Fri 6 Saf 1436 - 28 November 2014
7073
خەتنە قىلىشنىڭ ساغلاملىق ۋە دىنى جەھەتتىكى پايدىلىرى
مەن بىر دىنسىز كىشىمەن ، بىراق مىنىڭ شۇنى بىلگۈم كىلىدۇ ، نىمىشقا يەھۇدىي ۋە مۇسۇلمانلار خەتنە قىلىشنى لازىم دەپ ھىساپلايدۇ ؟ ماڭا مۇسۇلمان ھەر بىر ئادەمنى ئاللاھنىڭ بىر مۇكەممەل مەخلۇقى دەپ قارايدىغاندەك بىلىنىدۇ . لىكىن نىمىشقا ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بۇ مۇكەممەللىكتىن شەكلىنىدۇ ؟ مەن ئەلۋەتتە ساغلاملىق جەھەتتە تازلىققا ئەھمىيەت بىرىشنى بىلىمەن . لىكىن مەن سىلەردىن سۇئالىمغا جاۋاپ ئىرىشىشنى راستلا ئۈمۈد قىلىمەن . سىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت .


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدۇ . مان بۇ ئىسلامنىڭ مەنىسى ، يەنى ئاللاھقا باش ئىگىش ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ، مەيلى ئۇنىڭدىكى ھىكمەت ئۇنىڭغا ئىنىق بولسۇن ياكى بولمىسۇن . چۈنكى بۇيرۇق چۈشۈرگۈچى -ئاللاھ بولسا ياراتقۇچى ، ھەممىنى بىلگۈچى ، ھەممىدىن خەۋەردار بولۇپ ، ئۇ ئىنساننى ياراتتى ھەمدە ئۇ ئىنسانغا نىمىنىڭ ياخشى ، نىمىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ . خەتنە قىلىش بولسا مۇسۇلمان ئاللاھقا بۇيسۇنۇش ،ئۇنىڭغا باش ئىگىش ، ئۇنى سۆيۈش ھەمدە ئۇنىڭ ھوزۇرىدىن ئەجىر ، مۇكاپات ئىزدەپ ئىجرا قىلىدىغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ بىرى . ھەمدە ئۇ ئاللاھنىڭ بىر ئىشقا بۇيرىسىلا ، ئۇنىڭدا بىر ھىكمەت بارلىقى ھەمدە بەندە بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن ئۇنىڭدا بىر پايدا بارلىقىغا قاتتىق ئىشىنىدۇ . ھىچقىسى يوق ، ھەي خەتنە قىلىشنىڭ ساغلاملىق پايدىلىرىنى بىلىشكە ھىرىسمەن سۇئال سورىغۇچى ، بىز بۇ يەردە تەلىبىڭگە جاۋابەن ،ھەمدە مۇئىمىنلەرنىڭ ھۆكۈملەرگە بولغان ئىمانىنىڭ ئېشىشى ، غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىلىق ئىشلارنى ئىلىپ كەلگەن ، زىيانلىق ئىشلاردىن ساقلىغان بۇ ئىسلام قانۇنىنىڭ كاتتىلىق جەھەتتىكى بۇ تەرىپىنى كۆرۈشى ئۈچۈن ، خەتنە قىلىشنىڭ ساغلاملىق ۋە شەرىئەتتىكى بىر قىسىم پايدىلىرىنى تىلغا ئىلىپ ئۆتىمىز .
1- دىنىي جەھەتتىكى پايدىلىرى :
خەتنە قىلىش بولسا ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى بۇيرۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئاللاھ بەندىلىرىگە ئۆزلىرىنى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن گۈزەللەشتۈرۈشنى بەلگىلىدى . ئۇ بولسا ئاللاھ ئۇلارنى شۇنىڭ بىلەن ياراتقان تەبىئىيلىكنىڭ مۇكەممەللىكى ، ھەمدە شۇڭا ئۇ ئىبراھىيمنىڭ دىنىنىڭ ھەنەفىييە( ساپ بىر ئىلاھلىق) لىكىنىڭ مۇكەممەللىكى .ھەنەفىيلىكنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن خەتنە قىلىشنىڭ بىكىتىلىشىنىڭ مەنبىيى بولسا ئاللاھ ئىبراھىيم بىلەن ئەھدىلەشكەندە ھەمدە ئۇنى ئىنسانلارغا رەھبەر قىلىشقا ، ئۇنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاتىسى قىلىشقا ، ھەمدە پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلارنى ئۇنىڭ پۇشتىدىن قىلىشقا ، ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆپ قىلىشقا ۋەدە بەرگەندە ھەمدە ئۇنىڭغا ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەھدە بەلگىسىگە ئۇلاردىن ھەربىر پەرزەنتنىڭ خەتنىسىنى قىلىش قىلماقچىلىقىنى ھەمدە بۇ بەلگە ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى مىنىڭ ئەھدىم بولىدۇ دەپ خەۋەر قىلغاندا بولغان . خەتنە قىلىش ئىبراھىيمنىڭ دىنىغا كىرگەنلىكنىڭ بەلگىسى ھەمدە بۇ ئاللاھنىۇ مۇنۇ سۆزىنى يەشكۈچىنىڭ يېشىمىغا ئۇيغۇن : « ئاللاھنىڭ بويىقى ( يەنى ، دىنى) . ئاللاھنىڭكىدىنمۇ ياخشى كىمنىڭ بويىقى ( دىنى) بار ؟ ھەمدە بىز ئۇنىڭ ئىبادەتچىلىرىمىز . » . [ بەقەرە( ئىنەك ) : 138 ] خەتنە قىلىش بىر ئىلاھچىلارغا نىسبەتەن كىرىست ئىبادەتىچىلىرىنىڭ بويۇنۇش ۋە يۇيۇنىشى بىلەن تەڭ . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارىشىچە بالىلىرىنى يۇيۇندۇرۇش سۈيىدە بويىغاندا ، ئاندىن ئۇلارنى پاكلايدۇ ھەمدە : " ھازىر خىرىستىئان بولدى ." دەيدۇ . شۇڭا ئاللاھ بىر ئىلاھچىلارغا بىر ئىلاھچىلىق( ھەنەفىيلىك) بويىقىنى بەلگىلىدى، ھەمدە ئۇنىڭ بەلگىسىنى خەتنە قىلىش قىلىپ مۇنداق دىدى : « ئاللاھنىڭ بويىقى ( يەنى ، دىنى) . ئاللاھنىڭكىدىنمۇ ياخشى كىمنىڭ بويىقى ( دىنى) بار ؟ ھەمدە بىز ئۇنىڭ ئىبادەتچىلىرىمىز . » [ بەقەرە( ئىنەك ) : 138 ] .
شۇڭا ئاللاھ خەتنە قىلىشنى ئۆزىنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ دىنىغا مەنسۇپ قىلغۇچىلارنىڭ ، ھەمدە پۈتۈنلەي يالغۇز ئۇنىڭغىلا قۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلغۇچىلارنىڭ بەلگىسى قىلدى ...
خۇلاسە : ئاللاھنىڭ بويىقى بولسا قەلىپلەر ئۇنى تونۇش ، ئۇنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا ساپدىل بولۇش ، ئۇنىڭغا بىرنەرسىنى شىرىك قىلماستىن يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىش بىلەن بويالغان ، بەدەنلەر بولسا خەتنە قىلىش ، دوۋسۇن تۈكىنى چۈشۈرۈش ، بۇرۇتنى قىرقىش ، تىرناقلارنى ئىلىش ، قولتۇق تۈكىنى يۇلۇش، ئېغىز چايقاش ، بۇرۇننى چايقاش ، چىشنى چوتكىلاش ۋە ئىستىنجا قىلىشتىن ئىبارەت تەبىئىي (فىترەت) خىسلەتلەر بىلەن بويالغان بىر ئىلاھچىلىق دىنى . ئاللاھنىڭ تەبىئىتى( دىنى ) بىر ئىلاھچىلارنىڭ قەلىپلىرى ۋە بەدەنلىرىدە ئاشكارا بولدى . "
[ تۇھفەتۇل مەۋدۇد بىئەھكامىل مەۋلۇد - ئىبنۇ قەييىم 351 ب ]
بالىنىڭ ئانىسىنىڭ بالاياتقۇسىدىن چىققان چاغدىكى ھالىتىدە قىلىشى شەرت ئەمەس ، ئەگەر بالىغا قىلىنىدىغان مەلۇم نەرسە ئۇنىڭغا پايدىلىق بولسا ھەمدە ساپ دىن تەرىپىدىن بۇيرۇلغان بولسا . مەسىلەن ، تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭغا پايدىلىق . پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « ئۇنىڭدىن زىيانىق نەرسىنى ئىلىۋىتىڭلار .»
ۋە شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا يۇققان قاننى يۇيىۋىتىش ، ئانىسى بىلەن تۇتىشىدىغان كىندىك يىپىنى كىسىۋىتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنىڭغا پايدىلىق ئىشلار ئىلىپ بىرىلىدۇ .
2- ساغلاملىق پايدىلىرى :
د. مۇھەممەد ئەلىي بار ( ئەنگىلىيەدىكى خان جەمەتى دوختۇرلار ئىنىستۇتىنىڭ بىر ئەزاسى ، جىددىدىكى پادىشاھ ئابدۇل ئەزىيز ئۇنىۋىرسىتىدىكى پادىشاھ فەھد تىببىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىسلامى تىبابەت فاكۇلتىتىنىڭ مەسلەھەتچىسى .) ئۆزىنىڭ خەتنە قىلىش دىگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ :
" يىڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ( يەنى ، ھاياتىنىڭ بىرىنچى ئىيىدا ) خەتنىسىنى قىلىش ئۇلارغا نۇرغۇن ساغلاملىق پايدىلىرىنى ئىلىپ كىلىدۇ ، ئۇلاردىن :
1- زەكەردىكى يەرلىك ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش : ئۇ خەتنىلىك بولغانلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ ، خەتنىلىك تارىيىش دىيلىدۇ ھەمدە ئۇ سىيەلمەسلىكنى ھەمدە زەكەر ئۇچى ياللۇ غلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى داۋالاشقا خەتنە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇزۇنغا سوزۇلغاندا ، بالىنىڭ كەلگۈسىدە نۇرغۇن كىسەللىكلەرگە ، ئەڭ خەتىرى زەكەر راكىغا گىرىپتار بولۇشىغا ئۇچرىتىدۇ .
2- سۈيدۈك يولىدىكى ياللۇغلار : نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى ، خەتنىسى قىلىنمىغان بالىلار سۈيدۈك يولى ياللۇغلىرىغا ئەڭ كۆپ گىرىپتار بولىدۇ . بەزى تەتقىقاتلاردا خەتنىسى قىلىنمىغان بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 39 ھەسسىگە يەتكەن . باشقا تەتقىقاتلاردا نىسبەت 10 ھەسسە بولغان ، يەنە باشقا تەتقىقاتلاردا سۈيدۈك يولى ياللۇغلىرىغا گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ 95% ى خەتنىسى قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسەتتى ، ھالبۇكى خەتنىسى قىلىنغان بالىلارنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 5% دىن ئاشمىغان .
بالىلاردا ، سۈيدۈك يولى ياللۇغى بەزى ئەھۋاللاردا ئېغىر بولىدۇ . ۋايىس ۋەلنىڭ سۈيدۈك يولى ياللۇغلىرىغا گىرىپتار بولغان 88 بالا ھەققىدە ئىلىپ بارغان تەتقىقاتىدا ، ئۇلارنىڭ 36% ىدە ئوخشاش باكتىرىيە قاندىمۇ بايقالغان . ئۇلارنىڭ ئۈچى مىڭە پەردە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان . ھەمدە ئىككىسى بۆرەك ئىشلىمەسلىككە گىرىپتار بولغان . باشقا ئىككىسى بەدىنىگە مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ تاراپ كەتكەنلىكتىن ئۆلگەن .
3- زەكەر راكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش : تەتقىقاتلار بىرلىككە كەلدىكى ، زەكەر راكى خەتنىسى قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا دىگۈدەك مەۋجۇت ئەمەس ، لىكىن خەتنىسى قىلىنمىغانلارنىڭ ئارىسىاىكى نىسبەت بولسا ئاز ئەمەس . ئامرىكىدا خەتنىسى قىلىنغانلارنىڭ زەكەر راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نۆل ، ھالبۇكى خەتنىسى قىلىنمىغا ئاھالىلەرنىڭ ھەر 100 مىڭدا 2.2 بولۇپ ، ئۇ يەردە راكنىڭ ئەھۋالى ھەر يىلى 750 بىلەن 1000نىڭ ئارىسىدا بولغان . ئەگەر ئاھالىلەر خەتنىسى قىلىنمىغان بولسا ، كىسەللەرنىڭ سانى 3000 گە يىتىدۇ . جوڭگو ، ئۇگاندا ، پۇرتورىكوغا ئوخشاش خەتنىسىنى قىلمايدىغان دۆلەتلەردە زەكەر راكى ئەرلەر گىرىپتار بولىدىغان بارلىق راكلارنىڭ ئىچىدە 12% دىن 22 % گىچە ئىگىلەيدۇ . ھەمدە ئۇ ئىنتايىن يۇقۇرى نىسبەت .
4- جىنسىي كىسەللىكلەر : تەتقىقاتچىلار شۇنى بايقىدىكى ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ( كۆپىنچە زىنا-پاھىشە ۋە بەچچىۋازلىق سەۋەبىدىن) يۇقىدىغان جىنسىي كىسەللىكلەر خەتنىسى قىلىنمىغانلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتىمۇ خەتەر ۋە زور دەرىجىدە تارقىلىدۇ ، بولۇپمۇ ھىرپىس ، يۇمشاق قىچىشىش ، سىفلىس ، كاندىدا ، گونورىيا ۋە جىنسىي ئەزا خورەكلىرى .
بۇ يەردە يەنە خەتنە قىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلمىغان قۇرداشلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئىھتىمالللىقىنى ئازايتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان بىر قانچە ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرى بار . بىراق بۇ خەتنىسى قىلىنغۇچىنىڭ ئەيدىز بار كىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقىنى يوققا چىقارمايدۇ . خەتنە قىلىش ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ ، ھەمدە بۇ نۇرغۇنلىغان جىنسىي كىسەللىكلەردىن زىنا-پاھىشە قىلىش ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ، بەچچىۋازلىق ۋە باشقا يىرگىنىشلىك ھەركەتلەردىن يىراقلىشىشتىن باشقا ھەقىقىي يولى يوق .
[ بۇنىڭدىن بىز ئىسلام قانۇنىنىڭ زىنا ۋە بەچچىۋازلىقنى ھارام قىلىشتىكى ھىكمىتىنى بىلەلەيمىز .]
5- خوتۇنىنىڭ بالاياتقۇ بوينى راكىدىن ساقلاش : تەتقىقاتچىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى ، خەتنىسى قىلىنغان ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرى خەتنىسى قىلىنمىغان ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرىغا قارىغاندا بالاياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئاز .
[ د. مۇھەممەد بارنىڭ « خەتنە قىلىش» ناملىق كىتابى 76-ب دىن ئىلىندى . ] ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
[ پايدىلانغان ماتىريال : پروفېسسور ۋايىزۋەل ، ئامرىكا ئائىلە دوختۇرى ژۇرنىلى ، 1991-يىلى ، 41-سانىدا نەشىر قىلىنغان .]
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
 

www.islamqa.com