پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھورۇنلۇق قىلىپ نامازنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

ئەگەر مەن ھورۇنلۇق قىلىپ ناماز ئوقۇمىسام كاپىر ھېسابلىنامدىم ياكى گۇناھكار مۇسۇلمانمۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ كۈچلۈك قاراشلارغا تايىنىپ ھورۇنلۇق قىلىپ نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدىغان قۇرئان-ھەدىس ۋە سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى توغرا قاراشلىرىنى كەلتۈرگەن. [شەرھى مۇمتىئ ئەلا زادىل مەستەنقىئ 2-توم 26-بەت].

قۇرئان ھەدىسنىڭ ناماز ھەققىدىكى دەلىللىرىنى تەپەككۇر قىلغۇچى، نامازنى تەرك قىلىش ئىسلام دىنىدىن چىقىرىۋېتىدىغان چوڭ كۇپرىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايدۇ. بۇ توغرىدا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان دەلىللەردىن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِن تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِتەرجىمىسى: ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر). [تەۋبە سۈرىسى 11-ئايەت].

يۇقىرىقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا بىز بىلەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ئۈچ تۈرلۈك شەرتنى بايان قىلدى، يەنى ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۇرۇشتىن تەۋبە قىلسا، نامازنى بەرپا قىلسا، زاكاتنى ئادا قىلسا، دىنى جەھەتتە بىزنىڭ قېرىندىشىمىز بولىدۇ. ئەمما شېرىكلىكتىن تەۋبە قىلىپ ناماز ئوقۇمىسا، زاكاتنى ئادا قىلمىسا ئۇلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئەمەس. ئەگەر ئۇلار ناماز ئوقۇپ زاكاتنى ئادا قىلمىسا يەنىلا بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ھېسابلانمايدۇ. دىنى قېرىنداشلىق ئىنساننى دىندىن تولۇق چېقىرىۋىتىدىغان ئىشلار بىلەن يوق بولىدۇ، كۇپىرغا ئىلىپ بارمايدىغان پىسق-پۇجۇر ئىشلار بىلەن يوق بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: فَخَلَفَ مِن بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ ۖ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا ، إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُولَـٰئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ شَيْئًاتەرجىمىسى: ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن) ھېچنەرسە كېمەيتىلمەيدۇ [سۈرە مەريەم 59- 60-ئايەتلەر].

يۇقىرىقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا نامازنى تەرك ئەتكەن، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىلەر ئۆز قىلمىشلىرىدىن يېنىپ ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا يەنى نامازنى بەرپا قىلسا جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭغا ئاساسەن نامازنى قەستەن تەرك قىلغان ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلەر مۇسۇلمان ئەمەس دېگەن ھۆكۈم ئىسپاتلاندى.

نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنغان دەلىللەردىن: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمان بىلەن كاپىر-مۇشرىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر.[مۇسلىم رىۋايىتى].

بۇرەيدە ئىبنى ھۇسەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەھدە نامازنى ئادا قىلىشتۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ.[ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇت، تىرمىزى، نەسائىي ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق ئىماملار رىۋايىتى]. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كاپىر دېگەن سۆزدىن ئىسلام دىنىدىن چىقىرۋىتىدىغان كۇپۇرلۇق مەقسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە كاپىر بىلەن مۇسۇلماننىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى ناماز دەپ بايان قىلدى، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، كاپىرلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ غەيرىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن ناماز ئوقۇمىغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ.

ئەۋىپ ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: سىلەرنىڭ يول باشچىلىرىڭلارنىڭ ياخشىسى، سىلەر ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان، سىلەر ئۇلارنىڭ ھەققىدە ياخشى دۇئالارنى قىلىدىغان، ئۇلارمۇ سىلەرنىڭ ھەققىدە ياخشى دۇئالارنى قىلىدىغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ يول باشچىلىرىڭلارنىڭ ناچارلىرى، سىلەر ئۇلارنى ياقتۇرمايدىغان، ئۇلارمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرمەيدىغان، سىلەر ئۇلارغا لەنەت قىلىدىغان، ئۇلارمۇ سىلەرگە لەنەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر، دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلارغا قىلىچبىلەن قارشى تۇرىمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەليھىسسالام:ياق، ئۇلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نامازنى ئادا قىلىدىكەن، قىلىچ كۆتۈرۈش يوق، دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].

يۇقىرىدىكى ھەدىس شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، يول باشچى-رەھبەرلەر، نامازنى ئادا قىلمىغاندا ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ئۇرۇش قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى، يولباشچى-رەھبەرلەر ئوچۇق كۇپرى ئەمەللەرنى قىلسا، بۇنى ئىسپاتلاشقا بىزدە قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاساسلانغان ھۆكۈم بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا قارشى تۇرۇش دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا يەنى ئۇلار نامازنى ئادا قىلسا، كۇپرىغا ئىلىپ بارىدىغان ئەمەللەرنى قىلمىسا ئۇلارغا قارشى تۇرۇش دۇرۇس بولمايدۇ.

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى بەيئەت قىلىشقا چاقىردى، بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزدىن: يولباشچى-رەھبەرلەرگە ياخشى-يامان كۈنلەردە، كەيپىياتىمىز جۇشقۇن ياكى بىنورمال ۋاقىتلاردا، ھەتتا باشقىلارنى بىزدىن ئۈستۈن كۆرگەن ۋاقىتتىمۇ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، ئۇلاردىن ھوقۇق تالاشماسلىق، پەقەت ئۇلاردا ئوچۇق كۇپىرنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بىزدە بۇنى ئىسپاتلاشقا شەرئى دەلىلىمىز بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا بەيئەت ئالدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. بۇ ھەدىسكە ئاساسلانغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى تەرك قىلغۈچىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىش دۇرۇس بولىدىغان يەنى ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا كاپىر بولىدىغانلىقى ئاللاھ تەرەپتىن ئىسپاتلانغانھۆججەت قىلدى.

ئەگەر بىرسى بىزدىن: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمىنى، نامازنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەرز قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرگە قاراتساق بولمامدۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. بىزنىڭ جاۋابىمىز: بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى يۇقىرىقى دەلىللەردە ئىككى تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بايان قىلىنغان:

بىرىنچى: بۇنداق قىلغاندا، شەرىئەت ئېتىبارغا ئالغان ھۆكۈمنى ۋە ھۆكۈمگە ئالاقىدار بولغان سۈپەتنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق بولىدۇ. ھۆكۈمنى يولغا قويغۇچى يەنى ئاللاھ تائالا كاپىر بولىدۇ دېگەن ھۆكۈمگە نامازنى تەرك قىلىشنى ئالاقىدار قىلدى. دىنى قېرىنداشلىق نامازنى بەرپا قىلىش بىلەن بارلىققا كېلىدىغانلىقى بايان قىلىندى، ئەمما نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشنىلا سۆزلىمىدى، يەنى ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا ۋە نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلسا دېمىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ: مۇسۇلمان بىلەن كاپىر-مۇشرىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش دېمىدى ياكى بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەھدى نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشتۇر، نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ دېمىدى.

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ مەقسەت-نىشانىدىن چەتنەپ كېتىش ئەلۋەتتە قۇرئان كەرىم ئىلىپ كەلگەن ئوچۇق بايانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَنَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ تِبْيَانًا لِّكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً وَبُشْرَىٰ لِلْمُسْلِمِينَتەرجىمىسى: ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق. [سۈرە نەھل 89-ئايەت].

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ﴾ تەرجىمىسى: بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق. [سۈرە نەھل 44-ئايەت].

ئىككىنچىسى: شەرىئەت بېكىتمىگەن بىر سۈپەتنى ھۆكۈمدە ئېتىبارغا ئىلىش ئېتىبارغا ئىلىش توغرا ئەمەس. بەش ۋاقىت نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىنكار قىلغانلىق ئاللاھقا كاپىر بولغانلىق بولۇپ، بۇ مەسىلىدە؛ نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى بىلەن بىلمىگەن كىشى، نامازنى ئوقۇغان كىشى بىلەن تەرك قىلغان كىشى ئوخشاشتۇر. ئەگەر بىر كىشى بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىدۇ، نامازغا ئالاقىدار بولغان بارلىق پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەپ ئەمەللەرنى تولۇق ئىشلەيدۇ، لېكىن ئۇ ئۆزرىسىز نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن، گەرچە ئۇ نامازنى تەرك قىلمىسىمۇ نامازنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن كاپىر بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ناماز توغرىسىدا كەلگەن ئايەت-ھەدىسلەرنى نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا ئىلىپ بارساق توغرا بولمايدۇ. توغرا قاراش بويىچە، نامازنى تەرك قىلغۇچى كاپىر بولۇپ ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كېتىدۇ. بۇنى ئىبنى ئەبى ھاتەم ئۆزىنىڭ سۈننەت ناملىق ئەسىرىدە، ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: «ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، قەستەن نامازنى تەرك قىلماڭلار، كىمىكى نامازنى قەستەن تەرك قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كېتىدۇ يەنى كاپىر بولىدۇ» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن دەيدۇ. شۇنىڭدەك بىزمۇ كاپىر بولۇش دېگەن ئاتالغۇنى نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا يۈزلەندۈرسەك، ئۇ ۋاقىتتا ئايەت-ھەدىستە نامازنىلا خاسلاشتۇرۇشنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىنكار قىلىش دېگەن ئومۇمى ھۆكۈم بولۇپ، زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئىبادەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشى ئوخشاشلا كاپىر بولىدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ بۇ ھۆكۈمنىبىلمىگەنلىكى ئۇنىڭ كاپىر بولىشىنى چەكلەپ قالالمايدۇ.

نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرئى دەلىللەرنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئىسپاتلانغاندەك، ئەقلى قاراشتىن مەيدانغا كەلگەن دەلىللەرمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى بولغان نامازنى تەرك قىلىغان كىشىدە قانداقمۇ ئىمان بولسۇن!، نامازنى تولۇق ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن دەلىللەر، ھەر بىر ئەقىللىق مۆمىننىڭ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك نامازنى تەرك قىلغانلارغا بېرىلىدىغان جازا توغرىسىدا كەلگەن دەلىللەرمۇ ھەر بىر ئەقىللىق مۆمىننىڭ نامازنى تەرك قىلغۇچىغا نەسىھەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى لازىم بولىدۇ. كەسكىن دەلىللەرنىڭ تەقەززاسى بىلەن نامازنى تەرك قىلىش بىلەن ئۇ كىشىدە ئىمان بولمايدۇ.

مەلۇم بىر كىشى: يۇقىرىقى دەلىللەردە بايان قىلىنغان نامازنى تەرك قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ دېگەن ئۇقۇمدىن،ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلدى يەنى نېمەتكە كاپىر بولدى دېگەننى ئىرادە قىلسا ياكى دىندىن چىقىپ كېتىدىغان دەرىجىدە كاپىر بولماستىن، بەلكى كىچىكرەك كۇپۇرلۇقنى مەقسەت قىلسا، بۇمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان: ئىككى تۈرلۈك ئىش بولۇپ، كىشىلەر بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ سەۋەبى بىلەن كاپىر بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى باشقىلارنىڭ نەسىبىگە تىل ئۇزۇتۇش، يەنە بىرى مېيت ئۈچۈن ۋارقىراپ يىغلاش، مۇسۇلماننى ھاقارەت قىلىش پاسىقلىق، ئۆلتۈرۈش كاپىرلىق دىگەندەك ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمىگە چۈشمەمدۇ؟ دەپ سۇئال قىلسا، بىز ئۇ كىشىگە جاۋاپ بېرىمىزكى: بۇنداق قاراش ۋە ئېھتىماللىق تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن توغرا بولمايدۇ:

بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى كۇپۇر بىلەن ئىمان، مۆمىن بىلەن كاپىرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق-بەلگىلىمە قىلدى، بۇ بەلگىلىمە ئالاھىدە بېكىتىلگەن بولۇپ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار بۇ دائىرىدىن چىقىپ كېتىدۇ. كۇپۇر ۋە ئىماندىن ئىبارەت بۇ ئىككى بەلگىلىمە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ.

ئىككىنچى: ناماز ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر دەپ سۈپەتلىنىشى، ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدىغان كاپىر ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ، چۈنكى نامازنى تەرك قىلىش بىلەن ئىسلامنىڭ بىر ئاساسىنى يوق قىلدى. بۇ باشقاكۇپرى ئەمەللەردىن بىرەرسىنى قىلغان كىشىگە مۇتلەق قوللىنىدىغان كاپىر دېگەن ئۇقۇمغا ئوخشىمايدۇ.

ئۈچىنچى: نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ۋە ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يەنە باشقا دەلىللەرمۇ بار بولۇپ، بىر-بىرىگە باغلانغان ۋە ئىتتىپاققا كەلگەن دەلىللەرنىڭ تەقەززاسى بىلەن، نامازنى تەرك قىلغۇچىغا كاپىر دېگەن ئۇقۇمنى يۈزلەندۈرۈش زۆرۈر بولىدۇ.

تۆتىنچى: كاپىر دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئىپادىلەش پەرقلىق بولۇپ، نامازنى تەرك قىلغانلار توغرىسىدا: مۇسۇلمان بىلەن كاپىر-مۇشرىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازدېگەن ھەدىستە، كاپىر دېگەن سۆز ئېنىقلىق ھالىتىدە كەلگەن (يەنى ال بىلەن)، بۇ سۆزدىكى ئۇقۇملۇق ھالىتى ئۇنىڭ ھەقىقى كاپىر بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدۇ، ئەمما كاپىر دېگەن سۆز ئېنىقسىز ھالەتتە كەلسە، بۇنىڭدىن بۇ ئىشنى قىلغۇچىلار كاپىرنىڭ قىلمىشىنى قىلدى ياكى كاپىر بولىدىغان ئىشلاردىن دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ، ئەمما ئىسلام مىللىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغان كاپىرلىق مەقسەت قىلىنمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە "توغرا يولغا ئەگىشىش" ناملىق ئەسىرىنىڭ 70-بىتىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: كىشىلەر ئارىسىدا ئىككى تۈرلۈك ئىش بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىدىن كاپىر بولۇپ كېتىدۇ دېگەن ھەدىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ سەۋەبىدىن كاپىر بولۇپ كېتىدۇ دېگەنلىكى، كىشىلەر ئارىسىدىكى بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىش كاپىرلىققا ئىلىپ بارىدىغان ئەمەللەردىن بولۇپ، قەيەردە قىلىنسا كاپىرنىڭ ئەمەللىرى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كاپىرنىڭ ئەمەللىرىدىن بىرەرنى قىلغان كىشى ھەقىقى كاپىرلىقنى تەقەززا قىلىدىغان ئەمەلنى قىلمىغۇچە مۇتلەق كاپىر بولۇپ كەتمىگەندەك، مۆمىنلەرنىڭ بىرەر ئەمەللىرىنى قىلغان كىشىمۇ ئىسلامدا ئىماننىڭ ئاساسى بولغان ئەمەللەرنى ئادا قىلمىغۇچە ھەقىقى مۆمىن بولمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىستە بايان قىلىنغان: مۇسۇلمان بىلەن كاپىر-مۇشرىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇردېگەن ھەدىستە، ئېنىقلىق ھالىتىدە كەلگەن كاپىر دېگەن سۆز بىلەن ئېنىقسىز ھالەتتىكى كاپىر دېگەن سۆزنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە پەرق بار. (تۈگىدى).

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ھېچقانداق سەۋەبسىز نامازنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كېتىدىغان ھالەتتە كاپىر بولىدىغانلىقى ئاشكارا بولدى، مانا بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ توغرا قارىشى ۋە ئىمام شافىئىينىڭ ئىككى قارىشىنىڭ بىرىدۇر.

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ:فَخَلَفَ مِن بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِتەرجىمىسى: ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى دېگەن ئايەتنى چۈشەندۈرگەندە نامازنى تەرك قىلغۇچىلارنى كاپىر دېگەن.

ئىبنى قەييۇم ئۆزىنىڭ ناماز دېگەن كىتابىدا، ئىمام شافىئىينىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى قارىشىنىڭ بىرىنى بايان قىلغان، ئىمام تاھاۋىيمۇ بۇ قاراشنى ئىمام شاپىئىيدىن نەقىل قىلغان.

يۇقىرىقى قاراش كۆپچىلىك ساھابىلارنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشى بولۇپ، بەلكى بەزى ئەھلى ئىلىملار ساھابىلارنىڭ بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئەمەل-ئىبادەتلەردىن نامازنىڭ غەيرىنى تەرك قىلغانلارنى كاپىر دەپ قارىمايتتى،" دەيدۇ. [ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى. ھاكىم بۇ ئەسەر بۇخارىي-مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ئەسەر دېدى].

ھەدىسشۇناس ئالىملاردىن ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي: پەيغەمبەرئەليھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەر نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەيدۇ. شۇنىڭدەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئالىملارنىڭ ھەممىسى سەۋەبسىز، قەستەن نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ناماز ئوقۇمىغانلارنى كاپىر دەپ قارىغان.

ئىمام ئىبنى ھەزمى: ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ، ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋپ، ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە باشقا ساھابىلارنىڭ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) نامازنى تەرك قىلغۇچىنى كاپىر دەپ قارايدىغانلىقىنى، ساھابىلاردىن ھېچ قايسىسىنىڭ بۇنىڭغا قارشى پىكىردە بولمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ..

ئىبنى مۇنزىر "رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش" ناملىق ئەسىرىدە ئىبنى ھەزمىدىن نەقىل قىلغان بۇ قاراشقا يەنە: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس،جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئەبى ئەددەردا (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق باشقا ساھابىلارنىڭمۇ مەزكۇر قاراشنى كۈچلاندۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ساھابىلاردىن باشقا يەنە، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىبراھىم ئىبنى نەخەئىي، ھەكەم ئىبنى ئۇتەيبە، ئەييۇپ ئەسسىختىيانىي، ئەبۇ داۋۇت تەيالىسى، ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبۇ شەيبە، زۇھەير ئىبنى ھەرب قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىنى نەقىل قىلدى. [شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىننىڭ" نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى" دېگەن ئەسىرىدىن ئېلىندى].

توغرىسىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال جاۋاب تورى