پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ۋىتىر نامىزى تەھەججۇد نامىزىدىن پەرقلىنەمدۇ؟

سۇئال

تەھەججۇد نامىزى بىلەن ۋىتىر نامىزىنىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

بۇ ئىككى نامازنىڭ ئادا قىلىنىش ئۇسۇلىدا پەرق بار بولۇپ، ئەھلى ئىلىملەر بۇ ناماز ئارىسىدىكى پەرقلەرنى بايان قىلغان.

ۋىتىر نامىزى كېچىدە ئوقۇلىدىغان ناماز بولسىمۇ ئەمما ئىككى نامازنىڭ ئارىسىدا پەرق بار.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ۋىتىر نامىزى كېچىلىك ناماز، بۇ ناماز سۈننەت، ئۇ كېچىلىك نامازنىڭ تۈگەنچىسى بولۇپ تاق ئوقۇش بىلەن،كېچىلىك نامازكېچىنىڭ ئاخىرىدا ياكى ئوتتۇرىسىدا ياكى ئەۋۋىلىدە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا ئاخىرلىشىدۇ. قانچىلىك ئوقۇش مۇمكىن بولسا شۇنچىلىك ئوقۇيدۇ، ئاندىن تاق ئوقۇش بىلەن نامازنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ["ئىبنى باز پەتىۋالىرى 11-توم 309-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئاغزاكى ۋە ئەمەلى سۈننەتلەر ئارقىلىق كېچىلىك ناماز بىلەن ۋىتىر نامىزىنىڭ ئارىسى پەرقلىق بولىدۇ، ئىسلام ئالىملىرىمۇ ھۆكۈم ۋە قانداق ئوقۇش جەھەتتە بۇ ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى ئايرىغان:

سۈننەتتە بايان قىلىنغان ئىككى نامازنىڭ ئارىسىدىكى ئاغزاكى پەرق: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: كېچىلىك نامازنى قانداق ئوقۇشنى سورىدى؟، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كېچىلىك ناماز ئىككى رەكەت-ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ، تاڭ يورۇشتىن ئەنسىرەپ قالساڭ، بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇغىن، دېدى. بۇخارى رىۋايىتى، "پەتھۇلبارى 3-توم 20-بەت.

سۈننەتتە بايان قىلىنغان ئىككى نامازنىڭ ئارىسىدىكى ئەمەلى پەرق: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇغاندا مەن ئورنۇمدا ئۇخلايتتىم، ۋىتىر ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىدا مېنى ئويغىتاتتى مەن تۇرۇپ ۋىتىر ئوقۇيتتىم.[بۇخارى رىۋايىتى "پەتھۇلبارى" ناملىق ئەسەر 2-توم 487-بەت].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇيتتى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئۇخلايتتىم، ۋىتىر نامىزى قالغاندا مېنى ئويغىتاتتى، مەن تۇرۇپ ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتىم.[مۇسلىم رىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئون ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئۇنىڭدىن بەش رەكەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، پەقەت ئاخىرىقى رەكئەتتە تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ سالام بېرەتتى.[مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىمام مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە 1-توم 513-بەتتە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، سەئد ئىبنى ھىشام ئىبنى ئامىرئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىتىر نامىزىدىن خەۋەر بېرىشنى سورىغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توققۇز رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، سەككىزىنچى رەكئەتتە ئولتۇرۇپ ئاللاھنى ئەسلەيتتى، ماختايتتى، دۇئا قىلاتتى ئاندىن سالام بەرمەي ئورنىدىن تۇرۇپ توققۇزىنچى رەكئەتنى ئوقۇيتتى، ئاندىن تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ، ماختاپ، دۇئا قىلىپ ئاندىن بىز ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا سالام بېرەتتى.

ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كېچىلىك ناماز بىلەن ۋىتىر نامىزىنىڭ ئارىسىنى ھۆكۈمدە ئايرىشى بولسا: ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىختىلاپ بار، ئىمام ئەبۇ ھەنىيپە رەھىمەھۇللاھ ۋىتىر نامىزىنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىنمۇ ۋىتىرنى ۋاجىپ دېگەنلىكىگە "ئەلئىنساپ" ۋە "ئەلپۇرۇئ" دېگەن ئەسەرلەردە بىر رىۋايەت بار. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ۋىتىر نامىزىنى قەستەن ئوقۇمىغان كىشى ياخشى ئادەم ئەمەس، ئۇ كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ".

ھەنبەلى مەزھىپىدە مەشھۇر بولغان قاراشتا: ۋىتىر نامىزىنى سۈننەت دەپ قارايدۇ، ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھىبىدىمۇ ۋىتىر نامىزى سۈننەت دەپ قارىلىدۇ.

ۋىتىرنىڭ كېچىلىك ناماز ئىكەنلىكىدە ئالىملار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ پەتھۇلبارى ناملىق ئەسىرى 3-توم 27-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كېچىلىك نامازنى ئاز بىر قىسىم تابىئىنلار ۋاجىپ دەپ قارايدۇ، ئەمما باشقا بارلىق ئالىملار سۈننەت دەپ قارايدۇ. ئىبنى ئابدۇل بەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاز بىر قىسىم تابىئىنلار قوينىڭ يېلىنلىرىنى سىغقانچىلىك ۋاقىتتا بولسىمۇ كېچىلىك نامازدا تۇرۇشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ، ئەمما كۆپچىلىك ئالىملاركېچىلىك نامازنى سۈننەت دەپ قارايدۇ".

ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كېچىلىك ناماز بىلەن ۋىتىر نامىزىنىڭ ئارىسىنى قانداق ئوقۇشتا ئايرىشى بولسا: ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى ئايرىشنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "كېچىلىك ناماز ئىككى رەكەت-ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ، ئەمما ۋىتىر نامىزى بولسا، بەش رەكەت ياكى يەتتە رەكەت ئوقۇلغاندا، پەقەت ئاخىرىقى رەكئەتتە تەشەھھۇتتا ئولتۇرىدۇ، ئەگەر توققۇز رەكەت ۋىتىر ئوقۇغاندا، سەككىزىنچى رەكئەتتە تەشەھۇتتا ئولتۇرۇپ سالام بەرمەي تۇرۇپ توققۇزىنچى رەكئەتنى ئوقۇپ ئاندىن تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ سالام بېرىدۇ". "زادۇل مۇستەقنىئ" ناملىق ئەسەرنىڭ ساھىبىمۇ مۇشۇنداق دېگەن". [ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 13-توم 262-264-بەت].

يۇقىرىقى بايانلاردىن مەلۇم بولدىكى، ۋىتىر نامىزى كېچىلىك نامازنىڭ جۈملىسىدىن بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇش شەكلى جەھەتتە كېچىلىك نامازدىن پەرقلىنىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى