سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىغان كىشى فىديەنىڭ ھەممىسىنى بىر كەمبەغەلگە بەرسىمۇ بولىدۇ

سۇئال

روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان كىشى ئوتتۇز كۈنلۈك روزىنىڭ كاپارىتىنى بىر مىسكىنگە بەرسىمۇ بولامدۇ؟ ياكى بىر كۈندە ئوتتۇز مىسكىنگە بەرسىمۇ بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

روزا تۇتۇشقا پەقەت قادىر بولالمايدىغان كىشى روزا تۇتالمىغان ھەر كۈنى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ تەرجىمىسى: روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. [سۈرە بەقەرە 184-ئايەت].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىغان بوۋاي-مومايلار ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 4505-ھەدىس].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش ئىككى خىل ھالەتتە بولىدۇ:

بىرىنچىسى: روزا تۇتالمىغان كۈنلىرىنىڭ ھېسابى بويىچە يېمەكلىك تەييارلاپ، كەمبەغەللەرنى يېمەككە چاقىرىدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇۈئەنھۇمۇ ياشىنىپ قالغان ۋاقتىدا شۇنداق قىلغان.

ئىككىنچىسى: كەمبەغەللەرگە پىشۇرۇلمىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىدۇ. "شەرھى مۇمتىئ" 6-توم 335-بەت].

بىر كەمبەغەلگە ئوتتۇز كۈن(30) يېمەك بېرىشنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ئالىملار كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا بۇ شافىئى مەزھەپ، ھەنبەلى مەزھەپ ۋە كۆپچىلىك مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر. "ئەلئىنساپ" ناملىق ئەسەرنىڭ 3-توم291-بىتىدە: "يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر كەمبەغەلگە بەرسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ،" دېيىلگەن. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، "تۆھپەتۇل مۇھتاج ناملىق ئەسەر 3-توم-446 -بەتكە، "كەسشاپۇل قەننائ" ناملىق ئەسەر 2-توم 313-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋاسىدا (10/198) مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئىشەنچىلىك دوختۇرلار تەكشۈرۈپ، بۇ كېسەلنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمىد يوق، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدۇ دېگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە مەزكۇر يۇرتتا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكتىن بىر يىرىم كىلو مىقداردا يېمەك بېرىسىز، يەنى كەمبەغەلگە چۈشتە ياكى كەچتە تويغۇدەك بىر ۋاق يېمەك بەرسىڭىز بولىدۇ".

شۇنىمۇ بىلىشىڭىز كېرەككى، بىر كەمبەغەلگە ئوتتۇز كۈن يېمەك بەرسىڭىزمۇ ياكى ئوتتۇز كەمبەغەلگە بىر كۈن يېمەك بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق.

توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى