Sun 28 Rb2 1437 - 7 February 2016
45788
ئاياغقا مەسھى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاياغنى سىلىۋەتسە بۇنىڭ بىلەن تاھارەت سۇنامدۇ؟
تاھارەت ئالغان كىشى ئاياغقا ياكى پايپاققا مەسھى قىلىپ بولۇپ، ئاياغنى ياكى پايپاقنى سىلىۋەتسە بۇنىڭ بىلەن تاھارەت سۇنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پىقھى ئالىملىرى تاھارەت ئىلىپ ئاياغقا مەسھى قىلىپ ئاندىن ئاياغنى سىلىۋەتكەن كىشىنىڭ تاھارىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار: يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا، ئىككى پۇتنى يۇيۇش ئارقىلىق تاھارەت كامىل بولىدۇ دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ قاراش كۈچلۈك ئەمەس، چۈنكى تاھارەتتە بەدەننى ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ. يەنى تاھارەت ئىلىش جەريانىدا ئەزالارنى  يۇيۇشتا ئۇزۇن پاسىل قويماستىن ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇش كېرەك بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسىرى 1-توم 367-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ تاھارەت ئالغاندا ئەزالارنى ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇش پەرز ئەمەس دېگەن قاراشتىكى ئالىملارنىڭ سۆزى بولۇپ، بۇ ئاجىز كۆزقاراش ھېسابلىنىدۇ".

    باشقا ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا تاھارەت سۇنىدۇ، ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا قايتىدىن تاھارەت ئىلىش كېرەك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىلى: مەسھى قىلىش تاھارەتتە يۇيۇشنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ، ئاياغنى سىلىۋەتسە ئىككى پۇتىنىڭ تاھارىتى سۇنىدۇ، چۈنكى ئاياغنى سىلىۋىتىش بىلەن ئۇ كىشى پۇتىنى يۇمىغان ياكى مەسھى قىلمىغان بولىدۇ، ئىككى پۇتىنىڭ تاھارىتى سۇنىدىكەن شۇنىڭ بىلەن پۇتۇن ئەزالىرىنىڭ تاھارىتى سۇنىدۇ،  چۈنكى تاھارەت پارچىلانمايدۇ. شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان بولۇپ، "پەتىۋالار توپلىمى" ناملىق ئەسەر 10-توم 113-بەتتە بايان قىلىنغان.

    يەنە بىر قىسىم ئالىملار  مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر تاھارىتى سۈنغۇچە قەدەر ئاياغ ياكى پايپاقنى چىقارسا تاھارەت سۈنمايدۇ. (يەنى مەسھى قىلمىغانلا بولسا) بۇ ئىلىگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىدىن: قەتادە، ھەسەن ئەلبەسەرىي، ئىبنى ئەبىي لەيلا قاتارلىقلارنىڭ قارىشى، ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھمۇ "ئەل مۇھەللا" ناملىق ئەسەر 1-توم 105-بەتتە بۇ قاراشنى كۈچلاندۇرغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھمۇ "ئەل مەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 1-توم 557-بەتتە، بۇ كۈچلۈك قاراش دېگەن.

    يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا تاھارەت سۇنمايدۇ دېگەن ئالىملارنىڭ دەلىلى:

    1- تاھارەتنىڭ سۇنىشى تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئامىللارنىڭ يۈز بىرىشى ئارقىلىق بولىدۇ، ئاياغنى سىلىۋىتىش دېگەن تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئاماللاردىن ئەمەس.

    2-تاھارەتتە ئاياغنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلىش شەرئى دەلىللەر بىلەن بىكىتىلگەن، بۇنى سۇنىدۇ دىيىش ئۈچۈن چوقۇم شەرئى دەلىل بولىشى كېرەك. ئاياغنى سىلىۋىتىش بىلەن تاھارەت سۇنىدۇ دەيدىغانغا شەرئى دەلىل يوق.

    3-بۇ تاھارەت ئىلىپ بولۇپ چىچىنى ئالدۇرۋەتكەنگە قىياس قىلىنىدۇ، چۈنكى بىر ئادەم تاھارەت ئىلىپ بىشىغا مەسھى قىلىپ ئاندىن چىچىنى ئالدۇرسا بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى سۇنمايدۇ، شۇنىڭدەك ئاياغقا مەسھى قىلىپ ئاندىن ئاياغنى سىلىۋەتسە بۇنىڭ بىلەنمۇ تاھارەت سۇنمايدۇ.

    ئەمما شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاھارەت ئىلىپ مەسھى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاياغنى ياكى پايپاقنى سىلىۋەتسە بۇنىڭ بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ، توغرا قاراشتا تاھارىتى سۇنغانغا قەدەر قانچىلىك ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ." [ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 193-بەت].

   "ئەلمۇغنى" 1-توم366-386-بەتلەر، "ئەلمۇھەللا"1-توم105-بەت، ئەلئىختىيارات15-بەت، شەرھۇل مۇمتىئ1-توم 180-بەت قاتارلىق كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

 

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى