جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى

سۇئال

   كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا ئەرلەرگە كۆپ ئاياللىق بولۇشنى دۇرۇس قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَىٰ فَانكِحُوا مَا طَابَ لَكُم مِّنَ النِّسَاءِ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَلَّا تَعُولُوا تەرجىمىسى: «ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر.» [سۈرە نىسا 3-ئايەت].

    بۇ كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئەر كىشى ئۈچۈن شەرىئەتتە بىر ياكى ئىككى ياكى ئۈچ ياكى تۆت خوتۇن ئالسا بولىدۇ. تەپسىرشۇناس ئالىملار، پىقھى ئالىملىرى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ يوق.

    شۇنى بىلىش كېرەككى، كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ بىر قانچە شەرتلىرى بار:

   1-ئادىل بولۇش. ئاللاھ تائالا: فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا تەرجىمىسى: «ئەگەر(ئۇلارنىڭ ئارىسىدا)ئادىل بولالماسلىقىڭلار دىن قورقساڭلار» دېدى. بۇ ئايەت كۆپ ئاياللىق بولۇشتا ئادىللىقنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەر كىشى بىردىن كۆپ ئايال بىلەن توي قىلىپ ئۇلار ئارىسىدا ئادىللىق قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىسە، ئۇ كىشى بىردىن كۆپ ئاياللىق بولۇش شەرتلىرىگە چۈشمەيدۇ. بۇ يەردە ئادىل بولۇش دېگەندىن بولغان مەقسەت: ئاياللارنىڭ نەپىقىسى، كېيىم-كېچەكلىرى، ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇش قاتارلىق ئۆزى قادىر بولالايدىغان ماددى ئىشلار مەقسەت قىلىنىدۇ.

   ئەمما مۇھەببەت-ياخشى كۆرۈشتە ئادىللىق قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ ۋە تەلەپ قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئىنسان ئۇنىڭغا قادىر بولالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دەيدۇ: وَلَن تَسۡتَطِيعُوٓاْ أَن تَعۡدِلُواْ بَيۡنَ ٱلنِّسَآءِ وَلَوۡ حَرَصۡتُمۡۖ فَلَا تَمِيلُواْ كُلَّ ٱلۡمَيۡلِ تەرجىمىسى: «قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەتتە ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا)باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر.» [سۈرە نىسا 129-ئايەت.

   2-ئاياللىرىغا نەپىقە قىلىشقا قادىر بولىشى كېرەك. بۇ شەرتنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلْيَسْتَعْفِفِ الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّىٰ يُغْنِيَهُمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ تەرجىمىسى: «ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ.» [ سۈرە نۇر 33-ئايەت].

  ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە نىكاھقا قادىر بولالايدىغان لېكىن بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۈزۈرلۈك بولغان كىشىنى ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرۇيدۇ، توي قىلىشتىن ئۈزۈرلۈك بولۇشنىڭ سەۋەپلىرىدىن: توي قىلىش ئۈچۈن مەھرىگە يەتكۇدەك ئىقتىسادنىڭ بولماسلىقى، ئايالىغا نەپىقە قىلىشقا قادىر بولالماسلىقى قارتارلىقلاردۇر. ["ئاياللار ھۆكۈملىرى توغرىسدىكى تەپسىلات" 6-توم 286-بەت].

    بەزى ئالىملار بىر ئاياللىق بولغاندىن كۆپ ئاياللىق بولۇشنى ئەۋزەل دېگەن.  

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن ئەسلى بىر ئاياللىق بولۇشمۇ ياكى كۆپ ئاياللىق بولۇشمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "شەرىئەتتە ئادىللىق قىلالىسا، زۇلۇم قىلىشتىن ئەنسىرىمىسە كۆپ ئاياللىق بولۇش ياخشىدۇر. ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ۋە توي قىلغان ئاياللارنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاش ۋە ئۇلارغا نەپىقە قىلىش، كۆپ ئەۋلاد قالدۇرۇش ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆپەيتىش  قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن پايدىلار بار. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَىٰ فَانكِحُوا مَا طَابَ لَكُم مِّنَ النِّسَاءِ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَلَّا تَعُولُوا‏ تەرجىمىسى: «ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر.» [سۈرە نىسا 3-ئايەت].

    ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قانچە ئايال بىلەن توي قىلغان بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ تەرجىمىسى: «سىلەرگە-ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» [سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت].

   بەزى ساھابىلار: مەن گۆش يېمەيمەن، يەنە بىرى: مەن كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇيمەن، يەنە بىرى: توي قىلمايمەن دېگەن ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كىشىلەرنى توپلاپ خۇتبە سۆزلەپ ئاللاھ تائالاغا ھەمدە-سانا ئېيتىپ ئاندىن مۇنداق دېگەن: «سىلەر مۇنداق، مۇنداق سۆزلەرنى قىپسىلەر، ئەمما ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھدىن ئەڭ بەك قورقىمەن ۋە بەك تەقۋادارلىق قىلىمەن، لېكىن مەن روزا تۇتىمەن، ئىپتار قىلمەن، كېچىسى ناماز ئوقۇيمەن ۋە ئۇخلايمەن، نىكاھلىنىمەن، كىم مېنىڭ سۈننىتىمدىن ۋاز كېچىدىكەن، مەندىن ئەمەس» . پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى بىرنى ۋە كۆپنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ". ["بەلاغ" ژورنىلى 1015-سان، "ھەرەم دىيارى ئۆلىمالىرى پەتىۋاسى" 386-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى