پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تاڭ يورۇشتىن باشلاپ ھەتتا كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنى ئۇنتۇپ قالغان ئايال توغرىسىدا

سۇئال

     بىر ئايال رامىزان كۈنلىرىدىن بىرىدە جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا قانداق بولىدۇ؟ يەنى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇپ، شام ۋاقتىغىچە يۇيۇنۇشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     روزىدار كىشى جىنسى مۇناسىۋەتتىن ياكى ئېھتىلامدىن جۇنۇپ بولغان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزغان بولسا، جىنسى مۇناسىۋەت تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى بولغان بولسا بۇنىڭغا بىر نەرسە بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام )رامزاندا ئېھتىلام بولماستىن( جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزاتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ روزىنى داۋاملاشتۇرايلى». ]بۇخارى رىۋايىتى 1926-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1109-ھەدىس. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن بايان قىلغان].

    مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسەن سىزنىڭ شۇ كۈندە تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ، لېكىن دەرھال يۇيۇنىشىڭىز كېرەك، چۈنكى نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ھەممىدىن مۇھىم، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

     ئىسلامدا نامازنىڭ ئىشى بەك ئۇلۇغ ھەتتا ناماز روزا، زاكات، ھەج ۋە باشقا ئىبادەتلەردىن يۇقىرى بولۇپ بۇنىڭغا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، مۇسۇلمان نامازنىڭ ئۇلۇغلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

     شۇنىڭ ئۈچۈن نامازنى ئادا قىلىشقا  سەل قاراش بەك خەتەرلىك، ھەتتا ھەنبەلى مەزھەب قارىشىدىكى بەزى ئالىملار  سەۋەبسىز بىر ۋاقىت نامازنى ئۆتكۈزۈۋەتسە ياكى ئوقۇمىسا كاپىر بولىدۇ دېگەن قاراشقا بارغان. 

      پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى تەرك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ھەممە ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولدى». [بۇخارى رىۋايىتى 553-ھەدىس. بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تەپسىلى بىلىشىڭىز ئۈچۈن 49698 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ].

    سوئال سورىغۇچى ۋاقتىدا يۇيۇنماي نامازنى تەرك قىلىپ، ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغان بەندىسىنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۆزىگە سېغىنغان، قايتقان كىشىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 21806 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.  

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى