پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

روزا ھېيت كۈنىدە تەكبىر قاچان باشلىنىدۇ ۋە قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟

سۇئال

روزا ھېيت كۈنىدە تەكبىر قاچان باشلىنىدۇ ۋە قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇبارەك رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقاندا ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ تەكبىر ئېيتىشنى يولغا قويدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلِتُكْمِلُواْ ٱلْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ   تەرجىمىسى: سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغائاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

   ئاللاھنى كاتتىلاڭلار دېگەن بۇيرۇق بولسا: ئاللاھ تائالانى دىلىڭلار، تىلىڭلار بىلەن ئۇلۇغلاڭلار، بۇ تىل بىلەن تەكبىر ئېيتىش ئارقىلىق بولىدۇ.

    تەكبىردە: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمدۇ دەيدۇ ياكى ئۈچ قېتىم ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمدۇ دەيدۇ.بۇنىڭ ھەممىسى توغرا بولىدۇ.

    كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، ئەرلەر-ئاياللار ئۈچۈن مەسچىتلەرسە، ئۆيلەردە ۋە بازارلاردا بۇ شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش سۈننەتتۇر.

    ئەمما ئەرلەر تەكبىرنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتىدۇ، ئاياللار بولسا پەس ئاۋازدا مەخپى ئېيتىدۇ، چۈنكى ئاياللار ئاۋازىنى پەس قىلىشقا بۇيرۇلغان. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرگە نامازدا بىرەر ئىش يۈزبەرسە، ئەرلەر تەسبىھ ئېيتسۇن، ئاياللار چاۋاك چالسۇن.

    تەكبىرنى ئاياللارنى مەخپى قىلىدۇ، ئەرلەر ئاشكارا قىلىدۇ.

    تەكبىرنىڭ ۋاقتى ئەگەر مەغرىبتىن ئىلگىرى شەۋۋال ئېيىنىڭ كېرگەنلىكىنى بىلسە ياكى ئاينى ئوتتۇز كۈن تولۇقلىسا، ھېيت كېچىسى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ،   ئىمام ھېيت نامىزىنى باشلىغاندا ئاخىرلىشىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"16-توم 269-272-بەت].

    ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ "ئەلئۇم"دا مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:  وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ تەرجىمىسى: تەرجىمىسى: سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغائاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

    مەن قۇرئان ئەھلىدىن بولغان سۆزلىرىدىن رازى بولىدىغان ئالىملارنىڭ بىرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنى بۇنىڭغا ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاينى تولۇقلىغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاڭلار، ئاينى تولۇقلاش رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرۇش بىلەن بولىدۇ.

     ئاندىن ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەۋۋالنىڭ ئېيى كۆرۈنگەندە، كىشىلەرنىڭ يەككە ھالەتتە، جامائەت بولغان ھالەتتە، مۇقىم بولغان ياكى مۇساپىر بولغان ھالەتلەردە مەسچىتلەر، بازارلار، يوللار، ئۆيلەردە ۋە قەيەردە بولسا تەكبىر ئېيتىشىنى ياقتۇرىمەن، ئەرلەر تەكبىرنى ئاشكارا ئېيتىدۇ، ئۇلار ھەتتا ئەتىسى ئەتتىگەندە ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايغا بارغانغا ۋە ئىمام نامازنى باشلاش ئۈچۈن چىققانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاندىن تەكبىرنى تەرك قىلىدۇ.

     ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ سەئىد ئىبنى مۇسەييىب، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، ئەبى سەلەمە، ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئابدۇرەھمان قاتارلىقلارنىڭ روزا ھېيت كېچىسىدىن باشلاپ مەسچىتلەردە تەكبىر ئېيتقانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.

     ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ۋە ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئابدۇرەھمان ئىككەيلەن ناماز ئوقۇيدىغان جايغا ماڭغاندا ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكبىر ئوقۇپ ماڭاتتى.

    ناپىئ ئىبنى جۇبەير ھېيت كۈنى ناماز ئوقۇيدىغان جايغا ماڭغاندا ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكبىر ئوقۇپ ماڭاتتى.

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ روزا ھېيت كۈنى كۈن چىققان ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيدىغان جايغا بارغۇچە تەكبىر ئېيتىپ ماڭاتتى، ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەندىمۇ ئىمام نامازغا تۇرغۇچە تەكبىر ئېيتىشنى داۋاملاشتۇراتتى، ئىمام چىققاندا تەكبىرنى توختىتاتتى.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى