Wed 23 Jm2 1435 - 23 April 2014
50330
ھەيزدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلىنىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟
روزىنىڭ نىجاسەت بىلەن ئالاقىسى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن ھەيزدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىدۇ؟، بۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلىشنى خالايمىز، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

     بىرىنچى: مۆمىن كىشى ھەر ۋاقىت ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇشى لازىم. گەرچە بۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى تەرىپىدىن بۇيرۇق ئىكەنلىكى يىتەرلىكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّـهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ، وَمَن يَعْصِ اللَّـهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُّبِينًا﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 36-ئايەت].

      ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّمَا كَانَ قَوْلَ الْمُؤْمِنِينَ إِذَا دُعُوا إِلَى اللَّـهِ وَرَسُولِهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ أَن يَقُولُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا، وَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ﴾ تەرجىمىسى: «(پەيغەمبەر) مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.» [سۈرە نۇر 51-ئايەت].

     ئىككىنچى: مۆمىن كىشى چېن قەلبىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ھەر قانداق ئىشنى ھېكمەت بىلەن قىلىدىغانلىقى، بىرەر ئىشنى يولغا قويسا بۇ ئىش ئالاھىدە ھېكمەت ۋە نۇرغۇن پايدا-مەنپەئەتنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقى،  بىرەر ئىشتىن چەكلىسە بۇ ئىشمۇ ئىنسانلار ئارىسىدا نۇرغۇن بۇزۇقچىلىقنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈن چەكلىگەنلىكىگە كەسكىن ئىشەنچ قىلىشى كېرەك.

     ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلبىدايەتۇ  ۋەەننىھايە" ناملىق ئەسىرى (6- توم 79-بەتتە كەلتۈرگەن سۆزلىرى بۇ مەسىلىنى روشەن يورۇتۇپ بېرىدۇ: "پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن شەرىئەت ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەتتۇر، ئىنساننىڭ ئەقلىدە ياخشى ۋە مەنپەئەتلىك دەپ بىلىنگەن بارلىق نەرسىلەرنى ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئۇنى قىلىشقا ياكى قوللىنىشقا بۇيرىدى، ئەقىل ئىنكار قىلغان بارلىق يامانلىقتىن چەكلىدى، بۇيرىغان ئىشلىرىدىن بىرەرسىگە كاشكى بۇ ئىشقا بۇيرۇمىغان بولسا ياخشى بولاتتى ياكى بىرەر ئىشتىن چەكلىسە كاشكى بۇ ئىشتىن چەكلىمىگەن بولسا ياخشى بولاتتى  دېيىلمىدى". لېكىن بىز بۇ ھېكمەتلەرنى بەزى ۋاقىتتا بىلەلەيمىز، بەزى ۋاقىتتا بىلەلمەيمىز، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى بىزگە ئوچۇقلانمايدۇ.

     ئۈچىنچى: بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەيزدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن.

      ئاياللار ھەيزدارلىق سەۋەبىدىن ئادا قىلالمىغان روزىنىڭ يەنى رامىزان روزىسىغا ئوخشاش پەرز روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، ئەمما نەپلە روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش لازىم ئەمەس.

     شۇنىڭدەك ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەيزدار ئاياللارنىڭ ھەيزدارلىق ھالىتىدە تۇتقان روزىسىنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ بىرلىككە كەلگەن.

     بەزى ئالىملار ھەيزدار ئايالنىڭ نېمە سەۋەبتىن روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكمەت ھەققىدە ئىختىلاپلاشسا، بەزىلىرى بۇنىڭدىكى ھېكمەت بىزگە مەلۇم ئەمەس دەيدۇ.

ئىمامۇل ھەرەمەين جۇۋەينى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزا ئۈچۈن تاھارەت شەرت بولمىسىمۇ، ئەمما ھەيزدار ئايالنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇس ئەمەس. لېكىن بۇنىڭدىكى ھېكمەت مەلۇم ئەمەس." [ئەلمەجمۇئ 2-توم 386-بەت].

     يەنە بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ ھەيزدار ئاياللارنى روزا تۇتۇشتىن چەكلىشىدىكى ھېكمەتلەردىن بىرى: ئاللاھ تائالانىڭ ھەيزدارلىق ۋاقتىدا ئۇ ئاياللارغا رەھمەت قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى ھەيزدارلىق ۋاقتىدا قان كېلىشى ئاياللارنى جىسمانى تەرەپتىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ھەيزدار تۇرۇپ روزا تۇتسا ئۈستى-ئۈستىگە ئاجىزلىق پەيدا بولۇپ، بىرى ھەيز سەۋەبىدىن بولسا يەنە بىرى روزا تۇتقانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن روزا نورماللىقتىن چەتنەپ زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە بېرىپ قالىدۇ.

      شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "ھەيزدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلىنىشىدىكى ھېكمەت ۋە ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى دەلىلگە قىياس قىلىپ تۇرۇپ دەيمىزكى: ئىسلام شەرىئىتى ھەرقانداق بىر ئىشتا ئادىل بولۇشنى يولغا قويدى، ئىبادەتتە چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشىمۇ شەرىئەت چەكلىگەن زۇلۇمنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شەرىئەت ئىبادەتتە ئوتتۇراھال بولۇشقا بۇيرىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن؛ ئىپتار قىلىشقا ئالدىراش، سۆھۇرلۇقنى ئاخىرقى ۋاقتىدا يېيىشكە، ئىپتار قىلماستىن ئۇلاپ روزا تۇتۇشنى چەكلىگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «روزىنىڭ ئەڭ توغرا ۋە ياخشى بولغىنى داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىدۇر، داۋۇت ئەلەيھىسسالام بىر كۈن روزا تۇتۇپ يەنە بىر كۈن ئىپتار قىلاتتى يەنى روزا تۇتمايتتى، دۈشمەنگە ئۇچراشقاندا قاچمايتتى».

     ئىبادەتنى ساغلام قىلىش شەرىئەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەقسەتلىرىدىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحَرِّمُوا طَيِّبَاتِ مَا أَحَلَّ اللَّـهُ لَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا ۚ إِنَّ اللَّـهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.» [سۈرە مائىدە 87-ئايەت].

       ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئادالەتتىن چەتنەپ ئۆتۈپكەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالال نەرسىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن چەكلەنگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَبِظُلْمٍ مِّنَ الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ طَيِّبَاتٍ أُحِلَّتْ لَهُمْ وَبِصَدِّهِمْ عَن سَبِيلِ اللَّـهِ كَثِيرًا، وَأَخْذِهِمُ الرِّبَا وَقَدْ نُهُوا عَنْهُ﴾ تەرجىمىسى: «يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق.» [سۈرە نىسا 160-ئايەت].

      ئۇلارنىڭ قىلغان زۇلمى ۋە ھەقسىزلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارغا پاكىزە-ھالال نەرسىلەرنى ھارام قىلىش يەنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلەش جازاسى بېرىلدى. ئەمما توغرا يول تۇتقان ئۈممەتگە بولسا، پاكىزە نەرسىلەر ھالال، پاسكىنا نەرسىلەر ھارام قىلىندى.

     شۇ مۇناسىۋەت بىلەن روزىدار كۈندۈزدە يېمەك-ئىچمەكتىن غىزالىنىدىغان ۋە بەدىنىنى كۈچلاندۇرىدىغان نەرسىلەرنى قوللىنىشتىن، شۇنداقلا بەدىنىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ماددىلارنى چىقىرىشتىن چەكلەندى. ئەگەر كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقارماي ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن ئۇ كىشى ئىبادەتنى توغرا قىلمىغان بولىدۇ.

      ئىنسان بەدىنىدىن چىقىرىلىدىغان نەرسىلەر ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئىختىيارى چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىنسانغا زىيىنى بولمايدۇ ھەم بۇنى چەكلەش مۇمكىن بولمايدۇ، ئۇ چوڭ-كېچىك تەرەتتىن ئىبارەت، ئۇنىڭ چىقىشىنىڭ ئىنسانغا زىيىنى يوق، شۇنداقلا ئۇنىڭ چېقىشىدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدۇ. بونى گەرچە دورا ياكى باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق چىقارسىمۇ، ئۇنىڭ چىقىشىنىڭ ئىنسانغا زىيىنى بولمايدۇ بەلكى پايدىلىقتۇر. شۇنىڭدەك كۆڭۈل ئېلىشقاندا قۇسۇشتىن، ئۇخلىغاندا ئېھتىلام بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇمۇ ئىنسانغا پايدىلىق بولۇپ، روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

      ھەيزدار ئاياللارنىڭ ھەيزدىن پاك بولغاندىن كىيىن تۇتقان روزىسى ناھايىتى توغرىدۇر. چۈنكى قان چىقمىغان ۋاقىتتا بەدىنى كۈچلۈك بولىدۇ، روزىنىڭ تەسىرى بولمايدۇ، ئەمما ھەيزدارلىق ۋاقتىدا قان چىققانلىق سەۋەبىدىن بەدىنى ئاجىزلايدۇ، بۇ ھالەتتە تۇتقان روزا نورمال بولمايدۇ، ساغلاملىقتىن چەتنەپكەتكەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەيزدار ئاياللار ھەيزدىن پاك بولغاندا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلدى".  [پەتىۋالار توپلىمى 25-توم 234-بەت].

     ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

      تەرجىمە: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

      تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى