سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى يازغاندا (ساد ياكى ساد، لام، ئەيىن ۋە مىم) ھەرىپى بىلەن يېزىپ ئىپادىلەشنىڭ ھۆكمى

47976

تارقاتقان ۋاقىت : 26-12-2014

كۆرگۈچىلەر : 4259

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا (ساد ياكى ساد، لام، ئەيىن ۋە مىم) ھەرىپىنى يېزىپ ئىپادىلىسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، "سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم" دېگەن جۈملىنى تولۇق يېزىش كېرەك. ئەمما ئۇ جۈملىنى تولۇق يازماستىن (ساد ياكى ساد، لام، ئەيىن ۋە مىم) ھەرىپىنىلايېزىپ قويۇش توغرا بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش نامازنىڭ تەشەھۇتتا، خۇتبە ئوقۇغاندا، دۇئادا، ئىستىغپار ئېيتقاندا، ئەزان ئوقۇلغاندىن كېيىن، مەسچىتكە كىرگەندە ۋە مەسچىتتىن چىققاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا ۋە باشقا ئورۇنلاردا تولۇق ئاتاش يولغا قويۇلغاندۇر. شۇنداقلا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى كىتاپ، لېكسىيە، ماقالە قاتارلىق ئىلمى ئەسەرلەردە يىزىلغاندا تولۇق يېزىش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

بىز ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىدىن كىيىن يىزىلىدىغان دۇرۇت-سالامنى تولۇق يېزىشىمىز كېرەك. ئوقۇرمەنمۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندا تولۇق ئوقۇشى لازىم. بىرەر كىتاب ياكى ماقالە يازغاندا بەزى يازغۇچىلاردەك (ساد ياكى ساد، لام، ئەيىن ۋە مىم) ھەرىپىنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بەلگە شەكىللىك ھەرىپلەرنىيېزىپ قويۇش توغرا بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّـهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ ۚ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًاتەرجىمىسى: ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار (چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر). [سۈرە ئەھزاب 56-ئايەت].

يازمىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بىر قانچە ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش بىلەن كۇپايىلەنسە، تولۇق يازغاندا ھاسىل بولىدىغان شەرەپ-پەزىلەت يوق بولىدۇ.

بەزى ۋاقىتتا ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلمايدۇ ياكى بۇ ھەرىپلەرنى چۈشەنمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزى ئالىملار ھەرپ بىلەن ئىپادىلەشنى ياقتۇرمىغان ۋە بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان.

ئىبنى سەلاھ ئۆزىنىڭ ھەدىس ئالىملىرى ناملىق كىتابىنىڭ (بۇ كىتاب ئىبنى سەلاھنىڭ مۇقەددىمىسى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان) 25-بۆلۈمىدە مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىس يېزىش ۋە يازغاننى قانداق بېكىتىش ۋە باغلاشتۇرۇش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "يازمىلاردا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن سۆزنى تولۇق يېزىش كېرەك، تەكرار تىلغا ئېلىنغاندا تەكرار يېزىشتىن زېرىكمەسلىك لازىم، چۈنكى بۇنىڭدا كۆپ پايدىلار بولۇپ، بۇ سۆزنى يازغۇچى ۋە ھەدىسنى ئوقۇغۇچى بۇنىڭغا تىزدىن ئېرىشىدۇ، بۇنىڭدىن غاپىل قالغان كىشى كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ، بىز بۇنداق كىشىلەرنى چۈشلىرىمىزدە ئوچۇق كۆردۇق. سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن سۆزنى يېزىش رىۋايەت قىلىنغان سۆز بولماستىن بەلكى بېكىتىلگەن دۇئادۇر، شۇنىڭ ئۈچۈنبۇنىڭ رىۋايەت بىلەنمۇ ئالاقىسى يوق ۋە بۇنى قىسقارتىپ بىرقانچە ھەرپ بىلەن ئىپادىلەشمۇ توغرا بولمايدۇ.

شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندىمۇ ئاللاھ تائالاغا مەدھىيە ئېيتىش كېرەك ۋە ئاللاھ كاتتىدۇر، يۈكسەكتۇر ۋە بەرىكەتلىكتۇر دېگەندەك سۆزلەرنى يېزىش كېرەك.

ئاللاھ تائالاغا مەدھىيە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالامنى ئىسپاتلاشتا ئىككى كەمچىللىكتىن ساقلىنىش كېرەك:

بىرىنچى: بۇنى تولۇق يازماستىن پەقەت بىر-ئىككى ھەرەپ بىلەن ئىپادىلەشتىن.

ئىككىنچى: سۆزنىڭ مەنىسىنى يېزىپ ئەسلى بويىچە تولۇق يازماسلىقتىن ئىبارەت.

بىر رىۋايەتتە ھەمزە ئەلكەنانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن دائىم ھەدىس يازاتتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، (سەللەللاھۇ ئەلەيھى) دەپ يازاتتىم(ۋەسەللەم) دېگەن سۆزنى يازمايتتىم. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشۈمدە كۆردۈم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: ساڭا نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن ماڭا دۇرۇت-سالامنى تولۇق يازمايسەن؟ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەدىس يازغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) دەپ تولۇق يازىدىغان بولدۇم.

ئىبنى سەلاھ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا(سەللەللاھۇ ئەلەيھى) دەپ يېزىش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ. (ئىبنى سەلاھ رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى).

ئىمام سەخاۋىي رەھىمەھۇللاھ "پەتھۇل مۇغىيس شەرھى ئەلپىيىتۇل ھەدىس لىلئىراقىي" دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىس يازغۇچى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) دەپ تولۇق يازماستىن پەقەت بىر-ئىككى ھەرپ بىلەن ئىپادىلەپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەرەب تىلىدىن خەۋىرى يوق بولغان ئەجەم ئەۋلادلىرى ياكى بەزى تالىپ-ئىلىملار (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) دەپ تولۇق يازماستىن بەلكى (ساد) ياكى (ساد مىم) ياكى (ساد لام ئەيىن مىم) ھەرپى بىلەن ئىپادىلەش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تولۇق يازمىغاندا بۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپمۇ كېمىيىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە".

ئىمام سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ: "تەدرىيب ئەرراۋىي فى شەرھى تەقرىيب ئەننەۋەۋىي" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ: "ھەدىس يازغان ئورۇنلاردا بولسۇن ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش يولغا قويۇلغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) دەپ تولۇق يازماستىن بەلكى (سەللەللاھۇ ئەلەيھى)ياكى(ۋەسەللەم) دەپ قىسقارتىپ يېزىش ياخشى بولمايدۇ، چۈنكى ئىمام مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى ئاللاھ تائالانىڭ: ئى مۆمىنلەر!سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار دېگەن ئايىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا ئۇنى بىر-ئىككى ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش توغرا بولمايدۇ بەلكى تولۇق ئىپادىلەش كېرەك دەپ قارايدۇ". (ئىمام سۇيۇتىينىڭ سۆزى بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى).

مېنىڭ ھەر بىر مۇسۇلمان، يازغۇچى ۋە ئوقۇرمەن قاتارلىقلارغا قىلىدىغان تەۋسىيەم: يازما ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەندە ئەجىر-ساۋاپ كۆپ بولىدىغان شەكىلدە يېزىشىمىز كېرەك. ئەمەللىرىمىزنى بىكار قىلىۋىتىدىغان ياكى ساۋابىنى كىمەيتىۋىتىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئاللاھ تائالا سېخى ۋە ئېسىل زاتتۇر. پەيغەمبەربىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن. [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 2-توم397-399-بەتلەر].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى