سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مىنى ھەر ئاينىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى يەنى 13- 14- 15- كۈنلىرى روزا تۇتۇشۇمغا مۇيەسسەر قىلغان ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىمەن. لېكىن شەئبان ئېيىدا روزا تۇتالمىدىم، چۈنكى بەزىلەر بۇ ئايدا روزا تۇتۇش بىدئەت دەپ مىنى روزا تۇتۇشتىن چەكلەپ قويدى، مەن ئاينىڭ دەسلەپكى دۈشەنبە كۈنى  ۋە كىيىنكى كۈنلەردە روزا تۇتقان بۇ توغرىمۇ؟ ئاللاھ خالىسا پەيشەنبە كۈنى بىر كۈن روزا تۇتسام ئۈچ كۈن بولىدۇ، بارات ئېيىدا كۆپ روزا تۇتسا بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالا ئىلىمسىز سۆزلەشنى چەكلىگەن ۋە بۇنداق قىلىشنى شېرىككە بىرلەشتۈرۈپ چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، (ئاللاھ نىڭ شېرىكى بولۇشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى.›› ئەئراف سۈرىسى 33-ئايەت.  سوئالدا بايان قىلىنغان بويىچە بارات ئېيىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنى بىدئەت دېگەنلىك ئىلىمسىزلىك بىلەن سۆزلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياخشى، بولۇپمۇ ئايدىڭ كېچىلەردە يەنى ئاينىڭ 13-14-15-كۈنلىرى روزا تۇتۇش ياخشى. ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ھەر كۈنى ئىككى رەكەت چاشكا نامىزى ئوقۇش ۋە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى ۋەسىيەت قىلدى. [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشۇڭ سىنىڭ يىل بويى روزا تۇتقىنىڭغا باراۋەر بولىدۇ،  چۈنكى ھەر بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدە زىيادە قىلىنىدۇ. [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەبى زەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر ھەر ئايدا روزا تۇتاي دېسەڭ، ئاينىڭ 13- 14- 15- كۈنلىرى روزا تۇتقىن. [تىرمىزى ۋە نەسائى رىۋايەت قىلغان].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللادىن، ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ رىۋايەت قىلغان  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا ۋەسىيەت قىلغان، دېگەن ھەدىستىكى ئۈچ كۈن روزىنى قايسى كۈندە تۇتۇش ۋە ئارقىمۇ ئارقا تۇتۇش كېرەكمۇ؟ دەپ سۇئال سورالغاندا، ئۇ كىشى مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: بۇ ئۈچ كۈنلۈك روزىنى ئارقىمۇ ئارقا تۇتسۇن ياكى ئايرىم ئايرىم تۇتسۇن ياكى ئاينىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى ئوتتۇرىدا ياكى ئاخىردا تۇتسۇن ئوخشاش، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايرىم كۈن بەلگىلەپ بەرمىگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتامتى؟ دەپ سورالغىنىدا، ھەئە- دېگەن. قايسى ئايدا شۇنداق قىلاتتى؟ دېگەندە، ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا: مەن قايسى ئايدا تۇتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ كەتمەيتتىم دېگەن.» [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]. ئەمما ئاينىڭ 13-14-15- كۈنلىرى روزا تۇتۇش ياخشى، چۈنكى ئۇ ئايدىڭ كېچىلەر ھېسابلىنىدۇ. (ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى 20-توم 376-بەتكە قارالسۇن).

ئۈچىنچى: سىزنى بارات ئېيىدا روزا تۇتۇشنى بىدئەت دەپ روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن كىشى بەلكىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بارات ئېيى ئوتتۇرلاشقاندا روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن ھەدىسىنى ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن، بۇ سوئالغا (49884) نومۇرلۇق سوئالدا جاۋاپ بېرىلگەن. بۇ ھەدىستىكى چەكلىمە: بۇرۇن روزا تۇتۇشقا ئادەتلەنمىگەن، بارات ئېيىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا روزا تۇتۇشنى باشلايدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان، ئەمما روزا تۇتۇشنى بارات ئېيىنىڭ ئەۋۋىلىدىن باشلىغان كىيىن ئاينىڭ ئاخىرغىچە روزىسىنى داۋاملاشتۇرغان ياكى ھەر ئايدا ئۈچ كۈندىن ياكى دۈشەنبە -پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن كىشىلەر بولسا بۇ ئاينىڭ ئاخىرغىچە روزىسىنى داۋاملاشتۇرسا دۇرۇس بولىدۇ.

شۇنىڭغا ئاساسەن سىز بارات ئېيىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسىڭىز بولىدۇ. ھەتتا بەزى كۈنلەر ئاينىڭ كىيىنكى يېرىمىدا بولسىمۇ بولىدۇ.

تۆتىنچى: بارات ئېيىدا روزىنى كۆپ تۇتسا ياخشى بەلكى ئۇنداق قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىدا كۆپ روزا تۇتاتتى، ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: بەزى ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ روزا تۇتقىنىغا قاراپ بىز ئۇنى ئىپتار قىلماي دائىم روزا تۇتىدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتۇق. بەزى ۋاقىتتا دائىم ئېغىزى ئوچۇق يۈرسە بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى نەپلە روزا تۇتمايدىكەن دەپ ئويلاپ قالاتتۇق. رامزاندىن باشقا ئايدا تولۇق روزا تۇتمايتتى، بارات ئېيىدا كۆپ روزا تۇتاتتى. [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

ئەبى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشقا ئايلاردىن بارات ئېيىدا كۆپ روزا تۇتاتتى،  بەزى يىللىرى بارات ئېيىدا تولۇق روزا تۇتاتتى، ئۇ دائىم: ئىبادەتلەرنى تاقىتىڭلار يېتىشچە قىلىڭلار، ئاللاھغا ھېچ تەسىرى بولمايدۇ، ئەمما سىلەر بوشاپ قالىسىلەر دەيتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاز بولسىمۇ دائىم ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى. بىرەر ئىبادەتنى باشلىسا ئۇنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇراتتى.[بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].    

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى