Sat 17 Rmd 1436 - 4 July 2015
50063
يىرىم-يالىڭاچ يۈرۈش روزىنى بۇزامدۇ؟
يېرىم يالىڭاچ يۈرۈش روزىنى بۇزامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇشنى بۈيۈك ھېكمەتلەر ئۈچۈن يولغا قويدى، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە يۈكسەك بولغىنى ئاللاھ تائالاغا بولغان ھەقىقى تەقۋادارلىقنى روياپقا چىقىرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾ تەرجىمىسى:«ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى.» [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].

    ھەقىقى تەقۋادارلىق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

    روزىدار تائەت -ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن كەسكىن ساقلىنىشقا بۇيرۇلىدۇ. گۇناھ-مەسىيەت ھەر قانداق كىشىدىن سادىر بولىدىشى قەبىھتۇر، ئەمما ئۇنىڭ روزىداردىن سادىر بولىشى تېخىمۇ قەبىھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى روزا تۇتۇپمۇ يالغان سۆز ۋە ناچار ئىشلارنى تەرك قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى تەرك قىلىپ روزا تۇتۇشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھېچ ھاجىتى يوق.» [بۇخارى رىۋايىتى 6057-ھەدىس].

     تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن (37989) ۋە (37658) نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئىبنى خۇزەيمە، ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم قاتارلىقلار، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزا تۇتۇش پەقەت يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلىنىش بىلەن ئەمەس بەلكى يامان سۆز ۋە ناچار ئىش-ھەرىكەتلەردىن چەكلىنىش دېمەكتۇر». [شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ  بۇ ھەدىسنى "ئەتتەرغىب ۋە ئەتتەرھىب" ناملىق ئەسەر 1082- نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

    ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  مۇنداق دەيدۇ: «روزا تۇتۇش دېگەن: پەقەت يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلىنىش ئەمەس بەلكى يالغانچىلىق، ناچار سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش دېمەكتۇر».

    جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «سەن روزا تۇتقان ۋاقتىڭدا،   قۇلىقىڭنى، كۆزۈڭنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلا، تىلىڭنى يالغان سۆز ۋە غەيۋەتلەردىن ساقلا، قول ئاستىڭدىكى خىزمەتچىلەرگە ئازار يەتكۈزمە، روزا تۇتقان كۈنلىرىڭدە چوڭ سۈپەت، كەمتەر ۋە تەمكىن بولغىن، روزا تۇتقان كۈنىڭ بىلەن روزا تۇتمىغان كۈنلىرىڭنى ئوخشاش ئۆتكۈزمە». 

    تەلىيق ئىبنى قەيس ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «روزا تۇتقان كۈنىدە، كۈچۈڭنىڭ يېتىشچە پۈتۈن ئەزالىرىڭنى ساقلا».

    تەلىيق روزا تۇتقان كۈنلىرى ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ پەقەت ناماز ئوقۇش ئۈچۈنلا سىرىتقا چىقاتتى.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابىلار روزا تۇتقان كۈنلىرىدە، مەسچىتتە ئولتۇراتتى، ئۇلار شۇنداق قىلىش ئارقىلىق تۇتقان روزىمىزنى پاك تۇتۇمىز دەيتتى. "ئەلمۇھەللا" 4-توم 305-بەت].

     بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: روزىدار كۆزىنى قاراش توغرا بولمايدىغان نەرسىلەرگە قاراشتىن ساقلىشى كېرەك، قۇلىقىنى ئاڭلاش توغرا بولمىغان نەرسىلەرنى ئاڭلاشتىن ساقلىشى كېرەك، تىلىنى غەيۋەت-شىكايەت، يالغانچىلىق، ناچار سۆزلەردىن ساقلىشى كېرەك.

    مۆمىن-مۇسۇلمان كىشى شەيتانلار باغلىنىدىغان، جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدىغان، ئى ياخشىلىقىنى تەلەپ قىلغۇچى ياخشىلىققا يۈزلەنگىن!، ئى يامانلىقنى تەلەپ قىلغۇچى گۇناھ-مەسىيەتتىن قول ئۈزگىن! دەپ چاقىرىلىدىغان بۇ مۇبارەك ئاينى غەنىمەت بىلىشى كېرەك. بۇ ئاينى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان، بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەردىن تولۇق تەۋبە قىلىدىغان، ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھاياتىنىڭ قالغان قىسمىنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنى، شەرىئىتى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىپ ياشاشقا ئاللاھقا ۋەدە بېرىشى كېرەك.

ئىككىنچى: گۇناھ-مەسىيەت (ئاياللارنىڭ يىرىم-يالىڭاچ يۈرۈشى، ئۆزىنىڭ پىگۇرلىرىنى يات ئەرلەرگە ئاشكارا قىلىشى قاتارلىق ئىشلار) روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ. گۇناھ-مەسىيەت كۆپ بولغانسېرى روزىنىڭ ساۋاب ۋە ھاسىل بولىدىغان پەزىلەتنىڭ كېمىيىشى كۆپ بولىدۇ، بەزىدە روزىنىڭ ساۋابى پۈتۈن يوق بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ كىشى ئۆز نەپسىنى يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن چەكلىسىمۇ، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن روزىنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەزى روزا تۇتقۇچىلارغا تۇتقان روزىسىدىن پەقەت ئاچ قالغانلىقىلا قالىدۇ، بەزى ناماز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كىچىدە ئوقۇغان نامىزىدىن پەقەت ئۇيقۇسىز قالغانلىقىلا قالىدۇ.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1690-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ  ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئىمام سۈبكى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ پەتىۋالىرىدا (1/221-226) مۇنداق دەيدۇ: "روزىداردىن سادىر بولغان خاتالىق سەۋەبىدىن روزىنىڭ ساۋابى كېمىيىپ كېتەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، بىزنىڭ تاللىغىنىمىز، روزىنىڭ ساۋابى كېمىيىدۇ، بۇ مەسىلىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق دەپ قارايمىز.

    بىلىشىڭىز كېرەككى، روزىنىڭ ساۋابنىڭ تولۇق ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولىشى روزىدارنىڭ روزا تۇتۇپ قۇرئان ئوقۇش، ناماز ئوقۇش، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، سەدىقە قىلىش قاتارلىق ئەمەللەرنى بىرگە قىلىشى، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولىشى بىلەن بولىدۇ، يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى روزا تۇتۇشتىن ھاسىل بولىدىغان ساۋاپ ۋە پەزىلەتنىڭ كامىللىقىنى زىيادە قىلىدۇ ۋە شۇنداق قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ". تۈگىدى.

    ئۈچىنچى: ئەمما گۇناھ-مەسىيەتنىڭ روزىنى بۇزۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، (ئاياللارنىڭ يىرىم-يالىڭاچ يۈرىشىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن) بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، روزا تۇتقۇچىدىن شۇ كۈنلۈك پەرز ئادا بولىدۇ، قايتا قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ لېكىن گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىش بىلەن روزىنىڭ ساۋابى كېمىيىپ كېتىدۇ. بەزى ۋاقىتتا بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك روزىنىڭ پۈتۈن ساۋابى بىكار بولۇپ كېتىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسىرى 6-توم 398-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتقۇچى ئۆزىنىڭ روزىسىنى غەيۋەت-شىكايەت ۋە ئازار-كۈلپەتتىن پاكلىشى كېرەك". بۇ دېگەنلىك: بۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىش باشقىلاردىن كۆرە روزا تۇتقۇچىدىن بەكرەك تەلەپ قىلىنىدۇ، روزا تۇتمىغان كىشىلەردىنمۇ ھەر ۋاقىت شۇنداق قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە شۇنىڭغا بۇيرۇلىدۇ. بۇنداق ئىشلاردىن پاك بولۇش دېگەن ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش دېمەكتۇر.  روزىدار كىشى غەيۋەت قىلغان بولسا بىزنىڭ قارىشىمىزدا گۇناھكار بولسىمۇ تۇتقان روزىسى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇ ئىمام مالىك، ئەبۇ ھەنىپە، ئەھمەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى. ئەمما ئەۋزائى رەھىمەھۇللاھ: غەيۋەت قىلغان كىشىنىڭ روزىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇ كىشىگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، دەپ قارىغان".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: "روزا توغرىسىدىكى پەتىۋالار(358-بەت)" ئىنسان رامزاننىڭ كۈندۈزدە چەكلەنگەن ھارام سۆزلەرنى قىلىش بىلەن تۇتقان روزىسى بىكار بولۇپ كېتەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بىز ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿يا أَ يُّهَا الَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى.» [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت]. بۇ ئايەتنى ئوقۇساق، روزىنىڭ پەرز بولىشىدىكى ھېكمەتنى بىلىپ يېتىمىز، ئۇ بولسىمۇ تەقۋادارلىقنى روياپقا چىقىرىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەقىقى تەقۋادارلىق بولسا، چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىشتۇر. ئومۇمى جەھەتتىن ئىلىپ ئېيتقاندا، بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن تولۇق قول ئۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزا تۇتۇپمۇ يالغان سۆز ۋە ناچار ئەمەللەرنى تەرك قىلمىغان كىشى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمىكىنى تەرك قىلىپ روزا تۇتۇشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھېچ ھاجىتى يوق.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن، روزىدار كىشىنىڭ رامزاندا چەكلەنگەن ھارام سۆز-ھەرىكەتلەردىن يىراق بولىشى، كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلماسلىقى، يالغان سۆزلىمەسلىكى، كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشىماسلىقى، چەكلەنگەن-ھارام نەرسىلەرنى ئىلىپ-ساتماسلىقى ۋە بارلىق چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولىشى تەكىتلىنىدۇ.

    ئىنسان رامىزان ئېيىدا بىر ئاي، ئۆز نەپسىنى ناچار ئىشلاردىن يىراق قىلسا، يىلنىڭ قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۇنىڭ نەپسى توغرا يولدا مۇستەھكەم بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كۆپچىلىك روزىدار كىشىلەر ئۆزىنىڭ روزا تۇتقان كۈنى بىلەن روزا تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە چەكلەنگەن سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن، يالغان سۆزلەشتىن، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلەنمەستىن، ئۆزىدىكى روزىنىڭ ھەيۋىتىنى ھېس قىلالمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋاللاردىمۇ روزا بۇزۇلمىسىمۇ ئەمما روزىنىڭ ساۋابى كېمىيىپ كېتىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ھەتتا روزىنىڭ ساۋابى پۈتۈن بىكار بولۇپ كېتىدۇ". [ شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "روزىغا ئالاقىدار پەتىۋالار" ناملىق ئەسىرى 358-بەت].

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى