Sat 28 Saf 1436 - 20 December 2014
71184
رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىدا قۇرئان كەرىمدە ئىپادىلەنگەن گۈزەللىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەشكەن
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى سۈپەتلەپ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئاندۇر» دېگەن، مەن بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى كۈچلاندۇرىدىغان دەلىللەرنى بىر قانچە سائەت ئىزدەپ تاپالمىدىم، بۇنى تەكىتلەپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.


بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سورالغىنىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئەخلاقىنى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئاندۇر» دەپ  سۈپەتلىگەن.

سەئىد ئىبنى ھىشام ئىبنى ئامىرنىڭ مەدىنىگە كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئۇزۇن ۋەقەلىكتە، "ئۇ كىشى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ يېنىغا كېلىپ بەزى مەسىلىلەرنى سورىغان ۋە: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى! ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا ئۇنىڭدىن: سىز قۇرئان ئوقۇمامسىز؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى: ئوقۇيمەن دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئاندۇر» دېگەن، ئۇ كىشى: چۈشەندىم، مەن دۇنيادىن كەتكىچە بۇ مەسىلىنى ھېچ كىمدىن سورىمايمەن دېگەن". بۇ ھەدىس مۇسلىمدا746- ھەدىستە رىۋايەت قىلىنغان. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇ كىشى: "ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى! ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا ئۇنىڭدىن: ئى بالام! سىز قۇرئان ئوقۇمامسىز؟ ئاللاھ تائالا  قۇرئاندا: «سەن بۈيۈك ئەخلاققا ئېگىسەن» دېگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئاندۇر" دەيدۇ. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ يەئلا ئىسنادى ساغلام دەپ رىۋايەت. قىلغان.( 8275).

ئىمام نەۋەۋىي مۇسلىمنىڭ شەرھىسىنىڭ 3-توم 268-بىتىدە يۇقىرىدىكى ھەدىسنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئانغا ئەمەل قىلاتتى، بەلگىلىمىلىرىدە توختايتتى، پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۇرەتتى، ۋەقەلىك-مىساللاردىن ئىبرەت ئالاتتى، مەنىسىنى ئويلىناتتى، ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئوقۇيتتى".

ئىبنى رەجەپ "جامىئۇل ئۇلۇم ۋەل ھىكەم" ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-توم 148-بىتىدە مۇنداق دېگەن: "يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىم ئەدەپلىرىنى يېتىلدۈرگەن، ئەخلاقى بىلەن زىننەتلەنگەن، قۇرئان مەدھىيىلىگەن ئىشلارنى رازى بولۇپ ياخشى كۆرۈپ قىلاتتى، قۇرئان سۆككەن-ئەيىبلىگەن ئىشلارنى ئۆچ كۆرەتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن ئىسپاتلانغان يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئاندۇر، قۇرئان رازى بولغان ئىشتىن رازى بولاتتى، ئۆچ كۆرگەن ئىشنى ئۆچ كۆرەتتى» دېيىلگەن".

ئىمام مۇناۋىي پەيزۇل قەدىر ناملىق ئەسىرىنىڭ 5-توم 170- بىتىدە مۇنداق دېگەن: "يەنى رەسۇلۇللاھ قۇرئان ئىپادىلىگەن بۇيرۇق-چەكلىمە، رەھمەت-ئازاب ۋە باشقا ھەممە ئىشلارنى ئۆزىدە ئەمەلىيلەشتۈرگەن".

قازى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئاندا ھاسىل بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدا مۇجەسسەملەشكەن. قۇرئان چىرايلىق دەپ قارىغان، قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ۋە ماختىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىلەن تەبىئىتى زىننەتلەنگەن. قۇرئان چەكلىگەن ۋە ئەيىبلىگەن ئىشلاردىن بەك يىراق تۇراتتى ۋە ساقلىناتتى. گوياكى قۇرئان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىلا بايان قىلغاندەك...".

ئىككىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققى، (بولۇپمۇ ھازىرقىدەك دىن دۈشمەنلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل شەخسىيىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان كۈنلەردە)  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل ئەخلاقلىرى، مەدھىيەلىك سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل شەخسىيىتى، قەلبى ھۆرمەتلىك، نەپسى ئىززەتلىك، پاك شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» نامىلق ئەسىرىنىڭ 2-توم 430- 431- 432- بەتلىرىدە مۇنداق دېگەن: "بەزى ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى توپلاپ بايان قىلغان بولۇپ، مەن ئۇنىڭدىن بەزىسىنى سۈزۈپ ئالدىم: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلار ئىچىدىكى بەك سەۋىرچان، باتۇر، شىجائەتلىك، ئادالەتلىك، ئىپپەتلىك كىشى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئايالى ياكى چۆرىسى ياكى مەھرىمى بولمىغان ئاياللارنىڭ قولىنى تۇتمايتتى. بەك سېخى بولۇپ ئۆيىدە بىرەر تەڭگە-تىللانىمۇ ساقلىمايتتى. بىرەر نەرسە ھاجىتىدىن سىرت تۇرۇپ قالسا ئۇنى ھاجەتمەنلەرگە يەتكۈزمىگۇچە ئارام ئالمايتتى. ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرنىمۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتىگە يەتكىدەكلا ئالاتتى. خورما بىلەن ئارپىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلاتتى، باشقا يېمەكلىكلەرنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلاتتى. بېرىلمىگەن نەرسىنى سورىمايتتى. ئۆزىنىڭ يىللىق تەمىناتىدىن ئاشۇرۇپ قويۇپ يەنى بىر يىلى تەمىنات كەلگىچە ئىستىمال قىلاتتى. ئۆزىنىڭ ئايىغى ۋە كېيىم-كېچەكلىرىنى ياماپ كىيەتتى. ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. كىشىلەرنىڭ بەك ھايالىقى ئېدى. كىشىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ قارىمايتتى. ھەرقانداق كىشى تەكلىپ قىلسا تەكلىپىنى قوبۇل قىلاتتى. بىر ئاپقۇر سۈتچىلىك ئاددى ھەدىيە بولسىمۇ قوبۇل قىلىپ ھەدىيە بەرگۈچىنى مۇكاپاتلايتتى. سەدىقە يېمەيتتى، پەقىر-مىسكىنلەرگە چوڭچىلىق قىلماستىن دەردىنى ئاڭلايتتى. ئۆزى ئۈچۈن ئاچچىقلانماستىن پەقەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈن غەزەپلىنەتتى. ھەقىقەت گەرچە ئۆزى ياكى ساھابىلارنىڭ شەخسى مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولسىمۇ ئىجرا قىلاتتى. پەزىلەتلىك ساھابىلاردىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئۆلتۈرۈلگەندىمۇ ساھابىلار تۆگىگە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ ئۇلارغا ئۆزى يۈز تۈگە فىدىيە بەرگەن. بەزى ۋاقىتتا ئاچلىقتىن قورسىقىغا تاش تىڭىۋالاتتى. ھالال يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئىستىمال قىلاتتى، يۆلىنىپ ياكى يانپاشلاپ ئولتۇرۇپ تاماق يېمەيتتى. ئاللاھغا ئۇچراشقانغا قەدەر ئۈچ كۈن ئۇدا تويغۇدەك بۇغداي تامىقى يىمىگەندى، بېخىللىق ياكى يوقسۇللۇقتىن ئەمەس بەلكى دۇنياغا بېرىلمەيتتى، تويغا چاقىرسا باراتتى، كېسەللەرنى يوقلايتتى. جىنازا نامىزىغا قاتنىشاتتى. جەمئىيەت ئامانلىقى مۇقىمسىز پەيتلەردىمۇ قوغدىغۇچىسىز يالغۇز ماڭاتتى. بەك كەمتەر ئېدى. ھەممە كىشىگە ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلاتتى. بارىدىغان يېرىگە  كېچىكتۈرمەستىن يەتكۈزۈپ قوياتتى، ئوچۇق چىراي ئاچاتتى. دۇنيا ئىشلىرىغا غەمكىن بولۇپ كەتمەيتتى، تاپقىنىنى كىيەتتى، ئۇلاغقا مىنسە كەينىگە قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن مىنگەشتۈرەتتى، قايسى ئۇلاغ بولسا شۇنىڭغا مىنەتتى، ئاتقا، تۆگىگە، خىچىرغا گاھى ئېشەككە مىنەتتى، بەزى ۋاقىتلاردا يالاڭ ئاياق يەكتەكسىز سەللىسىز باشتاق ماڭاتتى. مەدىنىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى كېسەللەرنىمۇ يوقلاپ چىقاتتى. خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرەتتى، ناچار پۇراقلاردىن سەسكىنەتتى. كەمبەغەللەر بىلەن ئولتۇرۇپ قوپاتتى، مىسكىنلەر بىلەن بىرگە تاماق يەيتتى. ئېسىل ئەخلاقلىق كىشىلەرنى ئىكرام قىلاتتى، ئابرۇيلۇق كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ كۆڭلىنى ئۇتاتتى. ئۇرۇق-تۇغقانلارنى يوقلايتتى، ھېچ كىشىگە جاپا سالمايتتى، ئۆزرە ئېيتقان كىشىنىڭ ئۆزرىسىنى  قوبۇل قىلاتتى. چاقچاق قىلسىمۇ ھەق سۆزنى دەيتتى، قاقاھلاپ كۈلمەيتتى ۋە دۇرۇس ئويۇنلارنى كۆرسە چەكلىمەيتتى. ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مۇسابىقىلىشەتتى، ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلىسىمۇ سەۋر قىلاتتى، ئۆزىنىڭ قۇل-چۆرىلىرى بىلەن  بىللە ئولتۇرۇپ يېمەك يەيتتى. دائىم ۋاقتىنى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش ياكى ئۆز نەپسىنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. پېقىر-مىسكىن، كېسەللەرنى تۆۋەن كۆرمەيتتى، پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئەيمىنىپ كەتمەيتتى، ئۇنىمۇ ۋە بۇنىمۇ  تەڭ باراۋەر ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلاتتى.

ئەبۇل بۇختەرى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۆمىنلەردىن ھېچ كىشىگە دەشنام قىلمىغان، ئەگەر قىلىپ قالغان بولسا بۇنى ئۇنىڭ ئۈچۈن رەھمەت-كاپارەت (يەنى ئۇ ئىنساننىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلغان) قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىنسانلارغا رەھمەت قىلىنىپ ئەۋەتىلدىم، لەنەت قىلىشقا ئەۋەتىلمىدىم». مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن بىر كىشىنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇ كىشىنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلماستىن بەلكى ھىدايىتىگە دۇئا قىلاتتى. ھېچ كىشىنى قولى بىلەن ئۇرمىغان، گۇناھ بولمايدىغان ۋە ئۇرۇق-تۇققانچىلىققا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئىشلارنىڭ ئاسىنىنى تاللايتتى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىن بۇرۇن تەۋراتتا ئۇنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلى، تاللانغان بەندىسى، ئۇ قوپال، يىرىك، كوچىلاردا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىدىغانلاردىن ئەمەس، يامانلىق قىلغۇچىغا يامانلىق قىلماستىن بەلكى ئەپۇ قىلىپ كەچۈرۈم قىلىدۇ».

ئۇنىڭ ئەخلاقلىرىدىن؛ ئۇچرىغان كىشىگە ئەۋۋەلدە سالام قىلىشتۇر. ھاجەتمەن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلار ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولمىغىچە ئۇنىڭدىن ئايرىلمايتتى. بىرەر كىشى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە ئۇ كىشى قولىنى قويىۋەتمىگۈچە قولىنى قويىۋەتمەيتتى، ساھابىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرغاندا سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر ئۇنى ئايرىۋالالمايتتى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ، ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى» سۈرە ئال-ئىمران 159-ئايەت.

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېسىل ئەخلاق، ئاقىلانە سىياسەتنى جەملىدى، ئۇ ئوقۇمىغان، يازالمايدىغان ساۋاتسىز ئېدى، بىلىمسىزلىك-نادانلىق ئومۇملاشقان باياۋاندا ئۆسۈپ يېتىلدى. كەمبەغەللىكتىن باشقىلارنىڭ قويىنى باقتى، ئاتا-ئانىسى يوق يېتىملىكتە چوڭ بولدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگەتتى، ماختالغۇچى يوللارنى كۆرسەتتى، ئىلگىرى ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى. ئاخىرەتتە نىجاتلىق، بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغان، دۇنيادا غەم-قايغۇدىن خالاس بولىدىغان ئىشلاردىن تەلىم بەردى. ۋاجىپ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلدى. ئارتۇقچە ئىشلارنى تەرك قىلدى. ئاللاھ بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش، ئېسىل ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئۆرنەك ئىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن". تۈگىدى.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى بىرەر ئالىمنىڭ ياكى تەرجىماننىڭ تۈزگەن سۆزى بولماستىن بەلكى ئېتىبارغا ئىلىنىدىغان ھەدىس توپلاملىرىدىن تاللانغان ھەدىسلەردىن ئىبارەت بولۇپ سۆزنى قىسقارتىش ئۈچۈن مەنبەلىرىنى بايان قىلمىدۇق. بۇ ھەقتە تىخىمۇ تەپسىلىراق مەلۇماتقا ئېرىشىشنى خالىغانلار، ئىمام تىرمىزىينىڭ «مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ئېسىل ئەخلاقلىرى» (شەمائىل ئەلمۇھەممەدىيە) ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلسۇن.

ئاخىردا بىزنىڭ بۇ سوئالنى سورىغۇچى قېرىندىشىمىزغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: سىز ھەدىس تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدەشتە كومپيۇتور ئارقىلىق يىڭى پروگراممىلارنى  ئىشلىتىڭ، بۇنىڭ بىلەن سىز ۋاقتىڭىزنى تېجىيەلەيسىز، ھەم كۆپ چارچىمايسىز. ھۆكمىنى بىلمەكچى بولغان ھەدىسنى ئاسان تېپىپ چىقالايسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ماۋزۇلار بويىچە توپلانغان ھەدىس كىتابلىرىدىنمۇ سېتىۋېلىڭ. بولسا ئىمام نەۋەۋىينىڭ «ياخشى كىشىلەرنىڭ باغچىسى» ۋە ئىبنى مۇنزىرنىڭ «رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش» ناملىق ئەسەرلىرىنى سېتىۋالسىڭىز ياخشى بولىدۇ. بۇ كىتابلار ماۋزۇلار بويىچە رەتلەنگەن، ھەر ماۋزۇغا مەشھۇر ئالتە ھەدىس توپلىمى ۋە باشقا كىتابلاردىن ئالاقىدار بولغان ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەن. بەزى ئالىملار بۇ كىتابلارنى تەتقىق قىلىپ ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ۋە زەئىپلىرىنى ئايرىغان، شەيخ ئەلبانىيمۇ ئۇلارنىڭ بىرىدۇر.

ئاللاھدىن سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا، تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلىرىڭىزغا كۆپ ئەجىر ئاتا قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ سىزنى ۋە بىزنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال-جاۋاب تور بېكىتى