللىرىدىن: سودا-تىجارەت قىلىش، شېرىكچىلىك، بىرسى پۇل چىقىرىپ يەنە بىرسى كۈچ چىقىرىپ تىجارەت قىلىش، ئىجارە بېرىش، يىزا ئىگىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇش ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى دۇرۇس بولغان پاي سىلىش سودىلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

    زاكات دېگەن؛ پۇل-مالنىڭ ئىگىسىنىڭ قولىدىن چىقىپ باشقا بىر كىشىنىڭ قولىغا يۆتكىلىشى ۋە ئۇ كىشىنىڭ مەزكۇر مالدىن پايدىلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى قۇرئان-ھەدىستىن ئىلىنغان ئومۇمى قائىدىلەر بىلەن بىكىتىلگەن. زاكات بولسا ھەقىقەتتە ئىسلام ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇنىڭدا زاكات بېرىلىدىغان ماللارنىڭ تۈرلىرى، بېرىلىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى، زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەر ۋە زاكات سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇنلاردىن  ئىبارەت ھەممىگە تونۇشلۇق، مەشھۇر بولغان خاس دەلىل بايان قىلىنغان. يەنە زاكات جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي كاپالەتنى روياپقا چېقىرىدىغان ۋاستىلارنىڭ بىرىدۇر. ئىجتىمائىي كاپالەت ئىسلامدا پەقەت زاكات بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا سەدىقە، ۋەقپە، ئولجا-غەنىمەت ۋە مۇسۇلمانلار تەمىنلىنىدىغان دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلىدىغان تەمىنات قاتارلىقلار بىلەنمۇ روياپقا چىقىدۇ.

    ئىسلام جەمئىيەت ئۆزىنىڭ باي-كەمبەغەلدىن ئىبارەت بولغان ئەزالىرى بىلەن تۇرىدۇ، بايلارنى كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن مەلۇم مىقداردا زاكات ئايرىشنى بىكىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ جەمئىيەتتىكى پىقىر-مىسكىنلەر، ھاجەتمەنلەر، ياشانغانلىق ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەردىن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارى بولمىغانلار، تۇل ئايال، يېتىم-يىسىرلەرنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام قانۇنى زاكاتنى پەرز قىلدى ۋە ئۇنى ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىپ بىكىتتى. كىشىلەرنى سەدىقە قىلىش، ۋەقپە قىلىش ۋە ۋەسىيەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. پىقىرلارنى زاكات، كاپارەت يەنى زىھارنىڭ (ئايالىنى ياكى ئايالىنىڭ ئەزالىرىنى ئانىسى ياكى نىكاھ چۈشمەيدىغان مەھرەم تۇغقانلىرىغا ئوخشۇتۇشنىڭ جازاسى)، قەسەم ۋە روزىنىڭ كاپارىتىگە ئوخشاش، پىدىيە (يەنى ھەجدە سادىر بولغان خاتالىقلارنىڭ جازاسى) سەرىپ قىلىنىدىغان ئورۇنلاردىن قىلدى. مانا بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەمبەغەللەر دائىرسىنىڭ تارىيىشى روياپقا چىقىدۇ. 

    ئىنسان خىزمەت قىلىش ۋە ھۈنەر-كەسىپ قىلىشتىن ئاجىز كەلگەندە، ئۇ كىشىگە ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ياردەم قىلمىغاندا، ئۇ كىشى ئىسلام دۆلىتى تەرىپىدىن يارەم برىلىشكە لايىق بولىدۇ. ھۈنەر-كەسىپ قىلالماسلىق يىشىنىڭ كىچىكلىكى ياكى كېسەللىك ياكى ياشىنىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ.

    بەزى ئىسلام دۆلەتلىرى تۈرلۈك ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ شۇنداق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. يەنى بۇ ياشانغانلارغا خىزمەتتىن توختاپ دەم ئىلىشكە چىققاندا ئايلىق مائاش بېرىش، ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كىتىپ يىتىم قالغان بالىلارغا بالاغەتكە يەتكۈچە تۇرمۇش يارەم پۇلى بىرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (گەرچە يىتىملارنىڭ ئايرىم ئىقتىسادى بولسىمۇ ئۇلارغا بالاغەتكە يەتكىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ). 

    ئىسلام دۆلەتلىرى بولمىغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم ئىشلىرىنى بىكىتىدىغان ئۆزىگە خاس بولغان ئۆلچەم-تۈزۈملىرى بولىدۇ. مۇسۇلمان كىشى ئىمكانىيتى بولسا ئۆز قولى بىلەن كەسىپ قىلىپ ھالال ياشاپ باشقىلاردىن بىرنەسە تەلەپ قىلىدىغان ئەمەس بەلكى باشقىلارغا بىر نەرسە بېرىدىغان ھالەتتە ياشىشى لازىم. ئەگەر مۇمكىن بولسا كاپىر دۆلەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلماسلىق كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۆز بايلىقىدىن چىقىرىشتۇر، ئۈستۈن قول تۆۋەن قولدىن ياخشىدۇر، سەدىقىنى ئۆز يىقىنلىرىڭدىن باشلىغىن. ئۈستۈن قول سەدىقە بەرگۈچى، تۆۋەن قول سەدىقە سورۇغۇچىدۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 5040-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1034-ھەدىس].

     ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى