Sun 26 DhQ 1435 - 21 September 2014
62839
تەشۋىشلىنىش كېسىلى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى
مەن تەشۋىشلەنگەن ۋاقتىمدا ئايالىمنىڭ سۆزىگە جاۋاپ قايتۇرالماي قالىمەن. مېنىڭ كەيپىياتىمدا بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىشىگە ئايالىم سەۋەبچى بولغان دەپ قارايمەن. ئايالىمنىڭ سۆزىگە سۆز قايتۇرالمىغانلىقىم تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟، ئايالىم بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا ئەسەبىيلىك ۋە ھاياجانلىنىش بىلەن قىلغان سۆزۈممۇ تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

     سىزنىڭ ئايالىڭىزغا جاۋاپ قايتۇرمىغانلىقىڭىز تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. شۇنداقلا سىزنىڭ ئەسەبىيلىك ۋە ھاياجانلىنىش بىلەن قىلغان سۆزىڭىزمۇ تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. سىز كۆڭلىڭىزدە تالاق توغرىسىدا كۆپ پىكىر قىلىڭ ياكى ئىچىڭىزدە ئۇ توغرىدا سۆزلەڭ ياكى كەسكىن تالاق قىلىشنى نىيەت قىلىڭ، تالاق سۆزىنى ئاغزاكى ئىپادىلىمىگىچە تالاق ھېسابلانمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئۈممىتىم تەشۋىشلىنىپ كۆڭلىدىن كەچكۈزگەن ئىشلىرىنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىپ ياكى سۆزلىمىگەنلا بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋەتتى». [بۇخارىي رىۋايىتى 6664- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 127-ھەدىس].

     ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلىنىپ، ئىنساننىڭ كۆڭلىدە تالاق توغرىسىدا بىر نەرسىلەر پەيدا بولسا، بۇنى ئاغزاكى ئىپادىلىمىگەنلا بولسا نىكاھقا تەسىر يەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ.

     بەلكى تەشۋىشلىنىش (يەنى تۇرۇپلا كۆڭلىدىن كەچكەننى ئۆزى سىزىپ-سەزمەي دەپ تاشلاش) كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى كۆڭلىدە پەيدا بولغان نەرسىنى ئاغزاكى سۆزلىسىمۇ تالاق ھېسابلانمايدۇ. بەزى ئالىملار يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا تالاقنى مەقسەت قىلمىسا تالاق بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گېرىپتار بولغۇچى كۆڭلىدە پەيدا بولغان نەرسىنى گەرچە ئاغزاكى ئىپادىلىسىمۇ مەقسەتلىك دېمىگەنلا بولسا تالاق ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى تىلى بىلەن ئىپادىلەنگەن بۇ سۆز ئۆزىنىڭ مەقسەت-ئىرادىسى بىلەن بولماستىن تەشۋىشلىنىشتىن بولغان، بەلكى ئۇنىڭ تەپەككۇرى توسۇلغان، ئۇنىڭدىكى چەكلەش كۈچى ئاجىزلىشىپ ھاياجانلانغانلىقتىن نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى كونترول قىلالماستىن شۇنداق دېيىشكە مەجبۇرلانغان. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەقلى ھۇشى جايىدا بولمىغاندا قىلىنغان تالاق، تالاق ھېسابلانمايدۇ». ھەقىقى ئىرادە مەقسەت قىلىنمىغان ۋاقىتتا تالاق قىلىنسا تالاق بولمايدۇ. مەقسەتسىز ۋە ئۆز ئىختىيارلىقىدىن تاشقىرى تەشۋىشلىنىش بىلەن بولغان تالاق، تالاق ھېسابلانمايدۇ". تۈگىدى. [ئىسلام پەتىۋالىرى 3-توم 277 بەت].

     سىزنى تەشۋىشگە سالغان مەزكۇر ۋەسۋەسىلەرگە پەرۋا قىلماستىن بەلكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشكە، سىزنى ۋەسۋەسىگە سالغان ئىشلارنىڭ قارىشىسىنى قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى شەيتان مۆمىنلەرنى بىئارام قىلىش ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىپ تەشۋىشلىنىشكە دۇچار قىلىدۇ. بۇنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى: ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، ئاللاھدىن قوغلانغۇچى شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياردەم سوراش، گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق بولۇش، ئىبلىسنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ قارشىسىنى قىلىش كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّهُ لَيْسَ لَهُ سُلْطَانٌ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار (يەنى يۆلەنگۈچىلەر) نىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ (يەنى پەرۋەردىگارىغا چىن يۆلەنگەن مۆمىنلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى تەسىر قىلالمايدۇ).» [سۈرە نەھل 99-ئايەت].

     ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى رەھىمەھۇللاھنىڭ "چوڭ پىقھى پەتىۋالىرى" ناملىق ئەسىرى 1- توم 149-بېتىدىكى قۇرلار، بۇ توغرىدا قەيت قېلىنغان ئەڭ ياخشى  تەۋسىيەلەردىندۇر: ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئىلمىنى مەنپەئەتلىك قىلسۇن! تەشۋىشلىنىش كېسىلىنىڭ ئىلاجى بارمۇ دەپ سورالغىنىدا، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ئۇنىڭ پايدىلىق دورىلىرى بولۇپ، ئىنسان  كۆڭلىدە ھەرقانچە ئىككىلىنىش بولسىمۇ تەشۋىشلىنىشتىن تولۇق يۈز ئۆرۈش كېرەك. بۇ ئىلاجنى تەجرىبە قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلەر بايان قىلغاندەك، بۇ ئىشقا گىرىپتار بولغۇچى كۆڭلىدىكى تەشۋىش-ئىككىلىنىشكە ئېتىبار بەرمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ كۆڭۈلگە ئورناشمايدۇ-دە، مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن كېتىپ قالىدۇ. ئەمما ئىككىلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالسا ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلسا، ئۇ زىيادىلىشىپ ساھىبىنى ساراڭلارنىڭ قاتارىغا بەلكى ئۇنىڭدىن قەبىھ-ناچار بىر ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بىز رېئاللىق ھاياتتا شەيتانلارغا ئەگىشىپ تەشۋىشلىنىشكە گىرىپتار بولغان ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئىش قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۇق. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ۋەلھان دەپ ئاتىلىدىغان سۇنىڭ تەشۋىشىدىن ساقلىنىڭلار». يەنى ئۇنىڭدا ئىنساننى ئازدۇرىدىغان تەسۋىرلىگۈسىز ئويۇن-تاماششالار بار.   نۇرلار تەكچىسى (مىشكاتىل ئەنۋار) دېگەن كىتابنىڭ شەرھىسىدىمۇ بۇنىڭغا ئالاقىدار مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.

     يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى بۇخارىي ۋە مۇسلىمدا كۈچلاندۇرۇپ، تەشۋىش كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشى ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھ بىلەن پاناھلانسۇن ۋە بۇ ئىشتىن قول ئۈزسۇن دېگەن مەزمۇنلاردا ھەدىسلەر بايان قىلىنىدۇ.

     ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدىغان، ئۈممىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بىلىملەرنى تەلىم بەرگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇبارەك سۆزلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىمىز لازىم. شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇنىڭدىن مەھرۇم بولغان كىشى كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. ۋەسۋەسە ۋە تەشۋىشكە ئوخشىغان كېسەللەرنىڭ شەيتان تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىغا ئەھلى ئىلىملار بىرلىككە كەلگەن. بۇ لەنەتگەردى شەيتاننىڭ مەقسىتىنىڭ چېكى يوق، ئەگەر بار دېيىلسە؛ مۆمىننى ئازغۇنلۇق، ھەيرانلىق پاتقىقىغا چۈشۈرۈش، تۇرمۇشىنى بەختسىز قىلىش، دىلىنى راھەتسىزلىككە دۇچار قىلىش ۋە ئاخىرىدا ئۇنى ئىسلامدىن چېقىپ كېتىشكە قىستاشتىن ئىبارەتتۇر. لىكىن ئىنسان بۇنى سەزمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا﴾  تەرجىمىسى: «شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار.» [سۈرە پاتىر 6-ئايەت].

     يەنە باشقا ھەدىسلەردە: تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشى: «ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەندىم دېسۇن» دەپ بايان قىلىنغان.

     ئاللاھنىڭ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەگەشكەنلەر، ئۇنىڭ شەرىئىتى ۋە كۆرسەتمىلىرىدە ھېچقانداق قىيىنچىلىق يوقلىقىنى ۋە بارلىق ھۆكۈملەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى).» [سۈرە ھەج 78-ئايەت].

     يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى ئويلانغان ۋە بۇنىڭغا ھەقىقى ئىشەنگەن كىشىدىن تەشۋىشلىنىش ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە قۇلاق سېلىش يوقىلىدۇ.

ئىبنى سىننىنىڭ كىتابىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: «ۋەسۋەسە ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى: "ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئىشەندىم" دەپ ئۈچ قېتىم دىسە، ئۇ كىشىدىن ۋەسۋەسە كەتكۇزىلىدۇ» دېيىلگەن.

     ئىززۇ ئىبنى ئابدۇسسالام ۋە باشقا ئالىملارمۇ بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئوخشاش مەزمۇندىكى سۆزلەرنى زىكىر قىلغان. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: "ۋەسۋەسە ۋە تەشۋىشلىنىشنىڭ ئىلاجى بولسا، ئىنسان ئۇنىڭ شەيتانى پىكىر ۋە قاراش ئىكەنلىكىنى، بۇنى شەيتان پەيدا قىلىپ ئۆزىگە قارشى كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى قەلبىدىن ئىتىقاد قىلىشى كېرەك. مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئۈچۈن مۇجاھىدنىڭ ياكى ئاللاھنىڭ دۈشمىنىگە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىنىڭ ساۋابى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان شەيتان بىلەن كۆرەش قىلدى.  ئىنسان بۇنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا ئۇ تەشۋىشلەر ئۇ كىشىدىن يىراقلىشىدۇ. كاپىرلار ھەقنى ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ تائالا ھەقنى ھەق باتىلنى باتىل قىلىپ مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئادەم ئاتىنى ياراتقاندىن تارتىپ تا قىيامەتكىچە شەيتاننى ئىنسانلارنىڭ روشەن دۇشمىنى قىلدى.

     ئوسمان ئىبنى ئەبى ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: شەيتان مەن بىلەن نامىزىمنىڭ ۋە قىرائىتىمنىڭ ئارىسىغا توسانجى بولدى، مەن بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ خەنزەب ئىسىملىك شەيتاننىڭ قىلىقى، سەن ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلىگىن ۋە چەپ تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈپلىگىن دېدى»، مەن شۇنداق قىلغانتىم، ئاللاھ تائالا مەندىن بۇ تەشۋىشنى كەتكۈزىۋەتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2203 - ھەدىس].

     بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىزنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. ۋەسۋەسە ۋە تەشۋىش كېسەللىكى جاھىل، نېرۋىسى ئاجىز كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ھېچ نەرسىنى يەنى ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەمما ئاللاھقا ساغلام ئېتىقادتا بولغان ئەقلى ھۇشى جايىدا كىشى بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن چەتنەپ كەتمەيدۇ، بىدئەت ۋە خۇراپاتلىققا مايىل بولمايدۇ.

     بىدئەتچىلەرنىڭ ئەڭ ناچارلىرى تەشۋىشلەنگۈچىلەر بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ ئۇستازى، شۇ زاماننىڭ شەرئى ئىلىم پېشىۋاسى شەيخ رەبىيئە توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: رەبىئە كىشىلەر ئارىسىدا ئىككى ئىشتا يەنى تاھارەت سۇندۇرۇش ۋە تاھارەت ئىلىشتا بەك تىز بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭدىن باشقا كىشى بولۇپ قالغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭ تاھارەت ئىلىشتىكى تىزلىكىدىن تاھارەت ئالمىدى دەيتتىم.

     ئىبنى ھۇرمۇز تاھارەت سۇندۇرۇش ۋە تاھارەت ئىلىشتا بەك ئاستا بولۇپ، كىشىلەرگە: "مەن ۋەسۋەسە ۋە تەشۋىشكە گېرىپتار بولغان، سىلەر ماڭا ئەگەشمەڭلار" دەيتتى. 

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ بەزى ئالىملارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "تاھارەتتە ياكى نامازدا ۋەسەۋەسە ۋە تەشۋىشكە گېرىپتار بولغان كىشى: «لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ» (يەنى ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق) دىسە، شۈبھىىسزكى، شەيتان بۇ زىكىرنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئۇ كىشىدىن يىراقلىشىدۇ. لائىلاھە ئىللەللااھۇ (يەنى ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق) دېگەن بۇ سۆز زىكىرنىڭ ئەۋۋىلىدۇر. ۋەسۋەسە ۋە تەشۋىشلىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئاللاھنى ياد ئېتىش ۋە ئۇنى كۆپ زىكىر قىلىشقا يۈزلىنىش لازىم. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ زىكرى ۋەسۋەسە ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئىلاجدۇر". [ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىي رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى تۈگىدى].

      ئاللاھ تائالادىن سىز گىرىپتار بولغان ۋەسۋەسە ۋە تەشۋىشنى كەتكۇزىۋېتىشىنى، سىز ۋە بىزنى ئىماندا مۇستەھكەم قىلىشىنى، تەقۋالىق ۋە توغرىلىققا يېتەكلىشىنى سورايمىز. 

     ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى