Fri 27 Saf 1436 - 19 December 2014
43640
ھەج-ئۆمرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئا قىلغان ۋاقىتلىرى
ھەج-ئۆمرە پائالىيەت جەريانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قايسى ۋاقىتلاردا دۇئا قىلغان؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! (ئاللاھ تائالا سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن) شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ مېھمانلىرى ۋە ئۇنىڭ بەيتىگە كەلگەن ئەلچىلەردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئىجابەت قىلىش ۋە ئىززەت-ئىكرام قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ھەجگە دەۋەت قىلغان. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققۇچىلار، ھەج-ئۆمرىگە چىققۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىرىدۇر، ئۇلار دۇئا قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، بىر نەرسە سورىسا سورىغىنىنى بىرسىدۇ.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى1920-ھەدىس].

     ئۇلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتنىڭ ئەڭ كاتتىسى (ھەممە مۇكاپات كاتتىدۇر) ئۇلار ئېغىر گۇناھ، خاتالىقلار بىلەن كېلىپ پائالىيەتتىن كېيىن يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقتەك پاك ھالەتتە قايتىدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-مەغپىرەت دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ھەج پائالىيەت مەيدانلىرىدىن گۇناھ-خاتالىقلاردىن يەڭگىل بولۇپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ھاسىل قىلغان ھالەتتە قايتىدۇ. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: «ناچار سۆز قىلماستىن، باشقىلار بىلەن جېدەل-ماجىرا قىلماستىن ھەج قىلغان كىشى، ئانىدىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك پاك ھالەتتە قايتىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

     ئاللاھ تائالانىڭ خەير-ئېھسانى نېمە دېگەن كاتتا!!!

     مۇسۇلمان كىشى بەيتۇللاھقا قەدەم بېسىپ كېلىش بىلەن ئۇنىڭ گۇناھ-مەسىيەتكە تولغان نام-ئەمەل دەپتەرلىرى قاتلىنىدۇ، بۇنداق ئۇلۇغ سەپەرنى تەرك قىلغان كىشى دۇنيالىقتىن نېمىگە ئېرىشىدۇ؟!!

      ئەگەر ئېرىشتى دېسەك، ئۇ ئېرىشكەن نەرسىسى بىلەن ھەجگە بېرىشتىن ھاسىل بولىدىغان شەرەپلەرگە نائىل بولالارمۇ ؟!!.

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ساغلام ئادا قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

     ھەج-ئۆمرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئا قىلغان ۋاقىتلىرى:

    1-ساپا تىغىدا دۇئا قىلىش: جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە، مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساپا تېغىدىن باشلىدى، يۇقىرىغا چىقىپ بەيتۇللاھنى كۆرگەن ۋاقىتتا قىبلىگە يۈزلىنىپ، ئاللاھ تائالانى كاتتىلاپ: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ بىردۇر، ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر. ئاللاھ بىردۇر، يەككە-يېگانىدۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئورۇندىدى، بەندىسىگە ياردەم بەردى، بىرلەشمە قوشۇننى ئۆزى يالغۇز مەغلۇب قىلدى، دېدى ئاندىن بۇ ئارىدا دۇئا قىلدى، يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئۈچ قېتىمدىن تەكرارلىدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى1218-ھەدىس].

     2-مەرۋە تىغىدا دۇئا قىلىش: ئىلگىرىكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، «ئاندىن مەرۋە تەرەپكە چۈشتى، سەئيى قىلىدىغان ئارىلىقتىن قەدىمى كۆتۈرۈلۈپ مەرۋىگە كەلدى، مەرۋىدىمۇ ساپادا قىلغاندەك قىلدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى1218 -ھەدىس].

     3-مەشئەرىل ھەرەمدە دۇئا قىلىش: ئىلگىرىكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، «ئاندىن قەسۋا ناملىق تۆگىسىگە مېنىپ مەشئەرىل ھەرەمگە كەلدى، قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلدى، ئاللاھ تائالانى كاتتىلىدى، تەۋھىد كەلىمىسىنى تەكرارلىدى، تاڭ تولۇق يورىغانغا قەدەر ئۇ يەردە تۇردى.» [مۇسلىم رىۋايىتى1218-ھەدىس].

     4-ئەراپات كۈنىدە دۇئا قىلىش: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەرەپات كۈنىدە قىلىنغان دۇئا ئەڭ ياخشى دۇئادۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى3585-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 4274-ھەدىس].

     5-كىچىك ۋە ئوتتۇرانچى شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن دۇئا قىلىش: ئىمام سالىم ئىبنى ئابدۇللاھدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىچىك شەيتانغا يەتتە تال تاش ئېتىپ، ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن بىر ئاز ئالدىغا مېڭىپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇزۇن دۇئا قىلدى، ئاندىن شۇنىڭغا ئوخشاش ئوتتۇرا شەيتانغا تاش ئاتتى، سول تەرەپكە بىر ئاز مېڭىپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇزۇن دۇئا قىلدى، ئاندىن كېيىن جىلغىنىڭ ئىچىدىكى چوڭ شەيتانغا تاش ئاتتى. ئۇ يەردە تۇرماستىن، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، دىدى.» [بۇخارى رىۋايىتى 1752-ھەدىس].

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى