پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تەۋھىيدنىڭ مەنىسى ۋە تۈرلىرى

سۇئال

تەۋھىيدنىڭ مەنىسى نىمە ؟ ۋە تۈرلىرىچۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
تەۋھىيدنىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى : ( وحَّد ، يوحِّد ) سۆزىنىڭ ھەركەتنام شەكلى بولۇپ ، ئاللاھقا بىرلىكنى مەنسۇپ قىلىش ، ھەمدە ئۇنىڭ زاتى ياكى سۈپەتلىرىدە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ياكى ئۇنىڭغا شىرىكلىشىدىغان بىرى يوق ، ۋە ئۇ يالغۇز دەپ سۈپەتلەش .
ئەرەبلەر : ۋاھىد ، ئەھەد ، ۋەھىيد دەيدۇ . ھەممىسى بىر دىگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ . شۇڭا ئاللاھ ۋاھىد دىيىلسە ،بۇ نىڭ مەنىسى : بارلىق ئەھۋالدا ئۇنىڭ شىرىكلىرى ياكى تەڭداشلىرى يوق ، دىگەن بولىدۇ . شۇڭا تەۋھىيد بولسا ئاللاھنى بىر ، ئوخشىشى يوق دەپ بىلىش . شۇڭا كىمكى ئاللاھنى مۇشۇنداق تونۇمايدىكەن ، ياكى ئۇنى بىر ، شىرىكى يوق دەپ سۈپەتلىمەيدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگۈچى ئەمەس .
تەۋھىيدنىڭ شەرئىي ئىنىقلىمىسىغا كەلسەك : ئۇنىڭ پەرۋەردىگارلىقى ، ئىلاھلىقى، ئىسىملار ۋە سۈپەتلىرىدە ھىچقانداق شىرىكى يوق دەپ ئىشىنىش .
بۇ تەۋھىيد ياكى ئەھەد ئاتالغۇسى ۋە ئۇنىڭ تۈرلەنمىلىرى مۇشۇ مەنىدە كىتاب ۋە سۈنننەتتە قوللۇنۇلغان . ئۇلاردىن :
ئېيىتقىنكى ، ئۇ بولسا بىر ئاللاھتۇر . ..
ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻼﮬﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﮬﺘﯘﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭻ ﻣﻪﺑﯘﺩ (ﺑﻪﺭﮬﻪﻕ) ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ؛ ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ . [ بەقەرە( ئىنەك) : 163 ]
ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﻼﻫﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﻫﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭻ ﺋﯩﻼﻫ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ (ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ) ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. [ مائىدە ( داستىخان) : 73 ]
بۇ مەنىدىكى ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ .
سەھىيھۇل بۇخارىي( 7372) ، مۇسلىم( 19) دا نەقىل قىلىندىكى ، ئىبنۇ ئەبباس مۇنداق دىگەن : " پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇئاز بىن جەبەلنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە ، ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دىدى : سەن كىتاب كىشىلىرىدىن بولغان بىر خەلقنىڭ قېشىغا بارغىلىۋاتىسەن . شۇڭا سىنىڭ ئۇلارنى چاقىرىدىغان بىرىنچى نىمە ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش بولسۇن . ئەگەر ئۇلار ئۇنى ئۇنى تونۇسا ، ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ بىر كېچە-كۈندۈزدە ئۇلارغا بەش نامازنى پەرىز قىلغانلىقىنى ئېيىتقىن . ئەگەر ئۇلار ناماز ئوقۇسا ، ئۇنداقتا ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىدە زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى ، بايلىرىدىن ئىلىنىپ كەمبەغەللىرىگە بىرىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقىن . ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا قوشۇلسا ، ئۇلاردىن ئالغىن . بىراق كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى مىلىدىن نىرى بولغىن .
سەھىيھ مۇسلىمدا ( 16) ئىبنۇ ئۇمەردىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : ئىسلام بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلغان : ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىش ، پەرىز نامازنى ئادا قىلىش ، زاكات بىرىش ، روزا تۇتۇش ۋە ھەج . بۇ بارلىق تېكىستلەردىكى تەۋھىيدتىن مەقسەت –( بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ) گۇۋاھلىق سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ، ئۇ بولسا ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىلەن ئەۋەتكەن ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتى بولۇپ ، قۇرئان ۋە ھەدىيسلەردە بۇ سۆزلەر ۋە ئاتالغۇلار كەلگەن . مۇئازدىن نەقىل قىلىنغان يۇقارقى ھەدىيسنىڭ بەزى نەقىللىرىدە : سەن ئەھلى كىتاپتىن بولغان خەلقنىڭ قېشىغا كىلىسەن ، شۇڭا سەن ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلگەندە ، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقى ۋە مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىشكە چاقىرغىن . [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ، 1496 ]
ئىبنۇ ئۇمەرنىڭ يەنە بىر ھەدىيسىدە دىيلىدۇكى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : ئىسلام بەش نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان : ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ،ۋە مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىش . [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 16 ]
بۇ بولسا تەۋھىيدنىڭ بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ،ۋە مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىش سۆزىنىڭ ماھىيتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ھەمدە بۇ بولسا ئاللاھ ئىنسان ۋە جىننىڭ ھەر ئىككىلىسىگە پەيغەمبىرى بىلەن ئەۋەتكەن ئىسلام . ھەمدە ئاللاھ ھىچكىمدىن ئۇنىڭدىن غەيرى دىنغا رازى بولمايدۇ .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ھەقىقەتەن ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى دىن بولسا ئىسلام . [ ئال ئىمران( ئىمران ئائىلىسى ) : 19 ]
ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ (ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ) ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ) ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﯩﺪﯗﺭ [ئال ئىمران( ئىمران ئائىلىسى ) : 85 ]
بۇ چۈشىنىشلىك بولغان بولسا ، يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى ، ئالىملار تەۋھىدنى ئۈچ تۈرگە ئايرىدى . ئۇلار :
تەۋھىيد رەبۇبىييە ( پەرۋەردىگارلىقتىكى بىرلىك) ، تەۋھىيد ئۇلۇھىييە ( ئىلاھلىقتىكى بىرلىك ) ، ۋە تەۋھىيد ئەسما ۋە سىفات ( ئىسىم ۋە سۈپەتلەردىكى بىرلىك )
پەرۋەردىگارلىقتىكى بىرلىك : ئاللاھ يارىتىش ، ھۆكۈمرانلىق ، باشقۇرۇش ، ھاياتلىق بىرىش ۋە جان ئىلىشقا ئوخشاش ۋە باشقا ئىش-ھەركەتلىرىدە بىر ۋە يالغۇز دەپ ئىشىنىش .
بۇ تەۋھىيدنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتتىكى دەلىللىرى ناھايىتى كۆپ . ئۇنىڭ بىر قىسمىنى بىلىش ئۈچۈن 13532- سۇئالغا قاراڭ .
كىمكى ئاللاھتىن باشقا ياراتقۇچى بار ياكى ئاللاھتىن باشقا بۇ كائىناتنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان ، ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ھۆكۈمران بار دىسە ، تەۋھىيدنىڭ بۇ تەرىپىنى ئىنكار قىلغان ، ھەمدە ئاللاھنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ .
بۇرۇنقى كاپىرلار تەۋھىيدنىڭ بۇ تەرىپىنى ئومۇمەن قوبۇل قىلغان ، گەرچە ئۇلار ئۇنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرىدا باشقىچە بولسىمۇ . ئۇلارنىڭ بۇنى ئىقرار قىلغانلىقى ھەقتىكى ئىسپاتلار قۇرئاننىڭ بىر نەچچە ئايەتلىرىدە تېپىلىدۇ :
« ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ: ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﻛﯜﻧﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻛﯩﻢ (ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﻯ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﯓ، ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ: ﺍﻟﻠﻪ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﺪﯨﻦ) ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ! . »
[ ئەنكەبۇت( ئۆمۈچۈك) : 61 ]
« ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ: ﺑﯘﻟﯘﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﻢ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﯓ، ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، (ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ) ﺟﯩﻤﻰ ﻫﻪﻣﺪﯗﺳﺎﻧﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ (ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ) ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ .»
[ ئەنكەبۇت( ئۆمۈچۈك) : 63 ]
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎﯓ، ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ (ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ) ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .» [ زۇخرۇف( ئالتۇن بىزەكلەر) : 87 ]
بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ شۇنى بايان قىلىدۇكى ، كاپىرلار ئۇنىڭ ياراتقۇچى ، پادىشاھ ، ۋە تىزگىنلەپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىدۇ . بىراق شۇنداقتىمۇ ، ئۇلار يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلمايدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ زۇلۇمىنىڭ كاتتىلىقى ، يالغانچىلىقىنىڭ قاتتىقلىقىنى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەقىل-ئىدراكىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
شۇڭلاشقا ، كىمكى بۇ تەۋھىيدنى ھەقىقەتەن ئىتراپ قىلسا ، ئۇ ھەم جەزمەن ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقتىكى بىرلىكلىكىنى ئىتراپ قىلىشى كىرەك .
ئىلاھلىقتىكى بىرلىك : بۇ بولسا سۆز بولسۇن، ئىش-ھەركەت بولسۇن ئىچكى ۋە تاشقى بارلىق ئىبادەتلەرنى يالغۇز ئاللاھقىلا بىغىشلاشنى ، ھەمدە ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نىمىگە ،ئۇنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئىبادەت قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشىڭغا ھۆكۈم قىلىدۇ . [ ئىسرا( كېچىدە سەپەر قىلىش ) : 23 ]
ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ھەمدە ئۇنىڭغا ھىچنىمىنى شىرىك قىلماڭلار .
[ نىسا( ئاياللار): 36 ]
ئۇنى بەندىنىڭ بارلىق ئىش-ھەركەتلىرىنى پەقەت ئاللاھقىلا بىغىشلاش دەپ تونۇش مۇمكىن .
ئۇنىڭ تەھىيد ئۇلۇھىييە(ئىلاھلىقتىكى بىرلىك) دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ ، ئۇ تەئەللۇھ لىلاھ سۆزىدىن شەكىللەنگەن . يەنى ئاللاھقا مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن ئىبادەت قىلىش .
ئۇ يەنە تەۋھىيد ئىبادەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، چۈنكى بەندە ئاللاھقا ئۇ بۇيرىغاننى قىلىش ، ئۇ چەكلىگەندىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئىبادەت قىلىدۇ .
ئۇ يەنە تەلەپ ، مەقسەت ۋە ئىرادىدىكى بىرلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ . چۈنكى بەندە پەقەت پاك ئاللاھنىڭ يۈزىنىلا ( رازىلىقىنىلا) ئىزدەيدۇ ، مەقسەت قىلىدۇ ۋە ئىرادە قىلىدۇ-دە ، ئاللاھقا دىننى ساپ ئۇنىڭغىلا قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىدۇ .
مانا بۇ تۈر بولسا ئىنسانلار ئۇ ھەقتە ئىزىپ كىتىۋاتقان ھەمدە ئۇ سەۋەپلىك پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلگەن ، كىتاپلار چۈشۈرۈلگەن تەۋھىيد . مانا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئالەم يارىتىلغان ۋە قانۇن-شەرىئەتلەر بىكىتىلگەن ، ھەمدە ئۇ ھەقتە پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ خەلىقلىرى ئوتتۇرسىدا بەس-مۇنازىرىلەر پەيدا بولغان . شۇنىڭ بىلەن ، كاجلار ھالاك بولغان ۋە ئىشەنگۈچىلەر قۇتقۇزۇلغان .
كىمكى بۇ تەۋھىيد ھەققىدە ئازىدىكەن ، مەسىلەن ، ئىبادەتنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاھتىن باشقا بىرىگە بىغىشلايدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ ئىسلام چىگىرسىدىن چىقىپ كەتكەن ھەمدە توغرا ئىتىقادتىن يىراقلاشقان بولىدۇ . ئاللاھتىن سالامەتلىكنى سورايمىز .
ئىسىملار ۋە سۈپەتلەر تەۋھىيدىگە كەلسەك : ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىنى ئىتراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغىلا مەنسۇپ قىلىش ، ھەمدە ئۇنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىدە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھىچكىم يوق دەپ ئىشىنىش .
بۇ تەۋھىيد ئىككى پىرىنسىپنى ئاساس قىلىدۇ :
بىرىنچى : مۇقەررەرلەشتۈرۈش : يەنى ئاللاھ ئۆز كىتابىدا ئۆزىگە مۇقەررەرلەشتۈرگەن ياكى پەيغەمبىرى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇنىڭغا مۇقەررەرلەشتۈرگەن گۈزەل ئىسىملار ۋە يۈكسەك سۈپەتلەرنى ئاللاھنىڭ سەلتەنىتى ۋە ئۇلۇغلىقىغا لايىق دەرىجىدە بۇرمىلىماستىن ، مەنىلىرىنى ئۆزگەرىتمەستىن ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئىنكار قىلماستىن ياكى ئۇلارنىڭ قانداقلىقىنى مۇزاكىرە قىلماستىن مۇقەررەرلەشتۈرۈش .
ئىككىنچى : ئىنكار قىلىش : يەنى ئاللاھتا ھەرقانداق ئەيىپ-نۇقساننىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىش ھەمدە ئاللاھ ئۆزى ھەققىدە ئىنكار قىلغان كەمچىلىك سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىش . بۇنىڭ دەلىلى : ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھىچنەرسە يوق . ھەمدە ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ، كۆرۈپ تۇرغۇچى . شۇڭلاشقا ئۇ ئۆزىدە مەخلۇقاتلىرى بىلەن ھەرقانداق ئوخشاشلىقنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى . ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىگە لايىق دەرىجىدە مۇكەممەل سۈپەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈردى . ئۇ ھەممە ئەيىپ-نۇقساندىن پاكتۇر .
[ ( الحجة في بيان المحجة 1 / 305 ) و ( لوامع الأنوار البهية 1 / 57) ] كە قاراڭ .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى