سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بەك ياشىنىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن كىچىك تەرەتنى توختىتالمايدىغان كىشى شۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇپ-روزا تۇتامدۇ؟

50058

تارقاتقان ۋاقىت : 25-06-2015

كۆرگۈچىلەر : 4672

سۇئال

دادام بەك ياشىنىپ قالدى (يەنى 105 ياشقا كىرىپ قالدى) بەزى ئىسىنى يوقۇتۇپ قويغۇچىغا ئوخشاپ قالىدۇ، بىزنى بەزى ۋاقىتتا تونۇيدۇ، بەزى ۋاقىتتا تونۇمايدۇ، ئاخىرىقى يىللاردا تەرەت توختىتالمايدىغان بولۇپ قالدى، بەزى كۈنلىرى كىيىملىرىنى بىر قانچە قېتىم ئالماشتۇرۇپ قويىمىز، تەرىتى بولمىسىمۇ ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟ روزىمۇ تۇتامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

دادىڭىزنىڭ ئەھۋالى ئەقلى ۋە ئىدراكى جايىدا بولغاندا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ھۆكۈممۇ ئوخشىمايدۇ، ئەگەر ئەقلى-ھوشىنى يوقىتىپ قويغاندا، تەرەت ئېلىشقىمۇ، ناماز ئوقۇشقىمۇ ۋە ياكى روزا تۇتۇشقىمۇ بۇيرۇلمايدۇ، ئەقلى-ھوشى جايىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا قىيىن بولمىغان شارائىتتا، كۈچىنىڭ يېتىشچە شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ئەقلىنى يوقاتقۇچى، دۆت، ساراڭ ۋە سەبى بالىلارغا روزا تۇتۇش پەرز بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ئىبادەتكە لايىق بولغاندا، يەنى ئەقلى-ھوشى جايىدا ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلالايدىغان بولغاندا،ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىبادەتلەرنى پەرز قىلىدۇ. ئەمما ئەقلى-ھوشى جايىدا بولمىسا، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش پەرز بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ساراڭ ۋە ئاق-قارىنى ئايرىيالمايدىغان سەبى بالىلارغا ئىبادەت ۋاجىپ بولمايدۇ. ساراڭلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولسىمۇ ئەقلى تولۇق بولمىغان كىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر،. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىندۇر. شۇنىڭدەك سوئالدا سورالغاندەك، بەك ياشىنىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشىگىمۇ ناماز. روزا، تەرەت قاتارلىق ئىبادەتلەر پەرز بولمايدۇ، چۈنكى ئەقلى-ھوشىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشى بىر نەرسىنى ئايرىيالمايدىغان كىچىك بالىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. ئۇ بوۋايدىن شەرئى تەكلىپلەر چۈشۈپ كېتىدۇ، تەرەت ئىلىش، ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ، ئەمما ئىقتىسادى ئىبادەتلەر بولسا، گەرچە ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئارقىلىق ئادا قىلىنىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ مال-مۈلكى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچى ئۇنىڭ مېلىدىن ئۆلچەملىك ھالدا زاكاتنى ئايرىيدۇ. چۈنكى زاكات مالغا ئالاقىدار ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن مىلى بار كىشىدىن گەرچە ئەقلى-ھوشى بولمىسىمۇ مېلىغا زاكات بېرىش پەرز بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِم بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّ صَلَاتَكَ سَكَنٌ لَّهُمْ ۗ وَاللَّـهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌتەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [سۈرە تەۋبە 103-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئايەتتە: ئۇلاردىن زاكات ئالغىن دېمىدى بەلكى ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن ئالغىن، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتكەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ماللىرىغا زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن، ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئىلىپ كەمبەغەللىرىگە بەرگىن. ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇلارنىڭ ماللىرىغا زاكاتنى پەرز قىلدى، دېدى. گەرچە زاكات مال ئىگىسىدىن ئېلىنسىمۇ، ئۇنىڭ مالغا پەرز قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھەرھالدا: ئىقتىسادى ئىبادەتلەر ئۇ كىشى ياشىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ زىممىسىدىن ساقىت بولمايدۇ. ئەمما ناماز، روزا، تەرەتكە ئوخشاشجىسمانىي ئىبادەتلەر ياشانغانلىق سەۋەبىدىن ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويغان مەزكۇر كىشىنىڭ زىمممىسىدىن ساقىت بولىدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ پەتىۋالار توپلىمى" ناملىقئەسىرى (19/4-نومۇرلۇق سۇئال)].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: بەزىدە ئەقلى جايىدا، بەزى ۋاقىتلاردا ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان ياكى بىر كۈن ساق بولسا يەنە بىر كۈن ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھۆكۈم ئىللەت بويىچە بولىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئەقلى-ھوشى جايىدا، ساق بولغان كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش پەرز بولىدۇ، ئەقلىنى يوقاتقان كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش پەرز بولمايدۇ. مەسىلەن: بىر كۈن ساراڭ بولۇپ، بىر كۈن ساق بولغان بولسا، ساق كۈنىدە روزا تۇتۇش پەرز بولىدۇ، ئەقلىنى يوقاتقان كۈنىدە روزا تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى"(19/43-نومۇرلۇق سۇئال)].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى