66909: روزا ئۈچۈن بولغان تەكلىپىي ھۆكۈمنىڭ تۈرلىرى


روزىدىكى تەكلىپىي ھۆكۈملەرنىڭ تۈرلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Published Date: 2016-05-16
جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    تەكلىپىي ھۆكۈم بەش تۈرلۈك بولىدۇ: پەرز، ھارام، مۇستەھەپ، مەكروھ ۋە مۇباھ قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ بەش تۈرلۈك ھۆكۈم روزىدىمۇ كېلىدۇ. بىز بۇ بەش تۈرلۈك ھۆكۈمنىڭ ھەر بىرىنى تەپسىلى بايان قىلماستىن بەلكى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

بىرىنچىسى: پەرز روزىلار:            

    1-رامىزان روزىسى.

    2- رامزاننىڭ قازا روزىسى.

    3-كاپارەت روزىسى. (خاتا ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغاننىڭ كاپارىتى، زىھارنىڭ كاپارىتى، رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەننىڭ كاپارىتى ۋە قەسەمنىڭ كاپارىتىدىن ئىبارەت).

    4- ھەجدە تەمەتتۇ قىلغان كىشى قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالمىسا، بۇنىڭ بەدىلىگە تۇتىدىغان روزا. بۇنىڭ دەلىلى: ﴿فَمَن تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ﴾  تەرجىمىسى: «ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، ھەجدىن قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن.» [سۈرە بەقەرە 196-ئايەت]. 

    5-نەزىر روزىسى.

    ئىككىنچىسى: مۇستەھەپ بولغان روزىلار:

    1-ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى.

    2-ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى.

     3-ھەر ھەپتىدە دۈشەنبە-پەيشەنبە كۈنلىرىدە تۇتىدىغان روزا.

    4- ھەر ئايدا ئۈچ كۈندىن تۇتىدىغان روزا.

    5-شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈنلۈك روزا.

    6-شەئبان ئېيىدا تۇتۇلىدىغان نەپلە روزا.

    7-مۇھەررەم ئېيىدا تۇتۇلىدىغان نەپلە روزا.

    8- روزىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، بىر كۈن روزا تۇتۇپ، بىر كۈن ئىپتار قىلىشتىن ئىبارەت.

    بۇنىڭ ھەممىسى سەھىھ ۋە ھەسەن ھەدىسلەر بىلەن بېكىتىلگەندۇر. ئۈچىنچىسى: مەكروھ بولغان روزىلار:

    1- جۈمە كۈنىدىلا يالغۇز روزا تۇتۇش. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنى يالغۇز روزا تۇتماڭلار، ئەگەر جۈمە كۈنىگە پەيشەنبە ياكى شەنبە كۈنىنى قېتىپ تۇتساڭلار بولىدۇ.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. 

    2- شەنبە كۈنى يالغۇز روزا تۇتۇش. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شەنبە كۈنىدە ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان روزىدىن باشقا روزا تۇتماڭلار، ئەگەر روزا تۇتقان بولساڭلار ھېچنەرسە تاپالمىغاندىمۇ تالنىڭ يىلتىزى ياكى دەرەخنىڭ يىلتىزى بىلەن بولسىمۇ ئىپتار قىلىۋېتىشى كېرەك.» [تىرمىزى رىۋايىتى744-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد 2421- نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن دېگەن. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1826-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "ئىرۋائۇل غەلىل" ناملىق ئەسەر 960 –ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

    ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەقەت شەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ مەكروھ بولىشى، يەھۇدىيلار شەنبە كۈنىنى بەك ئۇلۇغلايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كۈننى روزا تۇتۇشقا خاس قىلىۋېلىش ياخشى كۆرەلمەيدۇ".

    تۆتىنچىسى: چەكلەنگەن-ھارام بولغان روزىلار:

    1-روزا ھېيت، قۇربان ھېيت كۈنىدە ۋە قۇربان ھېيتنىڭ 2-3-4-كۈنلىرىدە (تەشرىق كۈنلىرى) روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ.

    2- شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ. شەكلىك كۈن دېگەن: ئۇ شەئباننىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنى بولۇپ، ئاسمان بۇلۇتلۇق ياكى ئاي كۆرۈش مۇمكىن بولمىغان كۈندىن ئىبارەتتۇر. ئەمما ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ئاينى كۆرۈش مۇمكىن بولسا شەك كۈن ھېسابلانمايدۇ.

    3-ھەيزدار ۋە نىپاسدار ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىدۇ.

    بەشىنچىسى: دۇرۇس بولغان روزىلار: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت قىسىم روزىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدىغان روزىلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ يەردە دۇرۇس بولغان روزىلاردىن بولغان مەقسەت: گەرچە نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ ئەسلى مۇستەھەپ بولغان ئىبادەت بولسىمۇ، سەيشەنبە-چارشەنبە كۈنلىرىگە ئوخشاش روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلمىغان ياكى روزا تۇتۇشتىنمۇ چەكلەنمىگەن كۈندە روزا تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. ["پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى" 28-توم 10-19-بەتلەر. "شەرھى مۇمتىئ" 6-توم 457- 483-بەتلەر].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
Create Comments