جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تىز ئاچچىقلىنىپ باشقىلارنى تىللايدىغان ۋە ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن كىشىگە بەددۇئا قىلىدىغان ئايال توغرىسىدا

5733

تارقاتقان ۋاقىت : 20-02-2015

كۆرگۈچىلەر : 3971

سۇئال

مېنىڭ ئاچچىقىم تىز كېلىدۇ ھەتتا ئاچچىقتا ئىچىمدە، بۇنىڭغا سەۋەب بولغان كىشىگە بىر نەرسىلەرنى دەۋېرىمەن. تىنچلانغان ۋاقتىمدا، ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سوراپ ئىستىغپار ئېيتىپ ئىككىنچى بۇنداق قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىمەن. دىنىمىزدا باشقىلارنى تىللاشنىڭ ھاراملىقىنى بىلىمەن، بۇ ئىشىمنى ئۆزۈممۇ ياقتۇرمايمەن، ئۆز نەپسىمگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئاچچىقلانغان ۋاقتىدا باشقىلارنى تىللاپ سالغان كىشىنىڭ قانداق تەۋبە قىلىدىغانلىقىنى بىلگۈم كېلىدۇ، گەرچە ئۇ كىشى مېنىڭ تىللىغىنىمنى ئاڭلىمىسىمۇ، مەن ئۇ ئىشىمغا بەك ئەپسۇسلىنىمەن. ئۇ كىشىگە مېنىڭ ئۇنى تىللىغانلىقىمنى دېيىشىم كېرەكمۇ؟ ياكى ئۇ كىشى بىلەن ئارىمىزدا ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈن ئۆز ئىچىمدە ساقلاپ قالساممۇ بولامدۇ؟ بۇ خاتالىقىم ئۈچۈن سەدىقە قىلىۋەتسەم بولامدۇ؟ بۇ ئەيىپىمنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ قىلمىشىمدىن قەتئىي قول ئۈزۈشنى ئارزۇ قىلىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلدىم ۋە قىلىۋاتىمەن، لېكىن مەن ھازىر ئىلگىرى ئاچچىقلانغاندا تىللىغان بىر كىشى ئۈچۈن تەۋبە قىلىشنى مەقسەت قىلىمەن. مېنىڭ ئاچچىقلانغاندا ئۇنىڭغا قىلغان بەددۇئايىمنى ئاللاھ تائالا ئىجابەت قىلامدۇ؟ مۇشۇنىڭ ئۈچۈن مەن قاتتىق بىئارام بولىمەن، نامازغا تۇرغان ۋاقتىمدا ھەسرەتلىنىمەن، مەن تەۋبە قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ تەۋبىسىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىشنى خالايمەن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم! ئاچچىغىڭىزنى يۇتۇپ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: الَّذِينَ يُنفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ ۗ وَاللَّـهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ تەرجىمىسى: تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل - مال سەرپ قىلىدىغانلار، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار،يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. [سۈرە ئال-ئىمران 134-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَالَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ وَإِذَا مَا غَضِبُوا هُمْ يَغْفِرُونَ تەرجىمىسى: مۆمىنلەر گۇناھى كەبرىلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلاردۇر، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا باشقىلارنى كەچۈرەلەيدىغان كىشىلەردۇر. [سۈرە شۇرا 37-ئايەت].

ئاچچىقلىنىش ھەممە يامانلىقنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئىنسان ئاچچىقىنى بىسىۋالمىغاندا، باشقىلارنى تىللايدۇ، لەنەت قىلىدۇ، دەشنام قىلىدۇ، ئۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆپ ۋاقىتتا ئاچچىقلانماسلىق توغرىسىدا تەۋسىيە قىلاتتى. ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا 6116-ھەدىس ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر قانچە قېتىم ئۆزىگە كۆرسەتمە بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ كىشىگە بىرقانچە قېتىم ئاچچىقلانماسلىق توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىنى ئىنسانلاردىن ئەڭ كۈچلۈك ئادەم دەپ سۈپەتلىگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: چىلىشىپ باشقىلارنى يىقىتقان كىشى كۈچلۈك ئەمەس، ھەقىقى كۈچلۈك كىشى، ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالالىغان كىشىدۇر. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 6114-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 4723-ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ پەتھۇلبارى ناملىق ئەسىرى 10-توم 520-بەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاچچىقلانما دېگەن ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام تەبرانى سۇپيان ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسەقەپىدىن كەلتۈرگەن ھەدىستە، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ماڭا ئىخچام ۋە مەنپەئەتلىك بولغان بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە دېسەم؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاچچىقلانما، ساڭا جەننەت بار دېدى. يەنە ئەبۇددەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنى جەننەتكە ئىلىپ كېرىدىغان بىر ئىشنى دەپ بەرسىلە؟ دېۋىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاچچىقلانما دېدى.

ئىمام خەتتابى رەھىمەھۇللاھ: ئاچچىقلانما دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاچچىقلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان ۋە ئاچچىقىڭنى كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولغىن، ئەمما ئاچچىقلىنىش دېگەن ئىنسان تەبىئىتىدە بولىدۇ، بۇنىڭدىن چەكلەنگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. خەتتابىيدىن باشقا ئالىملار مۇنداق دەيدۇ:" بۇنىڭ مەنىسى، ئاچچىقىڭ سىنى بۇيرىغان ئىشلارنى قىلمىغىن". ئىبنى بەتتال ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىش دۈشمەنگە قارشى كۆرەش قىلىشتىنمۇ قېيىن بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئادەمنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى دېدى". باشقا ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: "بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سۇئال سورىغان كىشى تىز ئاچچىقلىنىدىغان كىشى بولىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى ھەر قېتىم كۆرسەتمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇنىڭغا: ئاچچىقلانما دېدى. كۆرسەتمىدە پەقەت ئاچچىقلانماسلىقنىتەۋسىيە قىلدى.

ئىبنى تىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاچچىقلانما دېگەن سۆزىدە، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى مۇجەسسەملەشكەن، چۈنكى ئاچچىق دېگەن، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈش ۋە ھەمراھلاردىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىدە ئاچچىغىنى كەلتۈرگەن كىشىگە ھەقسىز ئازار يەتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ دىنىنى كېمەيتىۋېتىدۇ".

بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئاچچىقنى ئوتتىن ياراتتى، ئۇنى ئىنسان تەبىئىتىدىن قىلدى، ھەر قاچان ئاچچىغلىنىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلار يۈز بەرسە، ئىنسان جىسىمدىكىغەزەپ ئوتى لاۋۇلداپ، قان قىزىپ، ئىنساننىڭ يۈزى ۋە كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىدۇ، چۈنكى تېرە، ئاستىدىكى نەرسىلەرنى نامايەندە قىلىپ بېرىدۇ، ئاچچىقلانغان ۋاقتىدا ئىنساننىڭ تېرىسى، مىجەزى ئۆزگەرگەندەك ئۇنىڭ ئىچكى-تاشقى دۇنياسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ، ئىشلىرى ئەسلى يۆلىنىشتىن چىقىپ كېتىدۇ، چىراي-شەكلى ئۆزگىرىدۇ، ئاچچىغلانغۇچى ئۆزىنىڭ غەزەپلەنگەن ھالىتىنى كۆرىدىغان بولسا ئېدى، ئۆزىنىڭ ئاچچىقلانغان ھالىتىدىكى چىراي-شەكلىدىن خىجىل بولۇپ ئاچچىقى يېنىپ كەتكەن بولاتتى. مانا بۇ غەزەبلىنىشنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى.

ئەمما ئاچچىغلانغۇچى كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئۇنىڭدىنمۇ بەكراق ناچارلىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئاچچىق قەلىبدە ئۆچمەنلىك، ھەسەد ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى يامانلىقلارنى يوشۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. نەتىجىدە ئىچكى دۇنياسىدائۆزگۈرۈش ھاسىل بولىدۇ، سىرتقى شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. مۇشۇنىڭ ھەممىسى ئاچچىقنىڭ بەدەنگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئەمما ئۇنىڭ تىلغا بولغان تەسىرى بولسا، ئاغزىنى بۇزۇپ باشقىلارنى تىللاش، ئەقىللىق ئادەم تىلغا ئىلىشتىن خىجىل بولىدىغان ناچار گەپ-سۆزلەرنى قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئاچچىقى يانغاندا ئۆزىنىڭ قىلغان سۆزلىرىگە پۇشايمان قىلىدۇ. ئاچچىقنىڭ تەسىرى قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىدىمۇ نامايەندە بولىدۇ، باشقىلارنى دۈشكىلەيدۇ، ئۇرىدۇ ھەتتا ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن ئادەم قېچىپ كەتسە، ئاچچىقىدا ئۆزىنى كاچاتلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ بەزى ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ. نەرسە-كېرەكلەرنى سۇندۇرۇپ، ئالاقىسى بولمىغان كىشىنىمۇ ئۇرۇپ قويىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاچچىقلىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتنى ئويلانغان كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاچچىقلانما دېگەن سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنچىكە ھېكمەت ۋە پايدا-مەنپەئەتنىڭ ئاساسى بولغىنىدەك، يامانلىقنى دەپئى قىلىشتا ئوينايدىغان رولىنى ھېسابلاپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ. مۇشۇنىڭ ھەممىسى دىنىمەسىلىدە ئەمەس پەقەت دۇنيالىق ئىشتىكى ئاچچىقلىنىشتۇر. (مۇنكىر ئىشلارنى كۆرگەندە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن غەزەبلىنىش بولسا، تەلەپ قىلىنىدىغان ۋە مەدھىيىلىنىدىغان ئىشلاردىندۇر). ئاللاھ تائالانىڭ ئاچچىقىنى يۇتقان كىشىلەرگە بېرىدىغان مۇكاپىتىنى، ئاچچىقلانغانلىقنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئۇنىڭ جازاسىنى ئەسلەش، ئىنساننىڭ ئاچچىقىنى يۇتىشىغا ياردەمچە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەش ۋە تاھارەت ئىلىش ئارقىلىقمۇ ئاچچىقىنى بىسىۋالالايدۇ. توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنى تىللىمايتتى، دەشنام قىلمايتتى، لەنەت ئېيتمايتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشقىلارنى تىللىمايتتى، دەشنام قىلمايتتى، لەنەت قىلمايتتى، ناچار سۆز قىلمايتتى، ئارىمىزدىن بىرەر كىشىنى ئەيىبلىمەكچى بولسا: ئىككى يىنىڭ توپا بولمىسۇن دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 6031-ھەدىس].

سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم! باشقىلارنى تىللاپ دەشنام قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ، كىيىنكى كۆڭۈلسىزلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىللىغان ۋە دەشنام قىلغان كىشىلەرگە خەۋەر قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئومۇمى شەكىلدە كەچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، ھەققىدە بەددۇئا قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلىڭ، چۈنكى سىز زۇلۇم قىلىپ بەددۇئا قىلغان كىشىلەرگە قىلغان دۇئايىڭىز يەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئۆزىڭىزگە مۇلايىملىق، كەڭ قورساقلىق تىلەڭ، بەزى ۋاقىتتا ئىنساننىڭ باشقىلار ئۈچۈن قىلغان ھەقسىز دۇئاسى ئۆزىگە قايتىپ قالىدۇ، سىز قەلبىڭىزنى راھەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىلىڭىزنى دائىم ئاللاھنى ياد ئېتىپ زىكىر قىلىش ۋە دۇئا بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: أَلَا بِذِكْرِ اللَّـهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ تەرجىمىسى: بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.[سۈرە رەئد 28- ئايەت].

يەنى ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئارقىلىق تىلىڭىزنى باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلاپ قىلىڭ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد