Fri 27 Rmd 1435 - 25 July 2014
45648
جۇنۇپلىقتىن غۇسلى قىلىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلمەيتتى، بۇرۇنقى نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟
سوئال: جۇنۇپلىقتىن غۇسلى قىلىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلمەيتتىم، بۇرۇنقى نامازلىرىمنىڭ قازاسىنى قىلامدىم؟


جاۋاب:
ھەر قانداق ئەر ۋە ئايال مۇسۇلمان كىشىگە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، خۇسۇسەن شەرىئەت تەكلىپلىرىنى ۋە قىلىش ئىقتىدارىدا بولغان ئەھكاملارنى ئۆگىنىش پەرزدۇر.پۇل - مېلى بار كىشىنىڭ زاكات ئەھكامىنى، تىجارەتچى سودا ئەھكامىنى،پۈتۈن مۇسۇلمانلار توغرائەقىدىنى ۋە ھەر كىشىگە لازىملىق ئەھكاملارنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇلغاندۇر. تاھارەت ۋە ناماز ئەھكاملىرىمۇ بۇنىڭدىندۇر. ئاللاھ ئىلىم ئۆگىنىش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن. بىلمەسلىك ئۆزۈر بولالمايدۇ.
ئەمدى سوئالغا كەلسەك، جىنابەتتىن غۇسلى قىلىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلمەسلىك مەسىلىسى بولۇپ، سورىغۇچى مۇشۇ ھالىتى بىلەن كۆپ نامازلارنى ئوقۇپتۇ. ئەھلى- ئىلمىلەر بۇ ھالەتنى ئۆزۈرلۈك ھالەت دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن سىزگە قازا كەلمەيدۇ. لېكىن غۇسلى قىلىسىز، سىز غۇسلىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتىن تارتىپ ئوقۇغان بارلىق نامازلىرىڭىزنىڭ قازاسىنى ئوقۇيسىز.( ھۆكۈمنى بىلگەن ۋاقىت ئىتىبارغا ئىلىنىدۇ) ئۆلىمالار بۇ پەتىۋاغا مۇنداق دەلىللەرنى كەلتۈرگەن:
1. ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدكە كىرىۋىدى، بىر ئادەممۇ مەسجىدكە كىردى، ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سالىمىنى قايتۇرۇپ بولۇپ، «بار ناماز ئوقۇ، سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ»دېدى. ئادەم بېرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام بەردى. ئۇ يەنە ئۇنىڭغا:« بار ناماز ئوقۇ، سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ»دېدى. ئۈچىنچى قېتىم يەنە بۇ ئادەم ناماز ئوقۇپ بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلدى. رەسۇلۇللاھ يەنە ئۇنىڭغا: « بار ناماز ئوقۇ، سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ» دېگەندە، بۇ ئادەم ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇنىڭدىن ياخشى ئوقۇشنى بىلمەيمەن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:« سەن ناماز ئوقۇماقچى بولساڭ، تەكبىر ئېيت، ئاندىن قۇرئاندىن ئايەتلەر ئوقۇ، ئاندىن رۇكۇ قىل، رۇكۇدا ئارام ئالغۇدەك مىقدارى تۇرۇپ، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ تۈز تۇرغىن، ئاندىن ئالدىرىماي سەجدە قىل، سەجدىدە ئارام ئالغۇدەك ئولتۇر، ئاندىن سەجدىدىن تۇرۇپ، ئارام ئالغۇدەك مىقدار ئولتۇر، پۈتۈن نامازلىرىڭدا مۇشۇنداق قىل»دېدى. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىنى ناقىس ئوقۇغان بۇ ئادەمنى نامازلىرىنىڭ قازا قىلىشقا بۇيرىمىغان. پەقەت شۇ ۋاقىتتىكى نامازنىلا قايتا ئوقۇشقا بۇيرىغان.
2. ئابدۇراھمان ئەبزى مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ يېنىغا كېلىپ، «مەن جۇنۇپ بولدۇم، بىراق يۇيۇنمىدىم»دېدى. ئەممار ئىبنى ياسىر ئۆمەرگە:« ئېسىڭدە يوقمۇ بىز بىر سەپەردە، سەن ناماز ئوقۇمىدىڭ، مەن تەيەممۇ قىلىپ ئوقۇدۇم. كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتقىنىمىزدا:« مۇشۇ كۇپايە ئەمەسمۇ»دەپ، تۇپراققا قولىنى ئۇرۇپ، ئاندىن يۈزىنى ۋە قوللىرىنى سىلىدى( تەيەممۇم قىلدى)»(بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).
ئۆمەر سۇ تاپالمىغان كىشىگە تەيەممۇمنىڭ پەرزلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن ناماز ئوقۇيالمىغان. ئەممار تەيەممۇمنىڭ پەرزلىكىنى بىلسىمۇ، ئۇنى قانداق قىلىشنى بىلمىگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىمىغان.
ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: بۇنىڭغا ئاساسەن، تاھارەتنىڭ پەرزلىكىنى بىلمىگەن كىشىنىڭ تاھارەتسىز ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇشى كېرەكمۇ ياكى ئەمەسمۇ دېگەن ماۋزۇدا ئىككى خىل قاراش بار. توغرىسى بۇنداق ھالدا بۇرۇن ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ خاتالىقنى، ئۇنتۇپ قالغاننى كەچۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ قۇرئاندا: «بىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز» دېگەن. پەيغەمبەرنىڭ قانداقلا بىر مەسىلىدىكى ئەمرى يەتمىگەن كىشىكە ئۇ مەسىلە پەرز ئەمەس. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەر بىلەن ئەممارنى جۇنۇپ ۋاقتىدىكى نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرىمىغان. شۇنىڭدەك ئەبۇ زەرمۇ جۇنۇپ بولغان ۋاقتىدا بىر قانچە كۈن ناماز ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرىمىغان.
ئۆزۈرلۈك ئايالمۇ ئۆزىگە بۇ ۋاقىتتا ناماز پەرز ئەمەس دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقتىن ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇمدۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش بار. بىرى، ئۇنىڭ نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇماسلىقىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزۈرلۈك ھالىنىڭ ئۇنى ناماز ۋە روزىدىن توسۇپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن بىر ئايالنى شۇنىڭدىن كېيىنكى نامازلىرىنى ئادا قىلىش ھەققىدە تەلىم بەرگەن. ئەمما بۇرۇن ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرىمىغان.
مەن ئەڭ ئىشەنچىلىك دەلىللەرگە كۆرە، يېزىلىق بولسۇن، شەھەرلىك بولسۇن، ئەر، ئايال ھەر قانداق بىر ئادەمگە نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكى يەتمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلگەندىن كېيىن بۇرۇنقى ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ. بەزى كىشىلەر ناماز پەقەت قېرىغاندىلا پەرز بولىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. مەسىلەن: بەزى سوپىلارنىڭ مۇرىتلىرى ئۆزلىرىگە نامازنىڭ پەرز ئېكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.شۇلارغا ئوخشاش مەيلى بىلىمسىزلىكتىن ۋەياكى جاھىلىقتىن بولسۇن بۇلارمۇ شۇنىڭ ھۆكمىگە كىرىدۇ. (پەتىۋا مەجمۇئەسى21/101،102).
جىنابەت بىلەن ناماز ئوقۇغان كىشىگە دەيمىزكى، غۇسلىنىڭ پەرزلىكىنى ئۆگىنىشنىڭ شارائىتى تولۇق بولغان تۇرسىمۇ، ئۆگەنمىگەنلىكى ياكى تىرىشمىغانلىقى سەۋەبلىك نامازلارنى تاھارەتسىىز ئوقۇغان بولسا، بۇ نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىشى لازىم.

www.islamqa.com