سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول قىلسا بولامدۇ؟

7205

تارقاتقان ۋاقىت : 31-07-2010

كۆرگۈچىلەر : 6974

سۇئال

سوئال: جەمئىيەت ناھايىتى قالايمىقان بولغاچقا، بالىلارنىڭ يېشىنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولسا بالىنى ياخشى تەربىيەلىيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەر بەش يىلدا بىر بالا ئېلىشنى پىلان قىلىپ تۇرۇپ تۇغۇتنى كونترول قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب:
مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.
بىز بۇ سوئالنى شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىندىن سورىدۇق، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى
ئەگەر مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت تۇغۇت چەكلەش بولسا، بۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ: مېھرىبان ۋە تۇغۇمچان ئاياللار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇڭلار...
ئەگەر سەۋەب ئايال كىشىدە بولسا- ئۇ ئايال ئارقا-ئارقىدىن ھامىلىدار بولۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىسە- بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يول قويۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەڭ ياخشىسى بۇنداق قىلمىغىنى ياخشى.
سوئال: ئۇنداقتا سىز ئاياللارنىڭ شارائىتىنى جەمئىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇش ئەھۋالىدىن بەكرەك مۇھىم دەپ قارامسىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە، چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنىڭ ناچار ياكى ياخشى ئىنسان بولىشىنى بىلمەيدۇ، بەلكى ياخشى ئادەم بولۇپ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا توھپە قوشۇشى مۇمكىن.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ.