Fri 7 Muh 1436 - 31 October 2014
45855
ئىسلام غېرىبلىق ھالەتتە باشلاندى يەنە غېرىبلىق ھالىتىگە قايتىدۇ
«ئىسلام غېرىبلىق ھالەتتە باشلاندى يەنە غېرىبلىق ھالىتىگە قايتىدۇ» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام غېرىبلىق ھالەتتە باشلاندى يەنە ئەسلىدىكىگە ئوخشاش غېرىبلىق ھالىتىگە قايتىدۇ، غېرىبلەرگە خۇش بىشارەت بولسۇن.»  [مۇسلىم رىۋايىتى 145-ھەدىس].

     ئىمام سىندىي ئىبنى ماجە ناملىق ئەسەرگە يازغان شەرھىسىدە، يۇقىرىقى ھەدىستە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "«غېرىپ» دېگەن سۆز: ئۇرۇغ-تۇغقىنى ياكى ئەھلى-ئەۋلادلىرى ئاز دېگەن مەنانى بېرىدۇ. يەنە «غېرىپ» دېگەن سۆز: ئۆز ۋەتىنىدىن يىراق بولغۇچى دېگەننىمۇ ئىپادىلەيدۇ. ھەدىستىكى: «ئەسلىدىكىگە ئوخشاش غېرىبلىق ھالىتىگە قايتىدۇ» دېگەننىڭ مەنىسى: گەرچە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ياكى ئەھلى-ئەۋلادلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئىسلامغا ياردەم بېرىدىغان، دىننى تۇرغۇزىدىغان كىشىلەر ئاز بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. «غېرىبلەرگە خۇش بىشارەت بولسۇن» دېگەننىڭ مەنىسى: ئىسلام دىننىڭ ھەقىقى تەقەززاسى بىلەن ھايات كەچۈرىدىغانلار يوقىلىۋاتقان بىر زاماندا، ھاياتىدا شەرىئەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشىغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خوش-خەۋەر بولسۇن، دېگەنلىكتۇر". بۇ ھەدىستە ئىسلامغا ياردەم بېرىش، دىنى ئىشلارنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىنىڭ، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتكە ئوخشاش، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، مۇساپىرچىلىق ۋە غېرىبلىقنىڭ مۇشەققەتلىرىگە سەبىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ قازىي ئىيازدىن نەقىل قىلىپ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە، بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "شۈبھىسىزكى، ئىسلام دەسلەپتە ئازغىنە كىشىلەر بىلەن باشلاندى، ئاندىن كىيىن ئاشكارا ھالەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى، ئۇنىڭدىن كىيىن، ئۇنىڭغا بەزەن كەمچىللىك ۋە نۇقسانلار يېتىدۇ، ئاخىرىدا، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى باشلانغان ھالىتىدەك، ئازغىنە كىشىلەرلا قالىدۇ". تۈگىدى.

     سەئۇدى ئەرەبىستان دىنى تەشۋىقات ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى بۇ ھەدىس توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن ئىسلام دىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى دەسلەپتە دىنغا دەۋەت قىلغان ۋاقىتتا كىشىلەر بىر-بىرلەپ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان. ئۇ ۋاقىتتا دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، دىن غېرىبلىق ھالەتتە بولغان. مۇسۇلمانلارغا ھۆكۈمرانلىق ۋە زۇلۇم قىلىدىغان دىن دۈشمەنلىرىگە نىسبەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز، كۈچ-قۇۋۋىتى ئاجىز ئىدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز دىنىنى ساقلاپ قىلىش، پىتنىدىن ساقلىنىش، زالىملارنىڭ زۇلمى ۋە سىياسى بېسىمىدىن، قۇل قىلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھەبەشىستانغا (ھازىرقى ئېپوپىيە) ھىجرەت قىلىپ كەتكەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئازار-كۈلپەتلىرى چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى بىلەن، مەككە مۇكەررەمە شەھرىدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە پەرۋەردىگارىدىن ئۆزىنىڭ دەۋەت ۋە چاقىرىقىنى قوللايدىغان، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى كىشىلەرنى ئۇچراشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ ھىجرەت قىلغان.

     ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، مەدىنىدە ئەنسارىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دىنغا ياردەم بەردى. ئاللاھ تائالا دىنغا ياردەم بەرگۈچى قوشۇنلارنى كۈچلەندۈرۈپ، بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەردى. نەتىجىدە؛ مەدىنىدە ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلدى، ئىسلام زېمىننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە تارالدى. دىنسىزلىق-كۇپىرلىق تەلىماتلىرى يەر بىلەن يەكسان بولۇپ، ئاللاھنىڭ سۆزى-دىنى ئالى ۋە يۈكسەك بولدى. ئاللاھ تائالا غالىبتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ئىززەت، شان-شەرەپ ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۇپتۇر. ئىسلام دىنى ئۇزۇن ۋاقىت شۇ بويىچە داۋاملاشتى، ئاندىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك، قورقۇنچ، ئاجىزلىق ۋە پىتنە-پاساتلار يامرىدى، ئۇلار تەدرىجى ئاجىزلىشىش نەتىجىسىدە، ئىسلام دەسلەپكى باشلانغان ۋاقتىدىكىدەك غېرىبلىق ھالىتىگە قايتتى. لېكىن بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سان جەھەتتە ئاز بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى، بۇ ئۇلارنىڭ دىنغا چىڭ ئىسىلمىغانلىقى، ئاللاھنىڭ كىتابىغا تولۇق ئەمەل قىلمىغانلىقى، ئاللاھ توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلغان ئازغىنە كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن خەۋەرسىز قىلىپ، نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىپ كېتىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشى، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر مال-دۇنيادا بەسلەشكەندەك بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ، ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، ھوقۇق تالىشىپ قان تۆكۈشىدىن ئىبارەت دىننىڭ سىرتىدىكى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالغانلىقىدىندۇر. دىن دۈشمەنلىرى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كېرىپ، دۆلەت ۋە شەھەر-رايونلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇلارنى قۇل قىلىپ، زېمىن ئەھلىنى خار قىلىپ ئۇلارغا تۈرلۈك ئازابلارنى تېتىتتى. مانا بۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپتە باشلانغاندەك غېرىبلىق ھالىتىگە قايتىشىدۇر.

    شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا قاتارلىق بىر بۆلەك ئالىملار: بۇ ھەدىس ئىسلامنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق غۇربەتچىلىكتىن كېيىن قايتىدىن غەلبە قىلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قاراپ، بۇ قاراشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «يەنە ئەسلىدىكىگە ئوخشاش غېرىبلىق ھالىتىگە قايتىدۇ» دېگەن سۆزىگە ئوخشىتىپ، بۇ ھەدىس خۇددى دىن تۇنجى قېتىم تارقىلىپ غۇربەتچىلىككە دۇچ كەلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار غەلبە قىلىپ ئىسلامنى تارقاتقىنىغا ئوخشاش، ئىككىنچى قېتىملىق غۇربەتچىلىكتىن كېيىنمۇ دىننىڭ تارقىلىدىغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەتتۇر.

     بۇ قاراش روشەن توغرا قاراشتۇر. چۈنكى بۇ قاراشنى ئىمام مەھدىينىڭ ئاخىر زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ مەھدىيگە ياردەملىشىپ دەججالنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى، ئىسلامنىڭ كەڭ تارقىلىپ، كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ يەنىمۇ ئاشىدىغانلىقى ۋە كاپىر بەدبەختلەرنىڭ يەر بىلەن يەكسان بولۇپ يوق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر كۈچلەندۈرىدۇ.

     جانابى ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

     تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى