Wed 4 Saf 1436 - 26 November 2014
78247
روزىنىڭ ساۋابى ئۇنىڭ مۇشەققىتىنىڭ مىقدارىدا بولامدۇ
ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا روزىنىڭ ساۋابى ئوخشاش بولامدۇ ياكى روزا تۇتقۇچىنىڭ تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىگە ئاساسەن پەرقلىق بولامدۇ؟. مەسىلەن: سوغۇق بەلۋاغ رايونىدا ياشايدىغانلار رامزاندا ئۇسسۇزلۇق-ئىسسىق ھېس قىلمايدۇ، ئەمما ئىسسىق بەلۋاغ رايونىدا ياشاۋاتقانلار بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ رامىزاندا ئىلىپ بارىدىغان ياخشى ئەمەللىرىدىن باشقا، تۇتقان روزىسىغا بېرىلىدىغان ساۋاب پەرقلىق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     ئەگەردە ئىبادەت مۇشەققەتلىك ئەھۋال ئاستىدا ئادا قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان بولسا، تائەت-ئىبادەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش كېرەك. يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا ئىبادەتتە جاپا-مۇشەققەت كۆپ بولغانسېرى ئۇنىڭ ساۋابىمۇ كاتتا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «ئىبادەتتە ساڭا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاب، سېنىڭ تارتقان جاپا-مۇشەققىتىڭ ياكى سەرپ قىلغان نەرسىنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ.» [ھاكىم رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ: "ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب" ناملىق ئەسىرى 1116-ھەدىستە بايان قىلغان. ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان].

      ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "شەرھى مۇسلىم" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىبادەتتە ساڭا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاب، سېنىڭ تارتقان جاپا-مۇشەققىتىڭ ياكى  سەرپ قىلغان نەرسىنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ» دېگەن بۇ ھەدىسىدىن شۇ ئاشكارا بولىدۇكى، ئىبادەتتە ساۋاب-پەزىلەتنىڭ كۆپ بولىشى جاپا مۇشەققەت ۋە خەيرى-ئېھساننىڭ كۆپ بولىشى بىلەن بولىدۇ. ھەدىستە بايان قىلىنغان «جاپا-مۇشەققەت ياكى  سەرپ قىلغان نەرسە» دېگەنلىك شەرىئەت ئېتىبارغا ئالغان ھالدا بولىشى كېرەك. تۈگىدى.

     "ئەجىر-ساۋاپ جاپا-مۇشەققەتنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ" دېگەن بۇ قائىدە ھەممە ئەمەل-ئىبادەتكە ئىشلىتىلمەيدۇ، چۈنكى بەزى يەڭگىل ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ئىنتايىن كاتتا بولىدۇ.

      ئىمام زەركىشى رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەنسۇر فى ئەلقەۋائىد" ناملىق ئەسىرى 2-توم 415-419-بەتلەردە مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك: «ئىبادەتتە ساڭا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاب، سېنىڭ تارتقان جاپا-مۇشەققىتىڭ ياكى سەرپ قىلغان نەرسىنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەممە ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، چۈنكى بەزى ئەمەل-ئىبادەتلەر ئاز ۋە يەڭگىل بولسىمۇ ئۇنىڭ ساۋابى كاتتا بولىدۇ، مەسىلەن:

     -مۇساپىر ئۈچۈن نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇش تولۇق ئوقۇغاندىن ياخشى.

     - نامازنى بىر قېتىم جامائەت بىلەن ئوقۇش يالغۇز 25 قېتىم ناماز ئوقۇغاندىن ئەۋزەلدۇر.

     - بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى يەڭگىل ئوقۇش ئۇزۇن ئوقۇغاندىن ياخشى.

     -قۇربانلىق قىلغان ئۇلاغنىڭ گۆشىدىن ئۆزىمۇ يەپ ئاندىن سەدىقە قىلىش، ئۇنى يېمەستىن پۈتۈن سەدىقە قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر.

     -نامازدا قىسقا سۈرىلەرنىڭ ئوقۇش بەزى ئۇزۇن سۈرىلەرنىڭ قىرائەت قىلىپ ئوقۇغاندىن ياخشى. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا شۇنداق قىلغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان.

     ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى