جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېھرام جەريانىدا كېچىك بالىنى كۆتۈرىدىغان نەرسىنى كىيىۋېلىش توغرىسىدا

سۇئال

   ئۆمرە پائالىيىتى جەريانىدا ئېھرامنىڭ ئۈستىگە كېچىك بالىنى كۆتۈرىدىغان نەرسىنى كېيىۋالسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئېھراملىق ھالەتتە كېچىك بالىلارنى كۆتۈرىدىغان نەرىسىنى ئېھرامنىڭ ئۈستىگە كېيىۋالسا ھېچ گەپ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئېھراملىق ھالەتتە كىيىش چەكلەنگەن كىيىملەرنىڭ ئۆزى ياكى ئۇنىڭ مەنىسىدىكى نەرسىلەردىن ئەمەس.

    ئۇ سۇ تولدۇرۇلغان تۇلۇم ياكى يىمەكلىك سېلىنغان خالتا ياكى دۈمبىسىگە نەرسە-كېرەك تېڭىۋالىدىغان نەرسىلەرگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ تۈردىكى نەرسىلەر ئېھراملىق ھالەتتە چەكلەنمەيدۇ.

     ئېھراملىق ھالەتتە چەكلىنىدىغان كىيىملەر: كۆينەك، ئىشتان، تېشىغا كىيىدىغان دوپپىسى بار چاپان، سەللە، ئۆتۈك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

    بۇنىڭ دەلىلى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلاردىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنى ئېھرامغا كىرگەندە قانداق كىيىملەرنى كىيىشكە بۇيرىلا؟دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئېھرامغا كىرگەندە كۆينەك، ئىشتان، سەللە، باش كىيىمى بار چاپان، ئۆتۈك قاتارلىق نەرسىلەرنى كەيمەڭلار، ئەگەر كىيىدىغان ئاياغ بولمىسا ھوشۇقنى ياپمايدىغان ئاياغ كىيسە بولىدۇ، سېرىق رەڭدە ۋە زەپە رەڭگىدە بويالغان كىيىملەرنى كەيمەڭلار» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 5805-ھەدىس. مۇسلىم 1177-رىۋايىتى].

    بۇنىڭغا يەنە ئىنساننىڭ جىسمىغا ئۆلچەپ تىكىلگەن ۋە ئادەتتە كىيىدىغان: جۇۋا، يەكتەك چاپان، ئىچ كىيىمى، دوپپا ۋە پايپاق قاتارلىق نەرسىلەرمۇ قېتىلىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ ئېھراملىق ھالەتتە كىيىش چەكلەنگەن كىيىملەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستىن: يىڭنىدە تىكىلگەن نەرسىلەردىن بولغان مەقسەت بەدەن شەكلىگە مۇناسىپ تولۇق ياكى يىرىم شەكلىدە تىكىلگەن ياكى توقۇلغان پۈتۈن كۆينەك، ئاسما كۆينەك، ئۇزۇن ئىشتان، كۇسار ئىشتان، پەلەي ۋە پايپاق قاتارلىق نەرسىلەر ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 17-توم 118-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئېھراملىق ھالەتتە قىلىچ ياكى تاپانچا ئېسىۋالسا توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ لەۋزى ۋە مەنا جەھەتتىنمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە بايان قىلىنغان چەكلەنگەن نەرسىلەرنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ، بىلىغا كەمەر باغلىۋالسا، دولىسىغا سۇدان ئېسىۋالسا، يېمەكلىك خالتىسى ئېسىۋالسا توغرا بولىدۇ، مۇھىم بولغىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېھراملىق ھالەتتە چەكلەنگەن نەرسىلەرنى بايان قىلدى، بىز ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسىلەرنى قاتتۇق، ئوخشىمايدىغان نەرسىلەرنى قاتمىدۇق، شەك قىلغان نەرسىلەرنى بولسا ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇق ھالىتىدە قويدۇق". ["شەرھىل مۇمتىئ" 7-توم 152-بەت].

    سوئالدا سورالغان كېچىك بالا كۆتۈرىدىغان نەرسە شەيخ بايان قىلغان دولىسىغا سۇدان ئېسىۋالغان ۋە يۈك-تاقا چېكىۋالىدىغان ھالەتكە ئوخشايدۇ.

    بەزى ئالىملار: ئېھراملىق كىشى دۈمبىسىدە بىر نەرسە كۆتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، مەيدىسىگە بىر نەرسە چىگىۋالىدۇ، بۇ كېچىك بالا كۆتۈرىدىغان نەرسىگە ئوخشايدۇ. ["مەنھۇل جەلىيل شەرھى مۇختەسەر خەلىيل" 2-توم 308-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى