Thu 24 Jm2 1435 - 24 April 2014
5261
ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش دېگەن نېمە؟
ھەج قىلىشقا قادىر بولۇشتىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟


الحمد للہ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھەج قىلىشقا قادىر بولۇشتىن: سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىشى، ھەرەمگە بېرىپ - كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەر تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىراسى، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي قاتارلىقلارغا يەتكۈدەك ئىقتىسادنىڭ بولىشى ۋە ئائىلىسىدە قالغان كىشىلەرنىڭمۇ قىينىلىپ قالماسلىقى مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئەگەر ئايال كىشى بولسا ئىرى ياكى باشقا مەھرەملىرى بىلەن بىرگە چىقىشى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ«ھەج ،ئۆمرە ۋە زىيارەت» ناملىق كىتاپ17- بەت.