Sat 29 Muh 1436 - 22 November 2014
48975
روزىدار رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە سەپەر قىلسا، ئېغىزىنى ئېچىۋېتىشى دۇرۇس بولىدۇ
كېچىدە روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ روزا تۇتتۇم، ئاندىن كۈندۈزدە سەپەر قىلىشنى مەقسەت قىلدىم، مەن روزامنى تاماملايمەنمۇ ياكى يول ئۈستىدە ئېغىزىمنى ئاچسام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

      ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبى بويىچە روزىدار كىشى رامزاندا كۈندۈزى سەپەر جەريانىدا روزىسىنى بۇزۇۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ. ["ئەلمۇغنى4-توم 345-بەت].

     قۇرئان ۋە ھەدىستە بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان دەلىللەر يۇقىرىقى سۆزنى ئىسپاتلايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

     مۇساپىر رامزاننىڭ كۈندۈزىدە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىۋېتىشىگە رۇخسەت قېلىنىدۇ. 

     ئۇبەيد ئىبنى جەبرىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئەبۇ بەسرە ئەلغىپارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە پۇستات دېگەن جايدىن كېمىگە چېقىپ سەپەرگە ئاتلاندۇق، كېمە قوزغىلىشى ئۇ كىشى دەستۇرخان سىلپ يېمەكلىك ھازىر قىلىپ، مېنى يېقىن كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. (ئىمام ئەھمەتتىن بايان قىلىنغان رىۋايەتتە: كېمە قوزغىلىشىغا دەستۇرخان سىلپ يىمەكلىك ھازىر قىلدى دېيىلگەن) مەن: تېخى ئۆيلەرنى كۆرەۋاتىمىزغۇ؟ دېدىم. ئۇ كىشى: "سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن يۈز ئۆرىمەكچىمۇ؟" دېدى. [ئىمام ئەھمەد26690-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇت 2412 -ھەدىس].

     "ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى سۈننەتتىن دېگەن سۆزدىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ  سۈننىتى كۆزدە تۇتىلىدۇ." [ئەۋنۇل مەبۇد].

     ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "تەھزىب ئەسسۈنەن" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان بىر رىۋايەتتە بۇ ئەسەر روزىدار كىشىنىڭ سەپەر جەريانىدا ئېغىزىنى ئېچىۋېتىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ھۆججەت بولىدۇ. شۇنداقلا ئەمرۇ ئىبنى شۇرەھبىل، شەئبى ۋە ئىسھاق قاتارلىق ئالىملارمۇ بۇ قاراشتا بولغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ يۇقىرىقى قاراش بايان قىلىنغان. داۋۇت ئىبنى مۇنزىرمۇ بۇ قاراشنى كۈچلاندۇرغان".

     شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" ناملىق ئەسىرى 25-توم 212-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر بىر كىشى رامزان كۈنلىرىدە سەپەردە بولسا ئېغىزىنى ئىچىۋەتسە دۇرۇس بولامدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن بۇ توغرىدا ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش بايان قىلىنغان، ئۇ كۆزقاراشلارنىڭ كۈچلۈكرەكى، سەپەر ئۈستىدىكى كىشى روزىسىنى بۇزۇۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ دېگەن قاراشتۇر. بۇ توغرىدا ھەدىس كىتابلىرىدا، ساھابىلاردىن سەپەردە رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئېغىزىنى ئېچىۋەتكەنلىك توغرىسىدا ئەسەرلەر بايان قىلىنغان. يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستىمۇ،  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەپەردە روزىدار ئىدى، يولدا كېتىۋېتىپ سۇ ئەكەلدۈرۈپ روزىسىنى بۇزۇۋەتتى، ئۇ ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قاراپ تۇراتتى". ["شەرھۇل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەر 6-توم217-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

     لېكىن سەپەرنى باشلاپ ئۆز يۇرت دائىرىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن روزىسىنى ئېچىۋەتسە بولىدۇ. ئەمما سەپەرنى مەقسەت قىلىپ يۇرتىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ روزىسىنى بۇزسا توغرا بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ "شەرھۇل مۇمتىئ" ناملىق ئەسىرى 6-توم217بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "روزىدار رامىزاندا سەپەر قىلسا كۈندۈزدە ئېغىزىنى ئىچىۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن روزىدار مۇساپىرلىق ھالىتىدە ئېغىزىنى ئېچىۋىتىشى ئۈچۈن ئۆز يۇرت دائىرىسىدىن ئايرىلىش شەرتمۇ ياكى سەپەرنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىقىپلا ئىپتار قىلامدۇ؟. بۇنىڭ جاۋابى: بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىكى ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان.

     بۇ قاراشلارنىڭ ئەڭ توغرىسى، روزىدار ئۆز يۇرت دائىرىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئېغىزىنى ئىچىۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى سەپەر قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ يۇرتىدىن چىقىپ كەتمىدى ۋە سەپەر دائىرىسىگە كىرمىدى. مۇساپىرنىڭ ئۆز يۇرت دائىرىسىدىن چىقماي تۇرۇپ نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇشى دۇرۇس بولمىغاندەك، روزىدارنىڭ سەپەر ئۈچۈن يۇرت دائىرىسىدىن چىقماي تۇرۇپ ئېغىزىنى ئېچىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ".

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى