سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىگىمۇ ھەج قىلىش پەرز بولامدۇ؟

71466

تارقاتقان ۋاقىت : 10-10-2014

كۆرگۈچىلەر : 3167

سۇئال

مەن 17 يىلدىن بىرى تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، داۋالىنىپ تۇرساممۇ روھى-ھالىتىم بىر خىل ئەمەس، بەزى ۋاقىتتا كېسىلىم قاتتىق تۇتىدۇ، ئەمما كېسەلنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى ۋە تەرتىپى يوق، كېسەل تۇتقان بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا كىچىك تەرەت قىلىپ قويىمەن. مۇشۇنداق ھالەتتە ماڭا ھەج قىلىش پەرز بولامدۇ؟ ياكى ۋاكالىتەن باشقا بىر كىشىنى ئەۋەتىپ بەدەل ھەج قىلدۇرسام توغرا بولامدۇ؟، بىر تۇققان قېرىنداشلىرىمغا كۆپ ئىقتىسادى قەرزىم بار، مېنىڭ پەرزەنتىم يوق، ئۇلار مېنىڭ بىردىن مىراسخورىم، شۇنداقلا، ئۇلار مېنى داۋالاتتى ۋە قەرزلىرىمنى كۆتۈرىۋەتتى؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئالدى بىلەن جانابى ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ كېسىلىڭىزگە شىپالىق تىلەش بىلەن بىرگە، سىزگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە ئەجىر-ساۋاپ تىلەيمىز.

ئىككىنچى: ھەجنىڭ پەرز بولىشى ئۈچۈن سالامەتلىكى ياخشى بولۇش ۋە يەتكۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولۇش شەرت قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا تەرجىمىسى: قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. [سۈرە ئال-ئىمران 97-ئايەت].

كېسەللىك سەۋەبىدىن ھەج سەپىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ياكى ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان ۋەياكى سەپەر قىلىپ بۇ پائالىيەتلەرنى ئادا قىلىش بەك قىيىن بولغان كىشىگە ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىيتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەپەر مۇشەققىتى قىيىن بولغان كېسەللەردىن پەرز ھەجنىڭ ساقىت بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق" تۈگىدى. [ئەدۋائۇل بايان].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللادىن:13 يىلدىن بىرى تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر كىشى، كېسەللىك ئەھۋالىنى (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) دورا ئارقىلىق كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما چارچىغان ۋاقىتلاردا يەنىلا ئۇ ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كېسەلگە بەرداشلىق بېرىپ ئۆزى ھەج قىلىشى كېرەكمۇ ياكى باشقا بىرىنى ۋەكىل قىلىپ ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلدۇرۇشى دۇرۇس بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر كېسەلنىڭ ساقىيشىدىن ئۈمىت بولمايدىكەن، ئىقتىسادى بولسا ئۆزىگە ۋاكالىتەن ھەج-ئۆمرە قىلىدىغان بىر كىشىنى ۋەكىل قىلىشى كېرەك، ئىقتىسادى بولمايدىكەن ئۇ كىشىگە ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ، ئەمما داۋالىنىش بىلەن كېسەلدىن ساقىيىش ئۈمىدى بولسا، داۋالانغاچ ئاللاھ تائالادىن كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ كۈتۈپ تۇرۇش كېرەك. ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلەش بىلەن بىرگە قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشىنى سورايمىز" تۈگىدى. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى21-توم 167].

يۇقىرىدا شەيخنىڭ بۇ مەسىلىگە بەرگەن جاۋابى بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىدۇر.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەج قىلىشنىڭ شەرتلىرى تېپىلغان بولسىمۇ، مەلۇم كېسەللىك ياكى بەدەن ئاجىزلىقى ۋەياكى بەك ياشىنىپ قالغانلىق سەۋەبلەر بىلەن سەپەر مۇشەققەتلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشىلەر، قاچانكى ئۆزى ئۈچۈن ۋاكالىتەن ھەج قىلىدىغان كىشى تېپىلىدىكەن، ھەجگە ئەۋەتىپ ھەج قىلدۇرسا توغرا بولىدۇ. مانا بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام شافىئىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر" تۈگىدى. [ئەلمۇغنىي ناملىق ئەسەر 3-توم 91-بەت].

بۇنىڭ دەلىلى: بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ھەج قىلىشنى پەرز قىلغان ۋاقىتتا، دادام بەك ياشىنىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلاغدا ئولتۇرالمايدىغان ھالدا ئىدى، (يەنى قاتناش ۋاستىلىرىدا يول يۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ) مەن دادام ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويسام توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەئە، توغرا بولىدۇ، دېگەن. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 1513 - ھەدىس].

شۇنىڭغا ئاساسەن، ھازىر سىز بىۋاستە ھەجگە بېرىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ، ئەگەر سىزنىڭ كېسىلىڭىز ئىشەنچىلىك دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ساقىيىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ دېئاگونۇز قويۇلغان بولسا، ئاللاھ سىزگە شىپالىق بەرگۈچە قەدەر ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ، ساقايغاندىن كىيىن ھەج قىلىشقا يەتكۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولسىڭىز، ھەج قىلىش پەرز بولىدۇ.

ئەمما كېسلىڭىزنىڭ ساقىيشىدىن ئۈمىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سىزنىڭ ھەج قىلىشقا يەتكۈدەك ئىقتىسادىڭىز بولسا، سىز ئۆزى ھەج قىلىپ بولغان بىر كىشىنى تېپىپ، ئۆزىڭىزگە ۋەكىل قىلىپ ھەج قىلدۇرۇشىڭىز لازىم.

ئۈچىنچى: مادامىكى قېرىنداشلىرىڭىز سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، قەرزىڭىزنى كۆتۈرۈۋەتكەن ئىكەن، ھەج قىلسىڭىز ياكى بەدەل ھەج قىلدۇرسىڭىز ھەججىڭىزگە ھېچ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

جانابى ئاللاھ تائالا كېسىلىڭىزگە شىپالىق ئاتا قىلسۇن. سىز ۋە بىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن سورايمىز.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈرپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى