سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتالماسلىق

سۇئال

بىر ئايال پىسخىكا كېسىلى بولۇپ قالدى (قىززىش، تۇراقسىزلىق، نىرۋا چىچىلىش قاتارلىق) شۇنىڭ تەسىرىدە تۆت يىلغا يىقىن روزا تۇتمىدى، مۇشۇنداق ھالەتتە تۇتمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ ياكى بۇنىڭغا باشقا ھۆكۈم بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەگەر روزا تۇتۇشقا قادىر بولالماي روزا تۇتمىغان بولسا، كىيىن روزا تۇتۇشقا قادىر بولغاندا تۇتالماي قالغان تۆت يىللىق رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَۗ يُرِيدُ اللَّـهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّـهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَتەرجىمىسى: كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئەللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

ئەمما دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرىشى بويىچە ئۇ ئايالنىڭ كېسەللىكى ۋە ئاجىزلىقى داۋاملىشىدىغان، ساقايمايدىغان ھالەتتە بولسا، ھەر كۈنلۈك تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە بىر يىرىم كىلوگېرام مىقدارىدا بۇغداي ياكى خورما ۋەياكى گۈرۈچ قاتارلىق ئائىلىسى ياكى شۇ يۇرتتا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان يىمەكلىكلەردىن بەرسە دۇرۇس بولىدۇ. شۇنىڭدەك بەك ياشىنىپ كەتكەن بوۋاي-مومايلار روزا تۇتسا بەرداشلىق بىرەلمەي، چارچاپ، ھالىدىن كىتىدىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار ئۈچۈن تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. .

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: دائىمى كومېتىتى پەتىۋاسى