سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

جىننىڭ ئىنسانغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر

73412

تارقاتقان ۋاقىت : 05-07-2021

كۆرگۈچىلەر : 5137

سۇئال

ئىنسانغا جىننىڭ ئەزىيەت يەتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئىنسان قىيامەت كۈنى جىن ئەزىيەت يەتكۈزگەندىن كىيىنكى ئەمەللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئۈستىگە ئالىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: شۇنداق جىننىڭ ئىنسانغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشى مۇمكىن.بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّتەرجىمىسى: جازانە، ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن 1144742073392141819- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جىننىڭ ئىنسان جىسمىغا كىرىۋېلىشى ئەھلى-سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ئىسپاتلانغان، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّتەرجىمىسى: جازانە، ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت].

سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: شۈبھىسىزكى، شەيتان ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ قان تومۇرىدا ماڭىدۇ. [پەتىۋالار توپلىمى 24-توم 276-277-بەتلەر].

ئىككىنچى: ئىنسانغا جىن چىپىلىپ قىلىشمۇ كېسەلنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئىنساندا مۇشۇنداق كېسەللىك بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەقلى-ھوشى جايىدا، ئىختىيارى ئىش-ھەرىكەت قىلالايدىغان بولىدىكەن، ئۇ كىشى ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. ئەمما كېسەللىك سەۋەبىدىن ئەقلى ۋە ئىختىيارلىقىنى يوقىتىپ قويىدىكەن، ئۇ كىشى مەجنۇن-ساراڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل-ئىبادەت تەكلىپى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب تىلىدىمۇ: جىن چاپلىشىۋالغان كىشى مەجنۇن دەپ ئاتىلىدۇ. [لىسانۇل ئەرەب 6-توم 217-بەت].

شۇنداقلا ئەقلىدىن ئاداشقان يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا ئۇنى تۆلەيدۇ."زادۇل مىئاد" ناملىق ئەسەر 4-توم 66-71].

"پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى" ناملىق ئەسەر 16-توم 106-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "پىقھى ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن، مەجنۇن دېگەن؛ ھوشسىز ياكى ئۇخلاپ قالغان كىشىگە ئوخشاشتۇر، بەلكى ئىختىيارىنى يوقىتىشتا ئۇ ئىككىسىدىنئېغىرراق بولىدۇ. ئۇخلاپ قالغان كىشىنىڭ ئۇيقۇچىلىقتىكى: تالاق، نىكاھ، مۇسۇلمان بولۇش ۋە مۇرتەد بولۇش، ئالماق-ساتماق ۋە باشقا ساھەدىكى سۆزلىرى كۈچكە ئىگە قىلىنمايدۇ. ئۇنداق بولغاندىن كىيىن ھوشىدىن كەتكەن ياكى مەجنۇن كىشىنىڭ ئىپادىلىرى، ئەلۋەتتە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. چۈنكى مەجنۇندا ئەقىل يوق، بىر نەرسىنى ئايرىيالمايدۇ ۋە ھېچقانداق سالاھىيەت بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن: ئۇخلاپ قالغان كىشى ئويغانغىچە، كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكىچە، ساراڭ ئەقلىگە كەلگۈچە. [بۇ ھەدىسنى ھەدىسشۇناسلار سەھىھ ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن]. شۇنىڭ ئۈچۈن زىيانلىق بولغان ئاغزاكى تەسەررۇپاتلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ". تۈگىدى.

"پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى" ناملىق ئەسەر 16-توم 107-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئەمما كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تۆلەش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ھەق ئۇ كىشى ئۈستىدىن ساقىت قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بۇ ھەقنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ئىگىلىرى ئۇنىڭ يەنى مەجنۇن كىشىنىڭ مېلىدىن تۆلەشكە بۇيرۇلىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىدىن جىنايەت سادىر بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىنى جازالىماستىن بەلكى ئۇنىڭ مېلىدىن تۆلەم ئىلىنىدۇ. ساراڭلىق ھالىتىدە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇزۇۋەتسە ئۇنى تۆلەيدۇ، بىرەر كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنمايدۇ بەلكى ئۇنىڭ مېلىدىن دىيەت تۆلىتىلىدۇ". تۈگىدى.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى