Thu 25 Shw 1435 - 21 August 2014
49023
ئىسلام دىنىدىكى دەرىجە- مەرتىۋىلەر
ئىسلام دىنىدا دەرىجە-مەرتىبىلەر بارمۇ ؟ ئۇلار قايسىلار ؟


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ھەئە ، ئىسلام دىنىدا ئۈچ دەرىجە بار ، ئۇلار ، ئىسلام ، ئىمان ۋە ئىھساندىن ئىبارەت . ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ مەنىسى ۋە ئەركانلىرى بار .
1- ئىسلام ، ئۇنىڭ ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسى ، بويسۇنۇش . شەرىئەت ئاتالغۇسىدا ئۇنىڭ مەنىسى ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ ، ھەمدە مۇنۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ بىرىنى بىلدۈرىدۇ :
(1) بۇ سۆز ئايرىم كەلگەندە ، ھەمدە <ئىمان>سۆزى بىلەن بىللە كەلمىگەندە ، ئىماننىڭ(ئىشىنىش) چوڭ-كىچىك مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بىر پۈتۈن دىننى كۆرسىتىدۇ ، ئاللاھ مۇنۇ ئايەتلەردە ئېيىتقاندەك :
« ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى دىن – ئىسلام . »
[ ئال ئىمران(ئىمران ئائىلىسى) : 19 ]
« ھەمدە ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشنى تاللىدىم . »
[ مائىدە(داستىخان): 3 ]
« كىمكى ئىسلام دىنىدىن باشقا بىر دىننى ئىزدەيدىكەن ، ئۇنىڭدىن ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ . »
شۇڭلاشقا بەزى ئالىملار ئۇنىڭغا ، يەنى ئىسلامغا ، ئاللاھقا ئۇنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇيرىقىنى ئاڭلىغان ھالدا ھەمدە شىرىك ۋە ئۇنىڭ ئەھلىدىن ئادا-جۇدا بولغان ھالدا بويسۇنۇش دەپ ئىنىقلىما بەردى .
(2) ئۇ ، <ئىمان> سۆزى بىلەن بىرلىكتە كەلسە ، ئۇ ھالدا ، ئۇ تاشقى ھەركەتلەرنى ۋە سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ ، ئاللاھ مۇنۇ ئايەتلەردە ئېيىتقاندەك :
« كۆچمەن ئەرەپلەر(بەدەۋىلەر) : بىز ئىشەندۇق (ئىمان ئېيىتتۇق) دىدى . دىگىنكى ، سىلەر تېخى ئىشەنمىدىڭلار ، لىكىن ،(ئىسلامغا )بويسۇندۇق ، دەڭلار ، ئىشىنىش(ئىمان) سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا تېخى كىرگىنى يوق ...»
[ ھۇجۇرات(ھۇجرىلار) : 14 ]
سەھىيھۇل بۇخارىي (27) ،سەھىيھۇل مۇسلىم(150) تە ، سەئېيىد بىن ئەبۇ ۋەققاستىن مۇنداق دەپ نەقىل قىلىنغان : ئاللاھ ئەلچىسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىر كىشىلەرگە زاكات تارقىتىۋاتقاندا ،سەئېيىد ئۇ يەردە ئولتۇراتتى . سەئېيىد : لىكىن ،ئاللاھ ئەلچىسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى دەپ ئويلىغان كىشىنى قالدۇرۇپ قويدى ، ھەمدە ئۇنىڭغا ھىچنىمە بەرمىدى . مەن دىدىم : "ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، سەن نىمىشقا پالانى كىشىنى قالدۇرۇپ قويىسەن ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، مەن ئۇنى ئىتىقادلىق بىر مۇئمىن دەپ قارايمەن . " ئاللاھ ئەلچىسى : « ياكى (پەقەتلا) بىر مۇسۇلمان .» دىدى . مەن بىر ھازا شۈك تۇردۇم . بىراق مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي سۇئالىمنى تەكرارلىدىم ، چۈنكى مەن ئۇ كىشىنى بىلەتتىم . مەن : " ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، نىمىشقا پالانى كىشىنى قالدۇرۇپ قويىسەن ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، مەن ئۇنى ئىتىقادلىق بىر مۇئمىن دەپ قارايمەن ." دىدىم . ئاللاھ ئەلچىسى : « ياكى (پەقەتلا) بىر مۇسۇلمان ، گەرچە بىر ئادەم ماڭا سۆيۈملۈك بولسىمۇ ، مەن ئۇنىڭ يۈزچىلەپ ئوتقا تاشلىنىشىدىن ئەنسىرەپ باشقا بىرىگە بىرىمەن » دىدى . سەئىد پەيغەمبەرگە : " ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، مەن ئۇنى بىر ئىتىقادلىق مۇئمىن دەپ قارايمەن ." دىگەندە ، ئۇنىڭ: « ياكى (پەقەتلا) بىر مۇسۇلمان» دىگەن سۆزىگە كەلسەك ، ئۇنىڭ مەنىسى : سەن ئۇنىڭ ئىمانىنى كۆرمىدىڭ ، سەن پەقەت تاشقى ئىش-ئەمەللەردىن ئىبارەت ئۇنىڭ ئىسلامىنى كۆردۈڭ .
2-مەرتبە – ئىيمان ، ئۇنىڭ ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسى : قوبۇل قىلىش ۋە بويسۇنۇشنى لازىم قىلىدىغان ئىشىنىش .
شەرىئەتتىكى مەنىسى : ئورنىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى ھالىتى بار :
بىرىنچى ھالەت : <ئىسلام> سۆزى بىلەن بىللە تىلغا ئىلىنماي ، ئايرىم كىلىش ، بۇ ھالەتتە ئۇ بىر پۈتۈن دىننى كۆرسىتىدۇ ، ئاللاھ ئىيىتقاندەك : « ﺍﻟﻠﻪ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ (ﻛﯘﻓﺮﯨﻨﯩﯔ) ﺯﯗﻟﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ (ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ) ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ؛ » [ بەقەرە( ئىنەك): 257 ]
« ئەگەر سىلەر ھەقىقى ئىشەنگۈچى بولساڭلار ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار . »
[ مائىدە ( داستىخان ) : 23 ]
ھەمدە پەيغەمبەر مۇنداق دىگەن : « جەننەتكە پەقەت ئىشەنگۈچىلەر(مۇئىمىنلەر)لا كىرىدۇ . » [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 114 ]
شۇڭلاشقا پىشقەدەملەر( ساھابە-تابىئېنلار) : " ئۇ قەلىپتە چىن پۈتۈش – بۇ قەلىپ ئىش-ئەمەللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ھەمدە تىل بىلەن سۆزلەش ، بەدەن ئەزالىرى بىلەن ئىش-ئەمەل قىلىش ، ئۇ ئىتائەت ئىشلىرى( تائەت- ئىبادەت) بىلەن ئارتىدۇ ، گۇناھ بىلەن كىمىيىدۇ . " دىگەنگە بىرلىككە كەلدى .
شۇڭلاشقا ئاللاھ بۇ <ئىيمان> سۆزىنى دىننىڭ ھەممە قىسمىغا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ئەگىشىپ ماڭغۇچىلار بىلەنلا چەكلىدى ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ :
« ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﻠﺴﻪ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻻ(ﻛﺎﻣﯩﻞ) ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯗﺭ (2). ﺋﯘﻻﺭ (ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ) ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﯘﻝ- ﻣﺎﻟﺪﯨﻦ (ﺧﯘﺩﺍ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ) ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (3). ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯗﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﻠﻪﺭﮔﻪ، ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺭﯨﺰﯨﻘﻘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ) ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ .» [ ئەنفال (غەنىيمەتلەر) : 2-4 ]
ھەمدە ئاللاھ ئىماننىڭ دىننىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن :
« ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯜﻥ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯜﺯ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﯜﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﻳﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ (ﻳﻪﻧﻰﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ)، ﭘﻪﺑﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺶ- ﺋﻪﻗﺮﯨﺒﺎﻻﺭﻏﺎ، ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ، ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺋﯩﺒﻦ ﺳﻪﺑﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯘﻝ- ﻣﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏﺎ)، ﺳﺎﺋﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﯘﻝ- ﻣﺎﻝ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ، ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺋﻪﮬﺪﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﻮﻗﺴﯘﺯﻟﯘﻗﻘﺎ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﯞﻩ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ) ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺶﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ) (ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﺪﺍ) ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯗﺭ، ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯗﺭ . » [ بەقەرە(ئىنەك ) : 177 ]
ھەمدە پەيغەمبەر سەھىيھۇل بۇخارىي (53) ، سەھىيھۇل مۇسلىم( 17) دىكى ئابدۇل قەيىس ئۆمىكى ھەدىيسىدە ئۇنىڭ دىننىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ مۇنداق دىگەن : « مەن سىلەرنى ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە بۇيرىيمەن ، ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىلەر ؟ ، ئۇلار : " ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى بىلىدۇ ." دىدى . ئۇ : « ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىش ، ناماز ئۆتەش ، زاكات بىرىش ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ، ھەمدە غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرىنى بىرىش » دىگەن .
ئۇ ئىشەنگەن ۋە ئۈمۈد قىلغان ھالدا رامىزاندا روزا تۇتۇشنى ئىماننىڭ بىرى قىلغان . ۋە شۇنىڭدەك ، قەدىر كېچىسى ئىبادەتكە تۇرۇشنى ۋە شۇنىڭدەك ئامانەتنى ئادا قىلىشنى ۋە شۇنىڭدەك جىھاد ، ھەج ۋە جىنازىلەرگە ئەگىشىشنى ۋە باشقىلارنى ئىماننىڭ بىر قىسمى قىلغان . سەھىيھۇل بۇخارىي(9) ، سەھىيھۇل مۇسلىم(35) دە مۇنداق دىيىلگەن : « ئىيمان يەتمىش نەچچە تارماق بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقارسى لا ئىلاھە ئىللەللاھ ( ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ) سۆزى ، ۋە ئەڭ تۆۋىنى بولسا يولدىن زەخمەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئىلىۋىتىش . » بۇ تىما ھەقتىكى ئايەتلەر ۋە ھەدىيسلەرنى تىغا ئالساق گەپ ئۇزىراپ كىتىدۇ .
ئىككىنچى ھالەت : <ئىسلام > سۆزى <ئىيمان> سۆزى بىلەن بىر ئورۇندا كىلىش ، بۇ ھالەتتە ئۇ ئىچكى، يەنى قەلىپتىكى ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ دەپ چۈشىنىلىدۇ . جەبرائىل ھەدىيسى ۋە پەيغەمبەرنىڭ دەپنە دۇئاسى ھەدىيسىدە كەلگەندەك ، « ئى ئاللاھ ئارىمىزدىن كىمگە ھاياتلىق بەرسەڭ ، ئىسلام ئۈستىدە ھاياتلىق بەرگىن . ئارىمىزدىن كىمنىڭ جىنىنى ئالساڭ ، ئىيمان ئۈستىدە جىنىنى ئالغىن . » [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 124 . ھەمدە ئۇ : بۇ ياخشى سەھىيھ ھەدىيس دىگەن .ۋە شۇنىڭدەك «سەھىيھ سۇنەنۇ تىرمىزىي» دا بايان قىلىنغاندەك ئەلبانىي ئۇنى سەھىيھ ھەدىيس دەپ تۈرگە ئايرىغان . ]
چۈنكى ، بەدەن ئىش-ئەمەللىرى پەقەت ھايات ھالەتتىلا ئىشقا ئاشىدۇ ، بىراق بىر ئادەم ئۆلسە بارلىق قىپقالىدىغان نەرسە يۈرەكنىڭ سۆزى ۋە ھەركەتلىرىدۇر .
خۇلاسە : ئىيمان ياكى ئىسلام سۆزىنىڭ قايسى بىرى يالغۇز تىلغا ئىلىنسا ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق ، بەلكى ھەربىرى يالغۇز تىلغا ئىلىنغاندا بىر پۈتۈن دىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئەگەر بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ پەرقى بار دىيىلسە ،< ئىسلام > سۆزى بەدەن ئەزالىرىدىكى تاشقى ئىشلارنى ، < ئىيمان> سۆزى بولسا ئىچكى قەلىپ ئىش-ھەركەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ بولسا مۇسلىم سەھىيھىدە (8) ئۇمەر بىن خەتتابتىن نەقىل قىلغان جەبرائىل ھەدىيسى كۆرسەتكەن نەرسە ، ئۇ مۇنداق دىگەن : بىر كۈنى بىز ئاللاھ ئەلچىسى بىلەن بىللە ئىدۇق . ئالدىمىزدا ئاپئاق كىيىملىك ، قاپقارا چاچلىق بىر كىشى پەيدا بولدى . ئۇنىڭدا ھىچبىر سەپەرنىڭ ئەسىرى يوق ئىدى . ئارىمىزدىن ھىچكىم ئۇنى تونۇمايىتتى . ئۇ كىلىپ پەيغەمبەرنىڭ قېشىدا ئولتۇردى ھەمدە ئىككى تىزىنى ئۇنىڭ ئىككى تىزىغا چاپلىدى ، ئىككى ئالقىنىنى ئۇنىڭ ئىككى يوتىسىغا قويدى . ھەمدە ئۇ : " ئى مۇھەممەد ، ماڭا ئىسلام توغىرسىدا سۆزلەپ بەرگىن . " دىدى . ئاللاھ ئەلچىسى : « ئىسلام بولسا ئاللاھتىن بۆلەك ئىبادەت قىلىشقا لايىق ھىچكىم يوق ، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىشىڭ ، ناماز ئۆتىشىڭ ، زاكات بىرىشىڭ ، روزا تۇتۇشۇڭ ۋە قۇدرىتىڭ يەتسە ھەج قىلىشىڭدۇر .» دىدى . ئۇ : " راست سۆزلىدىڭ ." دىدى . بىز ئۇنىڭ سوئالنى سوراپ ئاندىن ئۇنى راسىت دىيىشىدىن ئەجەپلەندۇق . ئاندىن ئۇ : " ماڭا ئىيمان ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن ." دىدى . ئۇ : « ئاللاھ ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ، كىتاپلىرى ، ئەلچىلىرى ۋە قىيامەت كۈنى ھەققىدە ئىشىنىشىڭ ھەمدە تەقدىر ئۇنىڭ ياخشى ۋە يامىنى ھەققىدە ئىشىنىشىڭدۇر . » دىدى . ئۇ : " راسىت سۆزلىدىڭ ." دىدى. ئۇ : ' ماڭا ئىھسان ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن . " دىدى . ئۇ : « ئاللاھقا خۇددى سەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىش ، گەرچە سەن ئۇنى كۆرەلمىسەڭمۇ ، ئۇ سىنى كۆرەلەيدۇ . » دىدى . ئۇ : " قىيامەتنىڭ ۋاقتى توغىرسىدا سۆزلەپ بەرگىن . " دىدى . ئۇ : « سورالغۇچى سورىغۇچىدىن كۆپ بىلمەيدۇ . » دىدى . ئۇ : " ئۇنداقتا ماڭا ئالامەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن . " دىدى . ئۇ : « دىدەكنىڭ خوجايىنىنى تۇغۇشى ، ھەمدە ئىگىز بىنالارنى سىلىشتا بەسلىشىۋاتقان يالاڭاياق ، يالىڭاچ كەمبەغەل پادىچىلارنى كۆرۈشۈڭ . » دىدى . ئاندىن ئۇ كەتتى ، مەن بىر ئاز تۇردۇم ، ئاندىن ئۇ ماڭا : « ئى ئۇمەر ، سەن سوئال سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن ؟ » دىدى . مەن : " ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى بىلىدۇ ." دىدىم . ئۇ : « ئۇ بولسا جەبرائىل ، سىلەرگە دىنىڭلارنى ئۆگۈتۈش ئۈچۈن كەلگەن . » دىدى .
ئۈچىنچى مەرتىۋە : ئىھسان ، ئۇنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى :بىر ئىشنى بەلەن قىلىش ، پۇختا قىلىش ، كۆڭۈل قويۇپ قىلىش .
شەرىئەتتىكى مەنىسى ئورنىغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ ، ھەمدە ئىككى خىل ھالىتى بار :
بىرىنچى ھالەت : ئىسلام ۋە ئىيمان سۆزى بىلەن باغلىنىپ كەلمەستىن ، بەلكى يالغۇز كىلىش ، ئۇ ھالەتتە ئىسلام ۋە ئىيمان سۆزى ھەققىدە يۇقۇردا بايان قىلىنغاندەك ئۇ بىر پۈتۈن دىننى كۆرسىتىدۇ .
ئىككىنچى ھالەت : ئۇ ئىككى سۆز بىلەن ياكى بىرى بىلەن بىللە كىلىش ، ئۇ ھالەتتە ، ئۇنىڭ مەنىسى : ئىچكى ۋە تاشقى قىلىقلىرىنى بەلەنلەشتۈرۈش بولىدۇ . پەيغەمبەر ئۇنى ئۇنىڭدىن بۆلەك ھىچ بىر ئىنسان چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدىغان ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈپ بەردى . ئۇ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىدى : « ئۇ خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشتۇر . گەرچە سەن ئۇنى كۆرەلمىسەڭمۇ ، ئۇ سىنى كۆرەلەيدۇ . » مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئورنى .
بۇنىڭغا ئىرىشكەنلەر ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئەڭ ئالدىدا بولىدىغان ، جەننەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىسى بىلەن ئاللاھقا ئەڭ يىقىن بولىدىغان كىشىلەردۇر .
پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىھسان مەرتىۋىسىنىڭ ئىككى دەرىجىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ھەمدە مۇھسىنلار( بەلەن قىلغۇچىلار) غا بەلەن قىلىش جەھەتتە ئوخشاشمايدىغان ئىككى ماقام بارلىقىنى خەۋەر قىلدى :
بىرىنچى ماقام ، ھەمدە ئۇ بولسا ئىككى ئورۇننىڭ ئىچىدە ئۈستۈن تۇرىدىغىنى : ئاللاھقا خۇددى سەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭ . بۇنى بىر قىسىم ئالىملار " كۆرۈش ماقامى " دەپ ئاتايدۇ . ھەمدە ئۇ بولسا بەندىنىڭ خۇددى قەلبىدە ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىش قىلىشى بولۇپ ، قەلىپ ئىمان بىلەن نۇرلىنىدۇ ، ئاخىرىدا كۆرۈنمەسلەر( غەيىپلەر) خۇددى كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ . كىمكى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يىقىنلىقىنى ، ئۇنىڭغا روبىرولىقىنى ، ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ خۇددى ئۇنىڭغا نەزەر سىلىۋاتقانلىقىنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ ئىبادەت قىلسا ، جەزمەنكى ئۇنىڭدا ئاللاھتىن ئەيمىنىش، قورقۇش ، ھىيقىش ۋە ئۇلۇغلاش بولىدۇ .
ئىككىنچى ماقام : ساپدىللىق ماقامى ، ئۇ بولسا بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا نەزەر سىلىپ تۇرىدىغىنىنى ، كۆرۈپ تۇرىدىغىنىنى ھەمدە ئۇنىڭغا يىقىنلىقىنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ ئىش قىلىشى بولۇپ ، ئەگەر بەندە بۇنى ئىش-ھەركىتىدە كۆڭلىگە كەلتۈرسە ۋە شۇ ئاساستا ئىش قىلسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ساپدىل بولغۇچى ( مۇخلىس) بولىدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ ئىش-ئەمىلىدە ئۇنى كۆڭلىگە كەلتۈرىشى ئۇنى ئاللاھتىن باشقىسىغا دىققىتىنى بىرىشتىن ، ياكى ئۇنىڭدىن غەيرىگە بىر ئىش قىلىشتىن توسىدۇ .
ئەگەر بەندە بۇ ماقامغا يەتسە ، ئۇنىڭ بىرىنچى ماقامغا يىتىشى ئوڭاي بولىدۇ . شۇڭلاشقا پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بۇنى بىرىنچىسىگە سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتتى : « گەرچە سەن ئۇنى كۆرەلمىسەڭمۇ ، ئۇ سىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ . » ئەگەر ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئۇنى كۆرۈپ تۇرىدىغىنى ، ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ، ئاشكارا ، ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئايانلىقى ، ھىچ ئىشنىڭ ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن ئەمەسلىكى ئۇنىڭ ئىبادىتىدە ئىشقا ئاشسا ، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىككىنچى ماقامغا يۆتكىلىشى ئاسان بولىدۇ . ھەمدە ئۇ بولسا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بەندىسىگە يىقىنلىقى ۋە بىرگە ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ھىس قىلىش ، ئاخىرىدا ئۇنى كۆرگەندەك بولۇش . ئاللاھتىن ئۇنىڭ كاتتا سېخىيلىقىدىن سورايمىز .
[ پېشىۋا ھافىز ھەكىمىينىڭ « مەئارىج قۇبۇل » 2 20-33 ، 326-328 ؛ « مەجمۇئې سەمىين » 1 49 ،53 ؛ «جامىئې ئۇلۇم ۋەل ھۇكۇم » 1106 گە قاراڭ . ]