پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

پەقەت ئۆمرىنىلا نىيەت قىلىپ ئېھرام كىيىپ، كىيىن ھەجنى مەككىدىن نىيەت قىلسا بولامدۇ؟

سۇئال

مۇسۇلمان كىشى بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئۆتۈپ مەككىدە قالىدىغانلىقى ئۈچۈن پەقەت ئۆمرىنىلا ئادا قىلىپ، پەرىز ھەجنى كېيىن ئادا قىلسمۇ بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شۇنداق، مۇسۇلمان كىشى مىيقاتتىن ئۆمرىگە ئېھرام كېيىپكېرىپ، ئۆمرە پائالىيىتىنى تۈگەتكەندە ئېھرامدىن چىقىپ،زۇلھەججىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى ئۆزىنىڭ تۇرغان ئورنىدىن ھەجگە ئېھرام كېيگۈچە مەككىدە قالسا بولىدۇ، بۇ تەمەتتۇ ھەجدەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بىر سەپەردە ئۆمرەۋە ھەج قىلىپ، ئارىدا ئېھرامدىن چىقتى. تەمەتتۇ ھەجدە ئىنسان شەۋۋال، زۇلقەئدە ۋە زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنىگىچە بولغان ھەج ئايلىرىدا ئۆمرەقىلىپ،ئاندىن شۇ يىلى يەنە ھەجقىلىدۇ.

تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچى مەككىدە بىر قوي ئۆلتۈرۈپ كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىش كېرەك، قوي سېتىۋېلىشقا پۇلى بولمىسا، ھەج جەريانىدا ئۈچكۈن،يۇرتىغا قايتقاندا يەتتە كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿فَمَن تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ﴾تەرجىمىسى: ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرى قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرى قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرى قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم. [سۈرە بەقەرە 196-ئايەت].

ئىنسان يالغۇز ھەجلاقىلسىمۇبولىدۇ، ئېھرام كىيىدىغان ۋاقىتتا ئۆمرىنى نىيەت قىلماستىن پەقەت يالغۇز ھەجنىلا نىيەت قىلىدۇ، زۇلھەججىنىڭ سەككىزىنچى كۈنىگىچە ئېھراملىق ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئاندىن ھەج پائالىيىتىنى تولۇقلايدۇ، ئۇ كىشىگە قۇربانلىق ھەدىيە كەتمەيدۇ.

شۇنىڭدەك ئېھرام كىيىدىغان ۋاقىتتا ھەج بىلەن ئۆمرىنى بىرگە نىيەت قىلىپ قىران ھەج قىلسىمۇ بولىدۇ، مەككىگە يىتىپ كەلگەندە تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىدۇ، لېكىن ئېھرامدىن چىقماي، ھەج كۈنلىرى بولغاندا ھەج پائالىيىتىنى تۇلۇق تۈگەتكەنگە قەدەر ئېھرامدا تۇرىدۇ، ئۇنىڭغىمۇ تەمەتتۇ ھەجقىلغۇچىغا ئوخشاشقۇربانلىق ھەدىيە كېتىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەجنىڭ ئۈچ تۈرىنىڭ قايسىسىنى ئادا قىلسا بولىدۇ، ئەۋزەلراقى تەمەتتۇ ھەجقىلىشتۇر.بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 31822- ۋە 27090- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى