پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

روزىدار ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى كاپارەت كەلمەيدىغان ئىشلار

سۇئال

رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئەرنىڭ ئايالى بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ؟ ئەر كىشى رامزاندا ئايالىنىڭ يېنىدا ئۇخلىسا توغرا بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

ئەرنىڭ ئايالىنىڭ يېنىدا ئۇخلىشى دۇرۇس بولىدۇ، بەلكى ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلماستىن ۋە سپېرمىسىنى چىقىرىۋەتمەستىن باشقا قانداق ھۇزۇرلانسا بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاندا ئاياللىرىنى سۆيۈپ قوياتتى ۋە قۇچاقلايتتى، گەرچە روزا تۇتقان بولسىمۇ ئۆزىنى بەك تۇتۇۋالاتتى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

سىندىي رەھىمەھۇللاھ ھەدىستىكى قۇچاقلاش دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ: "خۇددى ئايالىنىڭ مەڭزىگە مەڭزىنى ياققاندەك بەدىنىنى بىر-بىرىگە تەگكۈزۈش كۆزدە تۇتىلىدۇ" دېگەن.

بەدىنىنى تەگكۈزۈش دېگەنلىكتىن يېقىنچىلىق قىلىش ئۈچۈن قۇچاقلىشىش دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ.

ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھتىن: "روزا تۇتقۇچى ئەر روزا تۇتقۇچى ئايالى بىلەن نېمىلەرنى قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، پەرز روزا تۇتقۇچىنىڭ ئايالى بىلەن سپېرمىسى تۆكۈلۈشكە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشى توغرا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ سپېرمىنى چىقىرىش سۈرئىتى تۈرلۈك بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولۇپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ. خۇددى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنى بەك تۇتۇۋالاتتى دەپ سۈپەتلىگىنىدەك دەپ جاۋاپ بەرگەن".

ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان، سپېرمىسى تىز چىقىپ كېتىدىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ پەرز روزا تۇتقان ۋاقىتلىرىدا ئايالى بىلەن ئوينىشىش ۋە قۇچاقلىشىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. ئىنسان ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلسە ھەتتا پەرز روزا تۇتقان بولسىمۇ ئايالىنى قۇچاقلاپ- سۆيۈپ قويسا بولىدۇ، لېكىن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

رامزاندا روزا پەرز بولغانلار يېقىنچىلىق قىلىپ قالسا، ئۇلارغا تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك ئىشلار بىكىتىلىنىدۇ:

1 - گۇناھكار بولىدۇ.

2-  تۇتقان روزىسى بۇزۇلىدۇ.

3- رامزاندا شەرىئەت قوبۇل قىلىدىغان سەۋەبسىز روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشىلەر كەچ كىرگىچە بىر نەرسە يېمەسلىك ۋە شۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىشى پەرز بولىدۇ.

4- ئۇ كىشى پەرز بولغان ئىبادەتنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

5- ئەڭ قاتتىق تۈردە كاپارەت بېرىدۇ: يەنى قۇل ئازات قىلىدۇ، ئەگەر قۇل تاپالمىسا ئىككى ئاي ئۇلاپ روزا تۇتىدۇ، بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا ئاتمىش كەمبەغەلگە تائام بېرىدۇ. ئەگەر تۇتقان روزىسى رامزاننىڭ غەيرىدىكى كاپارەت روزىسى ياكى ئۆتكەن رامزاننىڭ قازا روزىسى بولۇپ قالسا بۇ ھالەتتە ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىغا ئىككى تۈرلۈك ئىش بېكىتىلىدۇ: گۇناھكار بولىدۇ ۋە قازاسىنى قىلىدۇ. ئەمما ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ بۇزىۋەتكىنى نەپلە روزا بولسا ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى