43458: پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئاچچىقلاتقان كىشى رەسۇلۇللاھنى غەزەپلەندۇرگەن بولامدۇ؟


راپىزىلارنىڭ بەزىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پاتىمە مېنىڭ بىر پارچەم، ئۇنى غەزەبلەندۈرگەن كىشى مېنى غەزەبلەندۈرگەن بولىدۇ،» دېگەن ھەدىسىنى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى گۇناھتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى غەزەبلەندۈرگەنلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى غەزەبلەندۈرگەنلىكتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى غەزەبلەندۈرگەنلىك ئاللاھ تائالانى غەزەبلەندۈرگەنلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا باتىل ئىش ئۈچۈن غەزەبلەنمەيدۇ، يەنى ئۇ گۇناھتىن پاك دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ توقۇلمىلىرىغا قانداق جاۋاب بېرىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Published Date: 2015-07-31

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شىئە-راپىزىلار قۇرۇق دەۋانى كۆپ قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار تۈرلۈك ۋەھىمىيلىك شەك-شۈبھىلەرنى كۆپ تارقىتىدۇ. باتىل قاراشلارنى ماھىرلىق بىلەن  ھەقىقەتكە ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن بۇ ياسالمىلارنى دەلىل-ئىسپات قىلىش ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدا تارقىتىدۇ، لىكىن ئاللاھ تائالا دىندا چۈشەنچە-ئىدراك ئاتا قىلغان، ئىلىم ئىگىلىرىدىن سوئال سوراشنى ئىلھام قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شەك-شۈبھىلىرى، باتىللىرى، ئىتىبارسىز دەلىللىرى ھەرۋاقىت ئاشكارا بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سوئالمۇ راپىزىلارنىڭ شەك-شۈبھىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ شەك-شۈبھىلەرگە تۆۋەندىكى بىر قانچە يوللار بىلەن جاۋاپ بېرىمىز:

    بىرىنچى: سوئال سورىغۇچى بايان قىلغان بۇ ھەدىس، شىئە-راپىزىلار بۇ ھەدىس ئارقىلىق، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىراسىنى تەلەپ قىلىپ ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىشىغا كەلگەندە، ئۇ مىراس بېرىشنى رەت قىلىپ، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى غەزەبلەندۈردى. ئىش شۇنداق بولىدىكەن؛ ئابابەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى غەزەبلەندۈردى، شۇنداقلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى غەزەبلەندۈردى شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانى غەزەبلەندۈرگەن بولدى!. مانا بۇ ئۇلارنىڭ جاھىللىقى ۋە دۆتلىكىدىن ئىبارەتتۇر، چۈنكى بۇ ھەدىس ئەسلىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەققىدە بايان قىلىنغان ھەدىس ئىدى.

    ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم مىسۋەر ئىبنى مەخرەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە، مۇنداق دېگەن: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇ جەھىلنىڭ قىزىنى ئىلىش ئۈچۈن سۆز قىلغاندا، بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: سىزنىڭ قەۋمىڭىز سىزنى ئۆز قىزلىرى ئۈچۈن غەزەبلەنمەيدىكەن دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇ جەھىلنىڭ قىزى بىلەن نىكاھلىنىمەن دەيدۇ دىگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنبەرگە چىقتى: راۋى ھەدىسنى بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاھادەت كەلىمىسىدىن كىيىن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: ئۇنى خاپا قىلغان كىشىنى مەن ياقتۇرمايمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنىڭ قىزى بىر كىشىنىڭ نىكاھىدا بولمايدۇ. ئاندىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇ جەھىلنىڭ قىزى بىلەن نىكاھلىنىشتىن ۋاز كەچتى. ئىمام بۇخارىينىڭ رىۋايىتىدە: «پاتىمە مېنىڭ بىر پارچەم، پاتىمەنى غەزەبلەندۈرگەن كىشى مېنى غەزەبلەندۈرگەن بولىدۇ.» [بۇخارىي رىۋايىتى 3523-، 3556-ھەدىسلەر. مۇسلىم رىۋايىتى 2449-ھەدىس].

    ئىلگىرى بايان قىلىنغان رىۋايەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، شۇ ئاشكارا بولدىكى، ئەگەر بىر كىشىنى سۆكۈش -ئەيىبلەش مۇمكىن بولسا، بۇ سۆكۈش ۋە ئەيىبلەش ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كېلىدۇ، چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ بايان قىلىنىش سەۋەبى بولسا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇ جەھىلنىڭ قىزى بىلەن نىكاھلىنىشقا رىغبەتلەنگەندە، بۇنى ئاڭلىغان پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا غەزەپلەنگەن، ئۇسۇل ئالىملىرىنىڭ قارىشى بويىچە ھەدىستىكى ئىبرەت خۇسۇسىي سەۋەب بىلەن ئەمەس بەلكى ئومۇمى لەۋزى بىلەن بېكىتىلىدۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ قارىشىدىكى يەنە بىر بېكىتىلىش: تېكىستكە تۇنجى كىرگۈزۈلىدىغان نەرسە يەنە سەۋەبتىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ھالەتتە سەۋەبنى تىكىستتىن چىقىرىۋېتىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئەگەر راپىزىلار مۇشۇ ھەدىسنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەيىبلەش ياكى ئۇنىڭغا تەنە قىلىشقا دەلىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ دۆتلىكى ھەم ھەقىقەتنى ئارىلاشتۇرۇپ بۇ ئەيىبلەش، دەسلەپتە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كېلىدۇ.

    ئىككىنچى: ھەدىستە كەلگەن غەزەبلىنىش بولسا، بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بولغان، بۇنىڭدىن شۇ ئىپادىلىنىدۇكى، ھەدىستە بايان قىلىنغان غەزەپلىنىشتىن پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ شىئە-راپىزىلار دەۋا قىلغاندەك مەسۇم ئىكەنلىكى ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆز قىزىنىڭ تۇيغۇلىرىغا بەك ئەھمىيەت بېرەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا غەزەپلەنگەن ئىشتىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ غەزەبلىنىدۇ. بۇنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى بۇ ھەدىس ئىسپاتلايدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن پاتىمە مېنىڭ بىر پارچەم، ئۇنىڭغا ئازار يەتكۈزگەن نەرسە، ماڭا ئەزىيەت بولىدۇ.» بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيىتىگە قىلىنغان ئەزىيەتتۇر، بۇنىڭ بىلەن شىئە-راپىزىلار دەۋا قىلىۋاتقان گۇناھتىن پاك بولۇش دېگەننىڭ ھېچ مۇناسىۋىتى يوق.

ئۈچىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى ھەقىقەتتە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغان بولدى، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان كىشى ھەقىقەتتە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ، مېنىڭ رەھبەرلىرىمگە ئىتائەت قىلغان كىشى ھەقىقەتتە ماڭا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ، مېنىڭ رەھبەرلىرىمگە ئاسىيلىق قىلغان كىشى ھەقىقەتتە ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 2718-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1835-ھەدىس].

    يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىگە ھەتتا راپىزىلاردىن تارتىپ ھەممەيلەن ئىتتىپاقتۇر. بۇ رەھبەرلەرنىڭ مەسۇم-گۇناھتىن-پاك ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلمايدۇ، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەۋەتكەن بەزى رەھبەرلەردىن خاتالىق سادىر بولغان، يەنى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە چەكلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىشلاردا خاتالىق سادىر قىلغان. بۇ توغرىدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر جايغا ئەسكەر ئەۋەتتى، ئۇلارغا ئەنسارىيلاردىن بىر كىشىنى ئەمىر قىلىپ، باشقىلارنى ئۇنىڭ بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىشغا بۇيرىدى، مەلۇم بىر ئىش سەۋەبىدىن بۇ ئەمىر ئاچچىقلىنىپ قالدى ۋە ئۇلارغا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنى ماڭا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىمىغانمۇ؟ دىدى، ئۇلار: شۇنداق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى سىلىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىغان، دېدى. ئەمىر ئۇلارنى ئۆتۈن يىغىپ كېلىشكە بۇيرىدى، ئۇلار ئوتۇن يىغىپ كەلدى، باشلىق: ئوتۇنغا ئوت يىقىڭلار دېدى، ئۇلار ئوتۇنغا ئوت ياقتى، باشلىق ئۇلارنى ئوتقا كىرىشكە بۇيرىدى، ئۇلار ئوتقا كىرىش مەسىلىسىدە ئويلۇنۇپ قالدى، ئۇلار بىر-بىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، بىز ئوتتىن قېچىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشتۇق دىيىشىپ ئوتقا كىرمەي تۇرۇشتى، ئوتمۇ ئاستا-ئاستا ئوچۇپ قالدى، باشلىقنىڭ ئاچچىغىمۇ يىنىپ قالدى. ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن: ئەگەر ئۇلار ئەمىرگە بويسۇنۇپ ئوتقا كىرگەن بولسا ئىدى تاكى قىيامەتكىچە بۇ ئوتتىن چىقالمايتتى، باشلىققا ئىتائەت قىلىش دېگەن پەقەت ياخشىلىقتا بولىدۇ، دېدى.» [بۇخارى رىۋايىتى 4085-ھەدىس. مۇسلىم 1840-ھەدىس].

    شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشلىققا ئىتائەت قىلىشنى پەقەت ياخشىلىقتا بولىدۇ دەپ قەيت قىلدى. پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ غەزەبلىنىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ غەزەبلىنىشى بولىدىكەن، بۇ ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن ياخشىلىققا قەيت قىلىنغان. ئەگەر پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ غەزەبلىنىشى ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنىڭ قارشىسىدا بولسا ئىدى، گەرچە پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاچچىقلانغان تەقدىردىمۇ ئالىملارنىڭ بىرلىككە كىلىشى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتى تەتبىق قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر پاتىمە بىنتى مۇھەممەد ئوغۇرلۇق قىلىدىكەن، ئەلۋەتتە مەن ئۇنىڭ قولىنى كېسىمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «... ئى پاتىمە بىنتى مۇھەممەد! سىلەر ئۆز نەپسىڭلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇڭلار. سىلەر مېنىڭ شەخسى مال-مۈلكۈمدىن نېمىنى سورىساڭلار سوراڭلار، ئەمما مەن سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇشقا ئىگە بولالمايمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

    بۇ ھەدىسمۇ پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ گۇناھتىن مەسۇم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ["مىنھاج ئەسسۈننەتۇن نەبەۋىييە" ناملىق ئەسەر 4-توم 250-بەتكە قارالسۇن].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
Create Comments