49042: زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى نېمىلەردىن ئىبارەت؟


زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى باشقا كۈنلەردىن پەزىلەتتە ئارتۇقمۇ؟، بۇ ئون كۈندە قىلىشقا ئەڭ كۆپ تەۋسىيە قېلىنغان ياخشى ئەمەللەر قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Published Date: 2016-09-05

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى كاتتا تائەت-ئىبادەت مەۋسۇمى بولۇپ، بۇ ئون كۈننى ئاللاھ تائالا باشقا كۈنلەردىن ئالاھىدە پەزىلەتلىك قىلدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەر، زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردۇر، دېۋىدى، ساھابىلار: ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەلمۇ؟ دەپ سوراشتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەل، پەقەت بىر كىشى ئۆزىنىڭ مىلى ۋە جىنى بىلەن ئاللاھ يولىغا ئاتلىنىپ، بۇ يولدىن قايتمىغان بولسا (يەنى شېھىت بولۇپ كەتكەن بولسا) بۇنىڭ ئەجرى كاتتا بولىدۇ، دېدى.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    يەنە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ئەمەللەردىنمۇ ياخشى ۋە ساۋابى كاتتا ئەمەللەر يوق دېگەندە، ساھابىلار: ئۇ كۈنلەردىكى ئەمەللەر ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەلمۇ؟ دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەل پەقەت بىر كىشى ئۆزىنىڭ مىلى ۋە جىنى بىلەن ئاللاھ يولىدا چىقىپ، بۇ يولدىن قايتمىغان بولسا (يەنى شېھىت بولۇپ كەتكەن بولسا) بۇنىڭ ئەجرى كاتتا بولىدۇ، دېدى.» [دارىمى رىۋايىتى. ھەدىسنىڭ ئىسنادى ياخشى بولۇپ، ئىرۋائۇل غەلىيل ناملىق ئەسەرنىڭ 3-تومى 398-بېتىدە بايان قىلىنغان].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر ۋە باشقا دەلىللەر، زۇل ھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىنىڭ يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدىن ھەتتا رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىنمۇ ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىنىڭ كېچىسى، زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىنىڭ كېچىسىدىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئۇ كېچىلەر ساۋاپ-پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ياخشى ئەۋزەل قەدىر كېچىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. [تەپسىر ئىبنى كەسىر 5-توم 412-بەت (ئەرەپچە نۇسخىسى)].

    مۇسۇلمان كىشى بۇ ئون كۈننى ئومۇمەن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش بىلەن باشلاپ، تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان ئەمەللەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى تەكىتلىنىدۇ:

   1-روزا تۇتۇش.

مۇسۇلمان كىشىنىڭ زۇلھەججىنىڭ توققۇزىنچى كۈنىدە روزا تۇتىشى سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئون كۈندە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش بولسا ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا روزا تۇتقۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى بېرىدىغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق بىرلەرگە بايان قىلدى. بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان ھەدىس قۇددىسىيدا: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈندۇر. پەقەت روزا مەن ئۈچۈن بولىدۇ. روزنىڭ مۇكاپىتىنى مەن ئۆزۈم بېرىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى1805-ھەدىس].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ تۇققۇزىنچى كۈنى رۇزا تۇتاتتى. بۇ توغرىدا ھۈنەيدەتە ئىبنى خالىدنىڭ ئايالى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرىدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى، ئاشۇرا كۈنى ۋە ھەر ئايدا ئۈچ كۈن، ( قەمەرىيە ئېيىنىڭ 13،14،15-كۈنلىرى ) ھەپتىنىڭ دۇشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى رۇزا تۇتاتتى.» [نەسائى رىۋايىتى 4-توم 205-بەت. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى نناملىق ئەسىرىنىڭ 2-تومى 462-بېتىدە كەلتۈرگەن].

    2-ئاللاھ تائالاغا ھەمدە، تەھلىل ۋە تەكبىيرنى كۆپ ئېيتىش.

بۇ ئون كۈن ئىچىدە تەكبىر، ھەمدۇسانا، زىكىر، تەسبىھ ئېيتىش سۈننەتتۇر. ئاللاھنىڭ ئولۇغلىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بولىدىغان بارلىق جايلاردا ئىمكان بار ئونلۈك ئوقۇش لازىم. يەنى بۇنى ئەرلەر ئاۋازلىق، ئاياللار ئىچىدە مەخپى ئېيتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لِيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّـهِ فِي أَيَّامٍ مَّعْلُومَاتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّن بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ ، فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْبَائِسَ الْفَقِيرَ﴾ تەرجىمىسى: «كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن.» [سۈرە ھەج 28-ئايەت].

    كۆپچىلىك ئالىملار ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان بويىچە، ئايەتتە زىكىر قىلىنغان مەلۇم كۈنلەرنى زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى دەپ قارىغان.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدىنمۇ ئۇلۇغ ۋە قىلغان ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرۈلىدىغان كۈن يوق، بۇ كۈنلەردە تەھلىل، تەكبىر ۋە ھەمدۇ-سانانى كۆپ ئېيتىڭلار.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 7-توم 224-بەت. ئەھمەد شاكىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى سەھىھ دېگەن].

    تەكبىرنىڭ سۈپىتى: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللا، ۋاللۇھۇ ئەكبەر ۋە لىللاھىل ھەمدۇ.  تەكبىرنىڭ يەنە بۇنىڭدىن باشقا شەكىللىرىمۇ بار.

    زامانىمىزغا كەلگەندە تەكبىر ئېيتىش بىر يېتىم قالغان سۈننەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنى ئۈنلۈك ئېيتىش ئارقىلىق سۈننەتنى ئىھيا قىلىشى ۋە غاپىللارنى ئاگاھلاندۇرىشى لازىم. ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنى ئىچىدە بازارغا چىقىپ تەكبىر ئېيتىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇ ئىككسىگە ئەگىشىدىغانلىقىغا دائىر ساغلام رىۋايەتلەر بار. بۇنداق دېگەنلىك كوللىتىپ ھالدا ئاھاڭغا بىر خىل ئاھاڭغا چۈشۈرۈپ تەكبىر ئېيتىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ھەر بىر كىشى تەكبىرنى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ئېيتىشى لازىم.

    ئۇنتۇلۇپ قالغان ياكى ئۇنتۇلۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر سۈننەتنى ئەھيا قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىن كىيىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بىر سۈننەتنى ئەھيا قىلغان كىشى ئۈچۈن شۇ سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئەمەل قىلغانلارنىڭمۇ ئەجىر-ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 7-توم 443-بەت. بۇ ھەدىس مۇشۇ مەزمۇندىكى باشقا ھەدىسلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھەسەن دەپ قارالغان].

    3-ھەج-ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىش:

مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى ئاللاھ تائالانىڭ بەيتىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغان كىشى ھەج پائالىيىتىنى شەرىئەت تەلەپ قىلغان يول بويىچە تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «توغرا شەكىلدە ئادا قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەتتۇر.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    4- قۇربانلىق قىلىش:

    مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنىدىغان ياخشى ئەمەللەردىن بىرى، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىش. يەنى بۇنىڭ تۈرىدىن: سېمىز، ساغلام بولغان  ئۇلاغلارنى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن بۇ كۈنلەرگە يەتكىلى نېسىپ قىلىنغان كىشى، ئۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىپ نادامەت چىكىشتىن ئىلگىرى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشى لازىم.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى
Create Comments