سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بالا ئېمىتىۋاتقان ۋە ھامىلدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ھۆكمى

سۇئال

ئون ئايلىق بالامنى ئېمىتىۋاتقان ئايالىم رامزاندا روزا تۇتمىسا توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بالا ئېمىتىۋاتقان ۋە ھامىلدار ئاياللار ئۈچۈن رامىزان روزىسىدا ئىككى خىل ھالەت بولىدۇ:

بىرىنچى: روزا تۇتۇش ھامىلە ئايال ۋە تۆرەلمىنىڭ ياكى ئېمىۋاتقان بالىنىڭ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق سەلبىي تەسىرى بولمىسا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا روزا تۇتۇشى پەرز بولۇپ، ئېغىز ئىچىشى جايىز بولمايدۇ.

ئىككىنچى: ئەگەر ھامىلە ئايال روزا تۇتسا ئۆزى ۋە بوۋىقى ياكى تۆرەلمىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە، شۇنداقلا روزا تۇتۇش مۇشەققەت ئىلىپ كىلىدىغان بولسا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئايال روزا تۇتماستىن ئېغىز ئاچىدۇ. ئەمما ئېغىز ئاچقان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى كېيىن تۇتىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى ياخشى كۆرەلمەيدۇ، بەلكى ئېغىز ئىچىشى ياخشى، بەلكى بەزى ئالىملار: ئايال بوۋىقىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ئېغىز ئىچىشى زۆرۈر بولۇپ، روزا تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئىمام مىرداۋىي "ئەلئىنساپ"ناملىق ئەسىرى 7-توم 382- بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىقى ھالەتتە ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى ياخشى كۆرەلمەيدۇ، يەنى مەكروھ بولىدۇ.... ئىبنى ئەقىيل مۇنداق دەيدۇ: ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال بوۋاقلىرىدىن ئەنسىرىسە، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەنسىرىمىسە روزا تۇتماسلىقى توغرا بولمايدۇ". تۈگىدى.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ رامىزان توغرىسىدىكى پەتىۋالار ناملىق ئەسىرى 161-بەتتە: بىر كىشى شەيختىن: ھامىلدار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال ساغلام، جۇشقۇن تۇرۇپ، روزا تۇتسا بوۋاققا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغان ئەھۋالدا روزا تۇتمىسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ رامزاندا سەۋەبسىز روزا تۇتماسلىقى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئۆزرىلىك روزا تۇتمىسا، ئۇلارغا تۇتمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا كېسەللەرنىڭ روزىسى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَتەرجىمىسى: كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. [سۈرە بەقەرە 184-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال كېسەلگە ئوخشايدۇ، ئۇلار بوۋاقتىن ياكى تۆرەلمىدىن ئەنسىرىگەن ۋاقىتتا روزا تۇتمايدۇ، بەزى ئالىملار، كېيىن تۇتمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە بۇغداي، گۈرۈچ ياكى خورمىغا ئوخشاش ئىنسانلار ئوزۇقلۇق قىلىدىغان نەرسىلەرنى بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ.

يەنە بەزى ئالىملار، ئۇلارغا ھەرقانداق ھالەتتە پەقەت روزىنىڭ قازاسىنى قىلسىلا بولىدۇ، باشقا ئىشلار كېرەك ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىشى توغرىسىدا قۇرئان-ھەدىستە دەلىل يوق، ئەسلىدە ئىنسان مەجبۇرىيەتتىن خالى، ھەتتا ئۇنىڭ شۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشىغا دەلىل بېكىتىلگەندە ئۇنى ئادا قىلىشى لازىم بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مانا بۇ ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، بۇ قاراش كۈچلۈكتۇر". تۈگىدى.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ رامىزان توغرىسىدىكى پەتىۋالار ناملىق ئەسىرى 162-بەتتە: بىر كىشى شەيختىن: ھامىلدار ئايال ئۆزىدىن ياكى قورسىقىدىكى تۆرەلمىدىن ئەنسىرەپ روزا تۇتمىسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بىزنىڭ جاۋابىمىز: ھامىلدار ئايالمۇ ئىككى خىل ھالەتتىن خالى بولمايدۇ:

بىرىنچى ھالەت: جۇشقۇن، ساغلام بولۇپ روزا تۇتسا قىيىنچىلىق ھېس قىلمايدۇ ۋە بۇنىڭ تۆرەلمىگە تەسىرى بولمايدۇ، بۇنداق ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى زۆرۈر بولۇپ، چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ روزا تۇتماسلىققا ئۆزرىسى يوق.

ئىككىنچى ھالەت: ھامىلدار ئايال روزا تۇتۇشقا تاقەت كەلتۈرەلمەيدۇ، ھامىلىنىڭ ئېغىر بولغانلىقى ياكى جىسمىنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئايال روزا تۇتمايدۇ، بولۇپمۇ تۆرەلمىگە زىيان يىتىپ قالىدىغان ئىش بولسا ئۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايالنىڭ ئېغىز ئىچىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ ئايالمۇ رامزاندا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن روزا تۇتالمىغان كىشىلەرگە ئوخشاش كېيىن تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. ھامىلدار ئايال تۇغۇپ، نىپاستىن پاك بولغاندا روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ، ئەمما بەزى ۋاقىتتا ھامىلدارلىق ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئۇ ئايالغا يەنە بىر سەۋەپ قېتىلدى، ئۇ بولسىمۇ بالا ئېمىتىشتىن ئىبارەتتۇر، بولۇپمۇ بالا ئېمىتىدىغان ئايال يازنىڭ ئىسسىق، ئۈزۈن كۈنلىرىدە يېمەك-ئىچمەككە ئېھتىياجلىق بولۇپ، بالىسىنى ئېمىتىش ۋە غىزالاندۇرۇش ئۈچۈنئېغىز ئىچىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇنداق ھالەتتە بىز ئۇ ئايالغا: رامزاندا روزا تۇتماڭ، كېيىن ئۆزرە تۈگىگەندىن كىيىن تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇڭ دەپ پەتىۋا بېرىمىز." تۈگىدى.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار رامىزان روزىسىدا مۇساپىرغا ئوخشاش بولۇپ، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ھەدىسشۇناس ئالىملار ئەنەس ئىبنى مالىك ئەلكەئبىدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇ ھەدىستىن شۇ مەلۇم بولدىكى، ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتكۈچى ئاياللار رامزاندا ئىپتار قىلىدۇ كېيىن مۇساپىرغا ئوخشاش تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. ئۇلارمۇ كېسەلگە ئوخشاش روزا تۇتۇش قېيىن بولغان ۋاقىتتا ياكى بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە ئېغىز ئاچىدۇ، باشقا ۋاقىتتا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر". [شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 15-توم 224 -بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋاسىدا 10226 مۇنداق بايان قىلىنغان: "ھامىلدار ئايالغا ھامىلدارلىق ھالىتىدە روزا تۇتۇش پەرز بولۇپ، روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۆزى ياكى تۆرەلمىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە ئۇ ۋاقىتتا ئېغىز ئاچسا بولىدۇ، بالىنى تۇغۇپ نىپاستىن پاك بولغاندىن كېيىن تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ". تۈگىدى.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى