سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنى تۈس ئالغان پائالىيەت ۋە بەزى بايراملارغا ئىشتىراك قىلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

خەلقئارادا يىللىق ئىلىپ بېرىلىدىغان "15-ماي خەلقئارا ئائىلە كۈنى" ۋە "3-دىكابىر مېيىپلار كۈنى" ۋە "خەلقئارا ياشانغانلار كۈنى" قاتارلىق پائالىيەتلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە "ئىسرا-مىراج كۈنى، مەۋلۇت پائالىيىتى، ھىجرەت كۈنى پائالىيىتى" قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەز-نەسىھەت، دىنى دەۋەت پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرۇپ كىشىلەرگە تارىخى ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىپ بىرىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مېنىڭ بىلىشىمچە ھەر يىلى تەكرارلىنىۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى بايرام ۋە پائالىيەتلەر ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ئىلاھى پائالىيەت بولماستىن بەلكى كىشىلەر ئۆزلىرى يېڭىدىن پەيدا قىلىۋالغان پائالىيەتلەردىن ئىبارەت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىڭلار! شۈبھىسىزكى، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر. [ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ھەر بىر قەۋمنىڭ بايراملىرى بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىز. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "توغرا يولغا ئەگىشىش، جەھەننەم ئەھلىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش" ناملىق ئەسىرىدە، ئىسلام شەرىئىتىدە ئەسلى بولمىغان يېڭىدىن پەيدا بولغان ھېيت-بايراملارنى سۆكۈپ مۇنداق دەيدۇ: "دىندا بۇ تۈردىكى بايراملار ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇزۇقچىلىق ۋە بىدئەت-خۇراپاتلارنى كۆپچىلىك كىشىلەر ياخشى بىلىدۇ، بولۇپمۇ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىبادەتلەردە پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەرنىڭ زىيىنى كۆپ بولىدۇ. بەلكى ئەقىل ئىگىلىرى بۇنىڭدىكى كۆپچلىك كىشىلەر ھېس قىلالمايدىغان بۇزۇقچىلىقلارنى بىلىدۇ".

ئىنسانلار بارلىق ئىشلىرىدا يۈز بېرىدىغان مەنپەئەت ۋە زىياننى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ قۇرئان-ھەدىسكە ئەگىشىشى لازىم بولىدۇ.

كۈنلىرىمىزدىكى ئەڭ بىدئەت ئىشلاردىن: بىرەر كۈنگە خاس قىلىپ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ياكى ئايرىم يېمەك-ئېچمەك تەييار قىلىش، ئالاھىدە ياسىنىش ياكى ئائىلىسىدىكىلەرگە نازۇ-نىمەتلەرنى زىيادە قىلىپ بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بۇ كۈندە قىلىنىدىغان ئەمەللەر قەلبتىكى ئېتىقادقا ئەگىشىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەمەللەرنى قىلغۇچىلار مەزكۇر كۈننى باشقا كۈنلەردىن پەزىلەتلىك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قەلبىدە بۇ ئېتىقاد بولمىسا ياكى قەلبىدە ئەگىشىش بولمىسا ئىدى، مەزكۇر قەلبتە بۇ كۈننى باشقا كۈنلەردىن ئۇلۇغلاش ۋە ئارتۇق بىلىش تۇيغۇسى شەكىللەنمەيدۇ.

ھېيت-بايرام دېگەن سۆز ئورۇن، ۋاقىت ۋە پائالىيەت قاتارلىق ئۈچ نەرسىنىڭ بىرلىك ئىسمى بولۇپ، بۇ ئۈچ ئاتالغۇدا نۇرغۇن ئىشلار مەيدانغا كەلگەن.

ۋاقىت زامان ئېتىبارى بىلەن ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بۇنىڭدا ئورۇن ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردە يۈز بەرگەن بەزى بىدئەتلەر تېپىلىدۇ.

بىرىنچىسى: بۇرۇندىن ئىسلام شەرىئىتى ھەرگىزمۇ ئۇلۇغلىمىغان، ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرى خاتىرلىمىگەن ۋە ئادەتتە ئۇنى تەبرىكلەش ئادەت بولمىغان بىر كۈننى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت.

ئىككىنچىسى: ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرى ئۇلۇغلىمىغان، ئادەتتە باشقا كۈنلەرگە ئوخشاش بىرەر ئىش يۈز بەرگەن كۈننى بايرام كۈنى قىلىۋىلىشتىن ئىبارەت.

كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار خۇددى يەھۇدىي-ناسارالارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بەزى ئىشلار يۈز بەرگەن ۋاقىتلارنى ئۇلۇغلاپ بايرام كۈنى قىلىۋالغانلىقىغا ئوخشاش ئىش قىلغان بولىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلۇغلاشقا تىگىشلىك بولغان ھېيت-بايرام شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن، ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان بايرامدۇر. دىندا ئەسلى بولمىغان ئىشلار بارلىققا كەلتۇرۇلمەيدۇ.

شۇنىڭدەك ھازىرقى ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ پەيدا قىلىۋالغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى يېڭى يىل بايرىمى قىلىۋېلىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن مەۋلۇت پائاليىتى ئىلىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تولۇق ئەگەشكۈچى سەلەپ ئالىملىرى، ئەگەر ئۇ ئىشلاردا ياخشىلىق بولغان بولسا چەكلىمەيتتى.

ئۈچىنچىسى: ئىسلام شەرىئىتىدە ئۇلۇغلىنىدىغان كۈنلەر، ئاشۇرا كۈنى، ئەرەپات كۈنى، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدىن ئىبارەتتۇر. بەزى خاتا ئەقىدىدىكى كىشىلەر شىئە-راپىزىلارغا ئوخشاش بەزى كۈنلەرنى ئۇلۇغلاپ شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلىدۇ، خۇددى ئۇلارنىڭ ئاشۇرا كۈنىنى غەم-قايغۇ، ئۇسسۇزلۇق، ماتەم كۈنى قىلىۋالغىنىدەك، بۇ ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويمىغان ياكى ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرى قىلمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھېچ كىشى قىلمىغان ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئەمما ئۇلارنىڭ ھەپتە، ئاي ۋە يىللارنىڭ تەكرارلىنىشىغا ئوخشاش قىلىپ توپلىنىپ ئىجتىما (ئىبادەت قارىشى بىلەن) قىلىشى شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىشلاردىن ئەمەس، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئىجتىماسىنى كۈندىلىك بەش ۋاقىت ناماز، ھەپتىدە بىر ئوقۇيدىغان جۈمە نامىزى، ئىككى ھېيت-بايرىمى ۋە ھەج پائالىيىتىگە ئوخشىتىۋالغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ھەقىقەتەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەكرارلىنىدىغان، بىز ئۈچۈن ئۇنى قىلىشقا مەلۇم ۋاقىت بېكىتىلگەن، ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ئىبادەتلەر بەندىلەرگە كۇپايە قىلىدۇ. ئەمما ئادەتتە كۆرسىتىلگەن پائالىيەتلەردىن باشقىلىرى يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى يولغا قويغان بايراملارغا ئوخشىتىۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭدەك بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، دىندا چەكلەنگەن بەزى بۇزۇقچىلىق ئىشلار سادىر بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن، ھەر يىلى تەكرارلىنىدىغان تۈرلۈك بايرام ۋە پائالىيەتلەرگە مۇسۇلمان كىشىنىڭ قاتنىشىشى توغرا بولمايدۇ. بىز يۇقىرىدا بايان قىلغانغا ئوخشاش بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر يىلدىكى ئىككى ھېيت بايرىمىغا ئوخشاتقانلىقتىن ئىبارەتتۇر.

ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پائالىيەتلەر تەكرارلانمايدىغان پەقەت بىر قېتىملا ئىلىپ بېرىلىدىغان بولسا مۇسۇلمان كىشى بۇ پائالىيەتكە باشقىلارغا ھەقنى يەتكۈزۈش نىيىتى بىلەن قاتنىشىپ كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

مەنبە: ئۇستاز مۇھەممەد ئەلھەمۇد نەجدىينىڭ (مەسائىل ۋە رەسائىل) ناملىق ئەسىرى 31-بەتتىن ئىلىندى