جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭدا قايسى دۇئانى ئوقۇيدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

  نامازدا كەم-زىيادىلىك يۈز بەرگەندە سەھۋەنلىك سەجدىسىنى قانداق قىلىشىم كېرەك؟. سەھۋەنلىك سەجدىسى سالامدىن كېيىن بولغاندا سەجدە قىلغۇچى قايتىدىن تەشەھھۇت ئوقومدۇ ياكى ئوقۇمامدۇ؟. سەھۋەنلىك سەجدىسىدە«سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا»نى ئۈچ قېتىم تەكرارلامدۇ؟، ياكى سەھۋەنلىك سەجدىسىدە ئوقۇيدىغان باشقا زىكىرلەر بارمۇ؟. ناماز ئادا قىلغۇچى بىرىنچى تەشەھھۇتنى ئۇنتۇپ قىلىپ تۇرۇپ كەتسە ئۇ كىشىگە سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش ۋاجىپ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ ئورنى سالامدىن كېيىنمۇ ياكى بۇرۇنمۇ دېگەن مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراش بار، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەشھۇر بولغىنى: نامازدا زىيادە ئىش يۈزبەرسە سەھۋەنلىك سەجدىسى سالامدىن كېيىن بولىدۇ، كەمچىللىك يۈز بەرسە سالامدىن ئىلگىرى بولىدۇ دېگەن قاراشتۇر، ئەمما شەك بولۇپ قالغان ئىشتا: ئىككى ئېھتىماللىقىنىڭ بىرى كۈچلانسا سالامدىن كېيىن سەجدە قىلىدۇ، ئەگەر كۇچلانمىسا سالامدىن بۇرۇن سەجدە قىلىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 12527- نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    ئىككىنچى: دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 7-توم 8-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە، نامازدىكى بىرىنچى تەشەھھۇت نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىرىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرىنچى تەشەھھۇتنى ئوقۇيتتى ۋە: «مېنىڭ ناماز ئادا قىلغىنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئادا قىلىڭلار» دەيتتى. سەھۋەنلىكتىن بىرىنچى تەشەھھۇتتا ئولتۇرمىغان كىشى سەھۋەنلىك ئۈچۈن سەجدە قىلىدۇ، ئەگەر بىرىنچى تەشەھۇتتا قەستەن ئولتۇرمىغان كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ، سەھۋەنلىكتىن ئولتۇرمىغان بولسا، بۇنى سالام بېرىشتىن بۇرۇن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش ئارقىلىق تولۇقلايدۇ".

    ئۈچىنچى: سالامدىن كېيىن بولسۇن ياكى سالامدىن بۇرۇن بولسۇن، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتىدىن تەشەھۇت ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 7895- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

    تۆتىنچى: سەھۋەنلىك سەجدىسى خۇددى نامازنىڭ سەجدىسى ئادا قىلىنغاندەك ئادا قىلىنىدۇ، نامازنىڭ سەجدىسىگە ئوخشاش يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىنىدۇ. سەجدىدە ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان «سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا» دېگەن زىكىر بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىلىقىدا: «رەببىغ پىرلى-رەببىم مېنى مەغپىرەت قىلغىن) دېگەن زىكىرنى ئېيتىدۇ، سەھۋەنلىك سەجدىسىگە خاس بولغان ئايرىم بىر زىكىر يوق، مانا بۇ ئالىملارنىڭ بېكىتكەن قارارىدۇر.         

   مىرداۋىي "ئەلئىنساپ" 2-توم 159-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "سەھۋەنلىك سەجدىسىدە ۋە سەجدىدىن تۇرغاندا نامازنىڭ سەجدىسى ۋە سەجدىدىن بېشى كۆتۈرگەندە دېگەن زىكىرلەرنى دەيدۇ".

   رەملىي"نىھايەتىل مۇھتاج" 2-توم 88-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:"سەھۋەنلىك سەجدىسىدە پېشانىسىنى زېمىنغا قويۇش، ئارامدىللىق بىلەن قىلىش ۋە ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇش قاتارلىق ۋاجىپ ۋە سۈننەت ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى نامازنىڭ سەجدىسىگە ئوخشايدۇ".                                                 

    بەزى پىقھى ئالىملىرى سەھۋەنلىك سەجدىسىدە: «سەھۋەنلىك سادىر بولمايدىغان ۋە ئۇخلىمايدىغان ئاللاھ ھەممىدىن پاكتۇر» دېيىشنى ياخشى دەپ قارىسىمۇ لېكىن بۇنىڭغا دەلىل يوق، يولغا قويۇلغىنى نامازنىڭ سەجدىسىدە دەيدىغان زىكىرنى دېيىشتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا بىر زىكىرنى ئادەت قىلىش يوق.

   ئالىملارنىڭ بۇ سوئال توغرىسىدىكى باشقا قاراشلار ئىلگىرى 39399 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا  نەقىل قىلىنغان.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى