سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ھارام مال بىلەن ھەج قېلىش توغرىسىدا

48986

تارقاتقان ۋاقىت : 08-10-2013

كۆرگۈچىلەر : 3369

سۇئال

كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولمىغان ياكى ھارام مال بىلەن ھەج قىلغان كىشىنىڭ ھەجى توغرا بولامدۇ، بولمامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولمىغان ياكى ھارام مال بىلەن ھەج قىلغان كىشىنىڭ ھەجى توغرا بولىدۇ. يەنى ئۆزىگە پەرز قېلىنغان ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەجى تولۇق قوبۇل قېلىنغان ھەج بولمايدۇ. چۈنكى ھارام پۇل بىلەن قىلغان ھەجنىڭ ساۋابى ۋە پەزىلىتى شۇنىڭغا لايىق بولىدۇ. 34517- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسىرى 7-توم62-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولمىغان ياكى ھارام مال بىلەن ھەج قىلغان كىشىنىڭ ھەجى توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە پەرز قېلىنغان ھەج ئىبادىتى ئادا بولىدۇ. كۆپلىگەن پىقھىشۇناس ئالىملار بۇ قاراشتا بولغان".

پىقھى مەسىلىلەر توپلىمى 17-توم131-بەتتە مۇنداق دېيىلگەن: "كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولمىغان ياكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان پۇل بىلەن ھەج قىلغان بولسا، سىرتقى ھۆكۈمدە ئۇنىڭ قىلغان ھەجى توغرا بولىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاسىيلىق قىلغۇچى بولۇپ، قىلغان ھەجى تولۇق قوبۇل قىلىنغان ھەج دەپ قارالمايدۇ. مانا بۇ كۆزقاراش ئىمام شافىئى، ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرى ۋە كىيىنكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل: ھارام مال بىلەن قېلىنغان ھەج توغرا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قاراشتا: ھاراملىق بىلەن دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئۇزۇن سەپەر قىلغان، چاچلىرى چۇۋۇق، چاڭ-توزانغا مىلەنگەن، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ: ئى پەرۋەردىگارىم!، ئى پەرۋەردىگارىم! دەپ دۇئا قىلغان كىشىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ يېمەك-ئېچمىكى، كىيىم-كېچەكلىرى ھارامدىن تۇرسا، ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت قىلىنسۇن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ كىشى ھەج پائالىتىنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن بويىچە ئادا قىلغان بولسا، قىلغان ھەجى توغرا بولىدۇ، لېكىن مەزكۇر پەرز ئىبادەتنى ھارام مال بىلەن ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ. ئۇ كىشى قىلمىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم تەلەپ قېلىشى كېرەك. مەزكۇر ئىبادەتكە ھارام مال سەرپ قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ ھەجى تولۇق بولمايدۇ ئەمما ئۆزىگە پەرز قېلىنغان ھەج ئىبادىتى، پەرز بولۇش سۈپىتى بىلەن گەردىنىدىن ساقىت بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى16-توم387-بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 43-بەتتە مۇنداق دېيىلگەن: "گەرچە ھەجنى ھارام مال بىلەن قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ھەجنىڭ ئادا بولىشىغا توسالغۇ بولمايدۇ شۇنداقتىمۇ ئۇ كىشى ھارامدىن مال توپلىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ. قىلغان ھەجى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ بەلكى ھەجنىڭ ساۋابى ۋە ئۇ سەۋەبلىك ھاسىل بولىدىغان پەزىلەت تولۇق بولمايدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى