جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تۆگە، كالا ۋە قوينىڭ زاكات بەلگىلىمىسى توغرىسىدا

سۇئال

شەرىئەتتە چارۋىلارنىڭ زاكات بەلگىلىمىسى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق چارۋىلار تىجارەت مەقسىتىدە بېقىلغان بولسا، يەنى باقمىچىلىق قىلغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇ چارۋىلارغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ.

   1- تۆگىنىڭ ئۆلچىمى: ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن تۆگە بەش بولغاندا ئۇنىڭغا بىر قوي زاكات كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئون بولغاندا ئىككى قوي، ئون بەش بولغاندا ئۈچ قوي، يىگىرمە بولغاندا تۆت قوي زاكات كېلىدۇ، يىگىرمە بەش بولغاندا، بىر يېشى توشۇپ ئىككىنچى ياشقا قەدەم قويغان بىر چىشى بوتۇلاق زاكات كېلىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ھەدىستە بايان قىلىنىدۇ.

    تۆت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز تۆگىسى بولغان كىشىگە زاكات كەلمەيدۇ لېكىن ئۆزى خالاپ بىر نەرسە بەرسە بولىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنەسنى بەھرەينگە يولغا سالىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا مۇنۇ خەتنى يېزىپ بەرگەن: «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا ئادا قىلىشنى بۇيرىغان پەرز زاكاتنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. زاكات توپلايدىغان كىشىلەر مۇسۇلمانلاردىن بەلگىلىمە بويۇنچە ئالسا بەرسۇن، ئەگەر بەلگىلىمىدىن ئارتۇق ئالىمەن دېسە بەرمىسۇن: تۆگە يىگىرمە تۆت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولسا، ھەر بەش تۆگىگە بىردىن قوي زاكات كېلىدۇ، ئەگەر تۆگە يىگىرمە بەشتىن ئوتتۇز ئالتىگىچە بولسا بۇنىڭغا بىر يېشى توشۇپ ئىككىنچى ياشقا قەدەم قويغان بىر چىشى بوتۇلاق زاكات كېلىدۇ، ئوتتۇز ئالتىدىن قىرىق بەشكىچە بولسا، بۇنىڭغا ئىككى يېشى توشۇپ ئۈچىنچى ياشقا قەدەم قويغان بىر چىشى بوتۇلاق زاكات كېلىدۇ، قىرىق ئالتىدىن ئاتمىشقىچە بولسا، بۇنىڭغا ئۈچ ياشنى تولۇقلىغان، ئەركەك تۆگە يېقىن كېلىدىغان بىر چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ، ئاتمىش بىردىن يەتمىش بەشكىچە بولسا، بۇنىڭغا تۆت ياشنى تولۇقلىغان چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ، يەتمىش ئالتىدىن توقسەنگىچە بولسا، بۇنىڭغا ئىككى يېشى توشۇپ ئۈچىنچى ياشقا قەدەم قويغان ئىككى چىشى بوتۇلاق زاكات كېلىدۇ، توقسان بىردىن بىر يۈز يىگىرمىگىچە بولسا، بۇنىڭغا ئۈچ ياشنى تولۇقلىغان، ئەركەك تۆگە يېقىن كېلىدىغان ئىككى چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ، بىر يۈز يىگىرمىدىن ئاشقاندا، ھەر قىرىقتا ئىككى يېشى توشۇپ ئۈچىنچى ياشقا قەدەم قويغان بىر چىشى بوتۇلاق زاكات كېلىدۇ، ھەر ئەللىكتە ئۈچ ياشنى تولۇقلىغان، ئەركەك تۆگە يېقىن كېلىدىغان بىر چىشى تۆگە زاكات كېلىدۇ، بىر كىشىنىڭ پەقەت تۆتلا تۆگىسى بولسا، ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ، لېكىن تۆگىنىڭ ئىگىسى ئۆزى خالاپ بىر نەرسە بەرسە دۇرۇستۇر، بەشكە يەتكەندە ئۇنىڭغا بىر قوي زاكات كېلىدۇ...». [بۇخارى رىۋايىتى 1454-ھەدىس].

   2-كالىنىڭ بەلگىلىمىسى: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بويۇنچە ئوتتۇزدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كالا ئوتتۇزغا يەتكەندە ئۇنىڭغا بىر ياشلىق ئەركەك ياكى چىشى موزاي زاكات كېلىدۇ، قىرىققا يەتكەندە ئىككى ياشلىق ئەركەك ياكى چىشى موزاي زاكات كېلىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 622-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1804-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

  3- قوينىڭ بەلگىلىمىسى: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بىلەن قىرىقتۇر. قىرىق قويغا بىر قوي زاكات كېلىدۇ. ھەدىستە: «يايلاقتا بېقىلغان قوينىڭ زاكىتى قىرىقتىن بىر يۈز يىگىرمىگىچە بولسا بۇنىڭغا بىر قوي زاكات كېلىدۇ، بىر يۈز يىگىرمىدىن زىيادە بولۇپ، ئىككى يۈزگە يەتسە بۇنىڭغا ئىككى قوي زاكات كېلىدۇ، ئىككى يۈزدىن زىيادە بولۇپ ئۈچ يۈزگە يەتسە، بۇنىڭغا ئۈچ قوي زاكات كېلىدۇ، ئۈچ يۈزدىن زىيادە بولغاندا، ھەر يۈز قويغا بىر قوي زاكات كېلىدۇ، ئەگەر يايلاقتا بېقىلغان قوي قىرىقتىن ئاز بولسا، ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ لېكىن قوينىڭ ئىگىسى ئۆزى خالاپ بەرسە بولىدۇ».

    كۆپچىلىك ئالىملار چارۋىلاردا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىشى ئۈچۈن چارۋىلارنىڭ يايلاقتا بېقىلغان بولىشىنى شەرت قىلدى، يەنى يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا يايلاقتىن ئۆت-چۆپ يەيدىغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئەمما ئۆيدە ھەلەپ ئېتىپ بېرىپ باققان قوي بولسا، ئەگەر تىجارەت مەقسىتىدە باققان بولسا زاكات كېلىدۇ، ئۇنداق بولمىسا زاكات كەلمەيدۇ. يايلاقتا بېقىلغان بولۇشنىڭ شەرتى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قويغا زاكات ۋاجىپ بولۇش ئۇ يايلاقتا بېقىلغان بولىشى كېرەك». ["ئەلمۇغنى" 2-توم 230-243-بەت].

    "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 9-توم 202-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "يايلاقتا بېقىلغان تۆگە، كالا ۋە قويلار زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ئۇنىڭغا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقىغا ئالىملار بىرلىككە كەلدى. تۆگىدە ئاۋۋىلى بەشتۇر، كالىدا ئوتتۇزدۇر. قويدا قىرىقتۇر. يايلاقتا دېگەن ئۆيدە ھەلەپ ئېتىپ بەرمەستىن سىرتتىكى ئوت-چۆپلەردە بېقىلغان دېمەكتۇر. ئىشلەمچى ھايۋان دېگەن ئىگىسى ئۈستىگە يۈك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئارتىدىغان ھايۋان دېمەكتۇر.

    ئالىملار ھەلەپ بىلەن باققان ئۇلاغ بىلەن ئىشلىتىدىغان ئۇلاغقا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولۇش ھۆكمى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشتا بولدى. كۆپچىلىك ئالىملار بۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ دەپ قارىدى. ئەھمەد، نەسائىي ۋە ئەبۇ داۋۇد بەھىز بىن ھەكىيم ئاتىسىدىن ئاتىسى چوڭ ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: «يايلاقتا بېقىلغان تۆگە قىرىق بولسا ئۇنىڭغا ئىككى ياشلىق چىشى بوتۇلاق زاكات كېلىدۇ» تۆگىگە زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىشى يايلاقتا بېقىلىش شەرتى بىلەن بولىدۇ. ئۆيدە ھەلەپ بىلەن باققان بولسا زاكات كەلمەيدۇ. ئىشلىتىدىغان ئۇلاغ توغرىسىدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىشلىتىدىغان ئۇلاغقا زاكات كەلمەيدۇ». ئىمام مالىك ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملار ھەلەپ بىلەن باققان ئۇلاغ بىلەن ئىشلىتىدىغان ئۇلاغقا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى". 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى