Sat 1 Muh 1436 - 25 October 2014
65558
بالىلارنى روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈشتىكى مۇۋاپىق ياش ئۆلچىمى قايسى؟
بالىلار نەچچە ياشقا كىرگەندە روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ؟، بالىلارنى روزا تۇتۇشقا مەسچىتكە نامازغا ئىلىپ چېقىشقا، شۇنداقلا رامزاندا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا قانداق رىغبەتلەندۈرىمىز؟ رامىزاندا ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بوش ۋاقىتتا ئىلىپ بارىدىغان دىنى پروگراممىلار بارمۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     بىرىنچى: بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارغا روزا تۇتۇش پەرز بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن؛ ئەقلىنى يوقاتقان كىشى ئەقلى-ھوشى جايىغا كەلگۈچە، ئۇخلاپ قالغان كىشى ئويغانغۇچە، ياش ئۆسمۈرلەر بالاغەتكە يەتكۈچە قەدەر.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4399- ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

     بالىلارنى كېچىكىدىن تارتىپ شەرئى ئىبادەتلەرگە ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ياخشىلىق سەھىپىلىرىگە يېزىلىدۇ.

     ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا روزا تۇتۇشنى ئۆگىتىدىغان ۋە بۇ ھەقتە تەلىم بېرىدىغان ۋاقت بولسا، بالىلار روزىدارلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ياشدۇر. بۇ ياش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ئالىملار بۇ ياشنى ئون ياش دەپ بېكىتكەن.

مالىكى مەزھەپنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن ئىمام ئەلخەرقى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئوغۇل بالا ئون ياشقا كىرگەندە روزا تۇتۇشقا قادىر بولالايدۇ".

     ھەنبەلى مەزھەپ مەشھۇر ئالىملىرىدىن ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەرزەنت ئون ياشقا كىرگەندە روزا تۇتۇشى كېرەك. يەنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلىدۇ، روزا تۇتۇشقا كۆندۈرۈش-ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن روزا تۇتۇشنى تەرك قىلسا ئەدەپلىنىدۇ.

     كىچىك بالا روزا تۇتۇشقا قادىر بولالىغاندا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلىدۇ دېگەن قاراشتىكى ئالىملاردىن: ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھ، ھەسەنىل بەسرى، مۇھەممەد ئىبنى سىرېن، زۆھرىي، قەتادە ۋە ئىمام شافىئى رەھىمەھۇمۇللاھ قاتارلىقلاردۇر.

     ئىمام ئەۋزائىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىچىك بالا ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا بەرداشلىق بېرەلىسە،  بۇ جەرياندا ئاجىزلاپ ۋە ھالسىزلىنىپ كەتمىسە رامىزان ئېيىدا تولۇق روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلىدۇ".

     ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي مۇنداق دەيدۇ: "بالىلارنى ئادەتتە ئون ئىككى ياشقا كىرگەندە روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش ياخشىدۇر".

     پەرزەنت ئون ياشقا كىرگەندە پەرز روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش دېگەن قاراشتىكى ئالىملار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلار ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا ئەدەپلەڭلار دېگەن ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ، ناماز بىلەن روزا بىر-بىرىگە ئەڭ يېقىنلىقى، ھەر ئىككىسىنىڭ ئىسلام ئاساسلىرىدىن بولغان بەدەنى ئىبادەت ئىكەنلىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، روزا مەنىۋى ۋە جىسمانى قۇدرەت بولۇشنى تەقەززا قىلىدىغان ئىبادەت بولۇپ، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىغان كىشى نامازنى ئادا قىلىشقا تاقىتى يېتىدۇ دەپ قارايدۇ. [ئەلمۇغنىي 4-توم 412-بەت].

     مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەشتىكى پرىنسىپىدۇر. سەھابە كىراملار پەرزەنتلىرىدىن روزا تۇتۇشقا قادىر بولغانلىرىنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى، ئۇلاردىن بىرى ئاچلىق ياكى ئۇسسۇزلۇقتىن يىغلاپ قالسا، ئۇلارنى بەزلەش ئۈچۈن ئويۇنچۇق بېرەتتى. ئۇلار روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ ياكى بەدەن قۇرۇلمىلىرى ئاجىزلاپ كەتسە، ئۇلارنى روزا تۇتۇشقا مەجبۇرلاش توغرا بولمايدۇ.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش كېرەك ئەمەس، ئەمما ئۇلار روزا تۇتۇشقا تاقەت قىلالىسا، ئۇلارنى مەشىق قىلدۇرۇش-ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا بۇيرىسا بولىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن بالاغەتكە يەتكەندە روزا تۇتۇشقا ئادەتلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئۈممەتنىڭ ياخشى كىشىلىرى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئەۋلادلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 19-توم 28-29-بەت].

      بىر كىشى شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: كىچىك بالام رامىزان روزىسى تۇتۇشتا چىڭ تۇرىۋالدى، يېشى كىچىك، سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن زىيان يىتىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۇنى روزىنى ئىچىۋېتىشكە قىستىسام توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر بالا بالاغەتكە يەتمىگەن  بولسا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش كېرەك ئەمەس، لېكىن جاپا تارتماستىن روزا تۇتۇشقا قادىر بولالىسا، ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلىدۇ، ساھابىلارمۇ ئەۋلادلىرىنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى، ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىكلىرى يىغلاپ قالسا، ئۇنى بەزلەش ئۈچۈن ئويۇنچۇق بېرەتتى، ئەمما كىچىكلىكتىن روزا تۇتسا سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىقى ئىسپاتلانسا ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا كىچىك بالىلارنىڭ مال-مۈلۈكنى بۇزۇپ-چىچىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ، بىزنى كىچىك بالىلارغا مال-دۇنياسىنى تۇتقۇزۇشنى چەكلىدى، بەدەنگە زىيان يېتىشتىن ئەنسىرەش مال-دۇنياغا زىيان يېتىشتىن ئەنسىرەشكە قارىغاندا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما بالىلارنى روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەندە قاتتىق قوللۇق قىلماسلىق، يۇمشاق-مۇلايىم بولۇش كېرەك. بالىلارنى تەربىيىلىگەندە ئۇلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىش توغرا بولمايدۇ". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 19-توم 83-بەت].

      ئىككىنچى: ئاتا-ئانىلار بالىلارنى روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى ھەر كۈنى مۇكاپاتلاش ياكى ئۇلار بىلەن تەڭ ياشتىكى ياكى يېشى كىچىك بالىلار ئارىسىدا مۇسابىقىلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇلارنى مەسچىتكە بىرگە ئىلىپ بېرىشقا ئادەتلەندۈرۈش بولۇپمۇ ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنى ھەر قايسى مەسچىتلەرگە ئىلىپ بېرىپ بىرلىكتە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش لازىم. شۇنىڭدەك ئۇلارنى مۇكاپاتلاش يولى بىلەنمۇ ئىبادەتلەرگە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، مۇكاپات ئۇلارنىڭ كىچىك تۇرۇپ قىلغان ئەمەللىرىنى مەدھىيىلەش، ماختاش ياكى ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئىلىپ بېرىش، باغچا ۋە بالىلار ئوينايدىغان ئورۇنلارغا ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇناسىپ شەكىلدە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

     بەزى ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن بالىلارنى بۇ شەكىلدە رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدا خاتالىقلار كۆپ، بەلكى بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئىبادەتتىن چەكلەيدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا كىچىك بالىلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرىماسلىق ۋە مەسچىتكە ئىلىپ چىقماسلىق بولسا، كىچىك بالىلارغا مېھرىبانلىق قىلىش، كۆيۈنۈش ھېسابلىنىدىكەن، بۇنداق قىلىش شەرىئەت پرىنسىپىگە ئۇيغۇن پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ جۇملىسىدىن ئەمەس.

     شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەل ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇشنى ئۆز يۇرتىدا مۇقىم تۇرىۋاتقان ۋە روزا تۇتۇشقا قادىر بولالايدىغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلدى، ئەمما بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىلارغا روزا تۇتۇش پەرز ئەمەس. چۈنكى بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك سۆزلىرىدە: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن: دەپ ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن "كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكۈچە"» دەپ بايان قىلىنغان. لېكىن ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار روزا تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغان ياشقا يەتكەندە ئۇلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشى كېرەك. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ئىسلام ئاساسلىرىنى بەرپا قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش ۋە تەربىيىلەشتىن ئىبارەتتۇر. بىز بەزى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ناماز ئوقۇش-روزا تۇتۇشقا بۇيرۇماستىن ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھوزۇرىدا ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئۇلار مەسئۇل بولىدۇ. ئۇلار ئۆز قارىشىدا ئەۋلادلىرىغا كۆيۈنۈپ، مېھرىبانلىق قىلىپ ئۇلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇمايدۇ، ئەمەلىيەتتە مېھرى-شەپقەت، كۆيۈنۈش بولسا، ئۇلارنى كىچىكىدىن ياخشى ئىش-ھەرىكەت، تائەت-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتۇر. بۇنى تەرك قىلىش ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلىگەنلىك ۋە كۆيۈنگەنلىك بولمايدۇ". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى  19- توم 28-29-بەتلەر].

     ئۈچىنچى: ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ھەر كۈنى بوش ۋاقىتتا مەلۇم مىقداردا قۇرئان يادلاشقا ئادەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىگە مۇناسىپ كىلىدىغان كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىشى، روھىنى كۆتۈرىدىغان نەشىدلەرنى ئاڭلىتىشى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق بولغان كارتۇن پىلىملەرنى كۆرسىتىشى لازىم.

     سۇئال سورىغان ھەمشىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. مانا بۇ مۇسۇلمانلار ئائىلىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن كۆپچىلىك كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقلى ۋە جىسمانى تەرەپتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تەربىيىنى ياخشى قىلمايدۇ، ئۇلارنى راھەت-پاراغەت، ھورۇنلۇق ۋە باشقىلارغا تايىنىشقا ئادەتلەندۈرىدۇ. ئۇلارنى ناماز-روزا قاتارلىق ئىبادەتلەرگە رىغبەتلەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، مۇشۇنداق تەربىيىلەنگەن ئەۋلادلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قەلبىدە چوڭ بولغاندا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتىن يىراقلىشىش شەكىللىنىدۇ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، توغرا يولغا يېتەكلىشى قېيىن بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار دەسلەپتە ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولسا ئېدى، ئاخىرىدا ئۇلار پۇشايمانغا قالمىغان بولاتتى.

     ئاللاھ تائالادىن بىزگە ئەۋلادلىرىمىزنى ياخشى تەربىلەش، ئۇلارنى ئىبادەتلەرنى  ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەشكە ياردەم بېرىشىنى ۋە ئۇلارنى تەربىيىلەشتە بىزگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتنى توغرا ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

     توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

 

      مۇپتى: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەل ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ

      تەرجىمە: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

      تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى